جۇڭگو خەلق بانكىسى، جۇڭگو ئاكسىيە نازارەتچىلىكى كومىتېتىنىڭ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى

日期:2022年12月06日
来源:新疆日报网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 4 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو خەلق بانكىسى 12 - ئاينىڭ 4 - كۈنى مۇنداق ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقاردى: يولداش جياڭ زېمىنغا بولغان چەكسىز ھۆرمەت ۋە چوڭقۇر تەزىيە ھېسسىياتىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن، يولداش جياڭ زېمىن دەپنە ئىشلىرى ھەيئىتىنىڭ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى (2 - نومۇرلۇق)نىڭ روھىغا ئاساسەن، 12 - ئاينىڭ 6 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن تەزىيە بىلدۈرۈش يىغىنىدا سۈكۈتتە تۇرۇپ تەزىيە بىلدۈرگەن مەزگىلدە، بانكىلار ئارا زايوم بازىرى، پۇل بازىرى، تاشقى پېرېۋوت بازىرى، ۋېكسېل بازىرى، ئالتۇن بازىرىدا سودا ئۈچ مىنۇت ۋاقىتلىق توختىتىلىدۇ.

جۇڭگو ئاكسىيە نازارەتچىلىكى كومىتېتى 12 - ئاينىڭ 4 - كۈنى مۇنداق ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقاردى: يولداش جياڭ زېمىنغا بولغان چەكسىز ھۆرمەت ۋە چوڭقۇر تەزىيە ھېسسىياتىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن، يولداش جياڭ زېمىن دەپنە ئىشلىرى ھەيئىتىنىڭ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى (2 - نومۇرلۇق)نىڭ روھىغا ئاساسەن، 12 - ئاينىڭ 6 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن يولداش جياڭ زېمىنغا تەزىيە بىلدۈرۈش يىغىنىدا سۈكۈتتە تۇرۇپ تەزىيە بىلدۈرگەن مەزگىلدە، ئاكسىيە، قەرەللىك مال بازىرى ئۈچ مىنۇت ۋاقىتلىق توختىتىلىدۇ، تەزىيە بىلدۈرۈش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن سودا ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ.