يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشتىكى ئاساسىي قانۇن ئاساسىنى پۇختىلاش

日期:2022年12月05日
来源:新疆日报网
【字体:

− پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان ئاساسىي قانۇننىڭ مۇكەممەللەشتۈرۈلگەنلىكى، ئاساسىي قانۇننىڭ قوغدالغانلىقى توغرىسىدا ئۇنىۋېرسال بايان

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى ياڭ ۋېيخەن، لو شا، شيۇڭ فېڭ، چى چى

ئاساسىي قانۇن دۆلەتنىڭ تۈپ قانۇنى، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، خەلقنى ئەمىن تاپقۇزۇشنىڭ باش نىزامنامىسى، پارتىيە ۋە خەلق ئىرادىسىنىڭ مەركەزلىك ئىپادىسى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئاساسىي قانۇننى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئاساسىي قانۇننىڭ ئىززەت - ھۆرمىتى ۋە نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، ئاساسىي قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشىنى يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈپ، يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشتىكى ئاساسىي قانۇن ئاساسىنى پۇختىلاپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى تۈپ قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى.

دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە ئاساسىي قانۇن ئاساسىنى پۇختىلاش

«دۆلىتىمىز ئاساسىي قانۇنى پارتىيە ۋە خەلق ئېلىپ بارغان جاپالىق كۈرەش ۋە ياراتقان شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەر بىلەن زىچ باغلانغان، پارتىيە ۋە خەلق ئاچقان ئالغا ئىلگىرىلەش يولى ۋە توپلىغان قىممەتلىك تەجرىبىلىرى بىلەن زىچ باغلانغان.»

2012 - يىلى 12 - ئاينىڭ 4 - كۈنى بېيجىڭ خەلق سارىيى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ پايتەختتىكى ھەر ساھەنىڭ ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئاساسىي قانۇننىڭ ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

2022 - يىلى 10 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 20 - قۇرۇلتىيى داغدۇغىلىق ئېچىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا ئاساسىي قانۇن يادرو قىلىنغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدا مۇھىم ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

ئاساسىي قانۇن دۆلەتنىڭ ئىستىقبالى، خەلقنىڭ تەقدىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.

ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئاساسىي قانۇن 1982 - يىلى ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدە دەۋرنىڭ ئىلگىرىلەش قەدىمىگە يېقىندىن ئەگىشىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈردى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاساسىي قانۇننىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم رولىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاساسىي قانۇن دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى، مۇكەممەللەشتۈرۈلدى، ئاساسىي قانۇن نەزەرىيەسى، تۈزۈمى ۋە ئەمەلىيىتى ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىپ راۋاجلاندى، ئاساسىي قانۇن يادرو قىلىنغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسى تېخىمۇ پىشىپ يېتىلدى، مۇكەممەللەشتى.

ئاساسىي قانۇن ئۈزلۈكسىز تۈردە يېڭى ۋەزىيەتكە ئۇيغۇنلىشىپ، يېڭى تەجرىبىلەرنى قوبۇل قىلىپ، يېڭى نەتىجىلەرنى مۇئەييەنلەشتۈرگەندىلا، ئاندىن ئۇزاق داۋاملىشىدىغان ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولالايدۇ. دۆلەتنىڭ ئاساسى، قانۇننىڭ مەنبەسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش پۈتۈن ۋەزىيەتكە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، تەسىرى كەڭ، چوڭقۇر ۋە ئۇزاق.

بۇ، جۇمھۇرىيەت ئاساسىي قانۇنىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدىكى ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە پەيت −

2018 - يىلى 3 - ئاينىڭ 11 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنىدا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمە لايىھەسى» ئاۋازغا قويۇلۇپ يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ماقۇللاندى. قىزغىن ئالقىش سادالىرى خەلق سارىيىدا ئۇزاققىچە ياڭرىدى.

مەۋقەنى يېڭى تارىخىي ئورۇنغا قويۇپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش يېڭى ۋەزىيىتى، يېڭى ۋەزىپىسىنى نەزەردە تۇتۇپ ئاساسىي قانۇنغا مۇۋاپىق تۈزىتىش كىرگۈزۈش دەۋرنىڭ مۇقەررەرلىكى، ئەمەلىيەتنىڭ زۆرۈرلۈكى، قانۇنچىللىقنىڭ ئېھتىياجى.

شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئاساسىي قانۇنغا كىرگۈزۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىشنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنىڭ مەزمۇنىنى تەڭشەپ، تولۇقلاپ، رېۋىزىيە كومىتېتىغا ئالاقىدار تۈرلۈك بەلگىلىمىلەرنى كۆپەيتىش... پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئەمەلىيەت داۋامىدا قولغا كەلتۈرگەن نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشتىكى مۇھىم، زور نەتىجىلىرىنى دۆلەتنىڭ تۈپ قانۇنى ئارقىلىق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ئۇنى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق مىزانىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

قەتئىي ھالدا قانۇن بويىچە، تەرتىپ بويىچە ئېلىپ بېرىش، ئاساسىي قانۇنغا قىسمەن تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، چوڭ تۈزىتىش كىرگۈزمەسلىكتە چىڭ تۇرۇش، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ پىكرىنى تولۇق ئاڭلاپ ئۆتۈش... ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشتە پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئەقىل - پاراسىتى مۇجەسسەملىنىپ، جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ ئورتاق تونۇشى مۇجەسسەملىنىپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئورتاق ئىرادىسى ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ چىن قەلبىدىن ھىمايە قىلىشىغا ئېرىشتى.

ھەرقايسى ساھەدىكىلەر بىردەك مۇنداق قارىدى: بۇ قېتىمقى ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىدىكى يېڭى مۇۋەپپەقىيەت، يېڭى تەجرىبە، يېڭى تەلەپلەرنى نامايان قىلىپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك ئاساسىي قانۇن كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى.

قانۇن دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ مۇھىم قورالى، ياخشى قانۇن ياخشى ئىدارە قىلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاساسىي قانۇن يادرو قىلىنغان، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىش مۇساپىسىنى ئالغا سىلجىتىش بىلەن ئۇيغۇنلاشقان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈلدى، راۋاجلاندۇرۇلدى.

ئاساسىي قانۇننىڭ تۈزىتىلمە لايىھەسى ئارقىلىق، ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى، چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش قانۇنى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى قاتارلىق قانۇنلارنى تۈزۈش، نۇقتىلىق ساھە، يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھە، چەتكە چېتىشلىق ساھەلەرگە دائىر قانۇن چىقىرىشنى كۈچەيتىش... ئاساسىي قانۇن يادرو قىلىنغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ تۈزۈم ئاساسى مۇستەھكەملەندى.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تەشكىلىي قانۇنى، يەرلىك تەشكىلىي قانۇنى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئىش قائىدىسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئىش قائىدىسى، رېۋىزىيە قانۇنى، خەلق سوت مەھكىمىسى تەشكىلىي قانۇنى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەشكىلىي قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ياكى تۈزۈش... ئاساسىي قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشىغا زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان قانۇن - تۈزۈملەردە دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش، مۇكەممەللەشتۈرۈش، راۋاجلاندۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇندى.

«بىز تۈزگەن، تۈزىتىش كىرگۈزگەن نۇرغۇن قانۇن ۋە قانۇن مەسىلىلىرى توغرىسىدىكى قاراردا <ئاساسىي قانۇنغا ئاساسەن> تۈزۈش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، بۇ، بىر تەرەپتىن ئاساسىي قانۇننىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسىدىكى بىرتۇتاش يېتەكچىلىك رولىنى نامايان قىلدى، يەنە بىر تەرەپتىن مۇكەممەل قانۇن - تۈزۈم ئارقىلىق ئاساسىي قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكىنىمۇ نامايان قىلدى» دېدى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇن خىزمىتى كومىتېتىنىڭ باياناتچىسى زاڭ تيېۋېي.

ئاساسىي قانۇننى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، ئاساسىي قانۇننىڭ نوپۇزىنى قوغداش

2018 - يىلى 3 - ئاينىڭ 17 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، خەلق سارىيىغا دۆلەت گېربى ئېگىز ئېسىلدى، ئاساسىي قانۇننىڭ قۇدرىتى نامايان قىلىندى.

بۇ، خەلق جۇمھۇرىيىتى تارىخىدا دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم ئاساسىي قانۇن ئالدىدا قەسەم بېرىشى. تولۇق ئاۋاز بىلەن دۆلەت رەئىسلىكىگە سايلانغان شى جىنپىڭ سول قولىنى ئاساسىي قانۇنغا قويۇپ، ئوڭ مۇشتىنى كۆتۈرۈپ قەسەمنامىنى ئوقۇدى: «مەن شۇنداق قەسەم بېرىمەنكى: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنىغا سادىق بولۇپ، ئاساسىي قانۇننىڭ نوپۇزىنى قوغدايمەن...»

ئاساسىي قانۇن پىرىنسىپىغا قاتتىق ئەمەل قىلىش، ئاساسىي قانۇندا بەلگىلەنگەن بۇرچنى ئادا قىلىش، جاراڭلىق قەسەملەر ئاساسىي قانۇن بويىچە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ئاساسىي قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قەتئىي ئىرادىسىنى نامايان قىلدى.

قانۇننى پىروگرامما قىلىپ، قانۇنغا ئەمەل قىلىپ ئىدارە قىلىش.

ئون يىلدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئاساسىي قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشىنى ۋە ئۇنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قانۇننىڭ ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشقا دائىر تۈزۈم سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاساسىي قانۇننىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئاساسىي قانۇننىڭ نوپۇزىنى قوغدىدى.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتى تەسىس قىلىنىپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇن خىزمىتى كومىتېتىدا ئاساسىي قانۇن ئىشخانىسى قۇرۇلۇپ، ئاساسىي قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشىغا تېخىمۇ كۈچلۈك تۈرتكە بولۇندى، ئاساسىي قانۇن نازارەتچىلىكى قاتارلىقلار كۈچەيتىلدى؛

قانۇن چىقىرىش قانۇنىغا مۇھىم تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ، رايون تەسىس قىلىنغان شەھەرلەرگە يەرلىك نىزام چىقىرىش ھوقۇقى بېرىلدى؛

دۆلەت شېئىرى قانۇنى تۈزۈلۈپ، دۆلەت بايرىقى قانۇنى، دۆلەت گېربى قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ، ئاساسىي قانۇندا بېكىتىلگەن دۆلەتنىڭ مۇھىم سىمۋولى ۋە بەلگىسىنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتى قوغدالدى؛

شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش قانۇنى تۈزۈلۈپ يولغا قويۇلۇپ، شياڭگاڭنىڭ سايلام تۈزۈمىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» ئىشلىرىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى:

ئاساسىي قانۇن قەسىمى بېرىش تۈزۈمى يولغا قويۇلۇپ، دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرەپ نامى بېرىلدى، ئاساسىي قانۇندا بەلگىلەنگەن ئالاھىدە كەچۈرۈم تۈزۈمى يولغا قويۇلدى...

ئاساسىي قانۇننىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇنى يولغا قويۇشتا، ئاساسىي قانۇننىڭ نوپۇزىمۇ ئۇنى يولغا قويۇشتا. دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشى ئالغا سىلجىتىلىپ، پارتىيەنىڭ ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى ئۆستۈرۈلۈپ، ئاساسىي قانۇننىڭ مۇھىم رولى كۈنسېرى گەۋدىلەندۈرۈلدى.

ئاساسىي قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشىغا بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قانۇنغا ئۇيغۇنلۇقىنى تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئەنگە ئېلىش - تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرگەندىلا، ئاندىن، ئاساسىي قانۇننىڭ ئىززەت - ھۆرمىتى ۋە نوپۇزىنى ئۈنۈملۈك قوغدىغىلى، خەلق ئاممىسىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرگىلى بولىدۇ.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاساسىي قانۇن، قانۇن كومىتېتى، دائىمىي كومىتېت قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتى قانۇن لايىھەسى قاتارلىق تەكلىپلەرنى قاراپ چىقىش جەريانىدىكى ئاساسىي قانۇنغا ئۇيغۇن، ئاساسىي قانۇنغا چېتىلىدىغان مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىشنى كۈچەيتتى، رېۋىزىيە قانۇنى، خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ تەشكىلىي قانۇنى ۋە خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ تەشكىلىي قانۇنى، ھۆكۈمەت خادىملىرى مەمۇرىي جازا قانۇنى، (دېڭىز ساقچىلىرى قانۇنى، نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت قانۇنى، ئىقتىسادىي تەپتىش قانۇنى، قەھرىمانلار، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى قوغداش قانۇنى قاتارلىقلارنى تۈزۈش ۋە ئۇنىڭغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش جەريانىدا ئاساسىي قانۇنغا چېتىلىدىغان ئالاقىدار مەسىلىلەر ئاساسىي قانۇنغا ئۇيغۇنلۇقى بويىچە تەكشۈرۈپ مۇھاكىمە قىلىنىپ، مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىندى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇلدى، دائىمىي كومىتېت ماقۇللىغان قانۇن ۋە چىقارغان قارارلارنىڭ ئاساسىي قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە، ئاساسىي قانۇن روھىنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىندى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، قانۇن چىقىرىش ئورگانلىرى ئەنگە ئېلىش - تەكشۈرۈش تۈزۈمىنىڭ قاتتىقلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، قانۇن - نىزام، ئەدلىيەلىك ئىزاھات قاتارلىق قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەردىكى ئاساسىي قانۇنغا ئۇيغۇن بولۇش، قانۇنلۇق بولۇش، مۇۋاپىق بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ مۇھاكىمە قىلىپ، ئاساسىي قانۇن، قانۇنلاردىكى بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن بولماسلىق، روشەن ھالدا نامۇۋاپىق بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر ساقلانغان بولسا، تۈزگۈچى ئورگانلارنىڭ تۈزىتىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلدى.

ئاممىنىڭ ساداسى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا بىۋاسىتە يېتىپ بېرىپ، ئەنگە ئېلىش - تەكشۈرۈش تۈزۈمى جۇڭگوچە ئاساسىي قانۇن نازارەتچىلىكىنىڭ «خەلق رايى راۋان يولى»غا ئايلاندى.

ئون يىلدىن بۇيان، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پۇقرالار، تەشكىلاتلار ئوتتۇرىغا قويغان تەكشۈرۈش تەكلىپىدىن 19 مىڭ 200دىن كۆپرەكنى قوبۇل قىلىپ، تۈزگۈچى ئورگانلارنىڭ جەمئىي 20 مىڭدىن ئارتۇق قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتكە تۈزىتىش كىرگۈزۈش، بىكار قىلىشنى بېكىتىشىگە تۈرتكە بولدى، ئاساسىي قانۇن، قانۇنلارنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتى ۋە دۆلەت قانۇنچىللىقىنىڭ بىرلىكى ئۈنۈملۈك قوغدالدى.

پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا ئاساسىي قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشى ۋە ئۇنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قانۇنغا ئۇيغۇنلۇقىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاساسىي قانۇننىڭ نوپۇزىنى قوغداش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا ئەنگە ئېلىش - تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە كۈچەيتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ يىل 10 - ئاينىڭ ئاخىرىدا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلغان قانۇن چىقىرىش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىدە ئاساسىي قانۇننى يولغا قويۇش ۋە ئۇنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا بولغان نازارەتچىلىك خىزمىتىدىكى ئەمەلىي تەجرىبىلەر يەكۈنلىنىپ ۋە قوبۇل قىلىنىپ، ئاساسىي قانۇنغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەكشۈرۈشنى تۈزۈملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش، تەرتىپلەشتۈرۈش كۈچەيتىلدى؛ ئەنگە ئېلىش - تەكشۈرۈش تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئىلمىي، ئۈنۈملۈك، سىستېمىسى مۇكەممەل بولغان تۈزۈم سىستېمىسى ئارقىلىق ئاساسىي قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىندى.

ياخشى قانۇن ئارقىلىق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ياخشى ئىدارە قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش. يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، ئاساسىي قانۇن نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قانۇننىڭ نوپۇزىنى قوغداپ، ئاساسىي قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشىنى جەزمەن تېخىمۇ يېڭى سەۋىيەگە، تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈش كېرەك.

ئاساسىي قانۇن ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قانۇن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش

شىزى كۆلى بويىدا ئاساسىي قانۇن تۈزۈشكە ئاساس سېلىندى. يېڭى جۇڭگونىڭ تۇنجى ئاساسىي قانۇن لايىھەسىنىڭ دەسلەپكى نۇسخىسى خاڭجوۋدىكى شىخۇ كۆلى بويىدىكى كۆكۈچ كۈل رەڭ كىچىك بىنادا بارلىققا كەلگەن.

2016 - يىلى 12 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، «1954 - يىلىدىكى ئاساسىي قانۇن» تارىخىي ماتېرىياللار كۆرگەزمىخانىسى بۇ يەردە ئېچىلغان بولۇپ، قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن مەنزىرىلەر ئارقىلىق كىشىلەر قانۇنچىللىق كۈچىنىڭ مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈش، ھېس قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىندى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «1954 - يىلىدىكى ئاساسىي قانۇن» تارىخىي ماتېرىياللار كۆرگەزمىخانىسى تەسىس قىلىش ئاساسىي قانۇن تەشۋىق - تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك قانۇنچىللىق ئېڭىنى كۈچەيتىش، قانۇنغا ھۆرمەت قىلىش، قانۇننى ئۆگىنىش، قانۇنغا رىئايە قىلىش، قانۇننى تەتبىقلاشقا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئاساسىي قانۇن تەشۋىق - تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى.

ئاساسىي قانۇننىڭ ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، ئاساسىي قانۇننىڭ ئۇلۇغ كۈچىنى قويۇپ بېرىش.

ئاساسىي قانۇنغا ھۆرمەت قىلىش، ئاساسىي قانۇننى ئۆگىنىش، ئاساسىي قانۇنغا رىئايە قىلىش، ئاساسىي قانۇننى قوغداش، ئاساسىي قانۇننى تەتبىقلاش كەڭ كادىرلار، ئاممىنىڭ ئاساسىي قانۇن ئېڭىنى كۈچەيتىپ، بارلىق خەلقنى ئاساسىي قانۇننىڭ سادىق ھۆرمەتلىگۈچىلىرى، ئاڭلىق رىئايە قىلغۇچىلىرى، قەتئىي قوغدىغۇچىلىرىغا ئايلاندۇردى. ئاساسىي قانۇن يادرو ۋە ۋاسىتە قىلىنىپ، ئاساسىي قانۇننى ئۆگىنىش تەشۋىق - تەربىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇش ئاساسىي قانۇننى ئىزچىللاشتۇرۇش، يولغا قويۇش، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش، سوتسىيالىستىك قانۇنچىل دۆلەت قۇرۇشتىكى مۇھىم ۋەزىپە بولۇپ قالدى.

2014 - يىلى 11 - ئاينىڭ 1 - كۈنى 12 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 11 - يىغىنىدا دۆلەت ئاساسىي قانۇن كۈنى تەسىس قىلىش توغرىسىدىكى قارار ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى. 12 - ئاينىڭ 4 - كۈنى دۆلەت ئاساسىي قانۇن كۈنى قىلىپ بېكىتىلىپ، قانۇن چىقىرىش شەكلى ئارقىلىق ئاساسىي قانۇننىڭ ئورنى ۋە نوپۇزى گەۋدىلەندۈرۈلدى.

«ھەرقانداق پۇقرا ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا بەلگىلەنگەن ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىشى شەرت...»

2021 - يىلى 12 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، سەنشى يېزا ئىگىلىك داشۆسى تەيگۇ مەكتەپ رايونىدىكى داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى ئوقۇتقۇچىنىڭ يېتەكچىلىكىدە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى»نىڭ ماددىلىرىنى دېكلاماتسىيە قىلىپ، دۆلەت ئاساسىي قانۇن كۈنىدىكى «ئاساسىي قانۇننى ئەتىگەنلىك ئوقۇش» پائالىيىتىگە بىرلىكتە قاتناشتى.

ئاساسىي قانۇن ئالدىدا قەسەم بېرىش، ئاساسىي قانۇننى ئەتىگەنلىك ئوقۇشقا تەشكىللەش، ئاساسىي قانۇن مەخسۇس پويىزى تەسىس قىلىش، ئامما قانۇنچىللىق دەرسخانىسى تەسىس قىلىش... دۆلەت ئاساسىي قانۇن كۈنىگە تايىنىپ قانات يايدۇرۇلغان «ئاساسىي قانۇن تەشۋىقات ھەپتىلىكى» پائالىيىتىدە باش تېمىسى گەۋدىلىك، ئالاھىدىلىكى روشەن، ئامما ياقتۇرىدىغان ئۇسۇللار ئارقىلىق ئاساسىي قانۇن روھىنىڭ ئاساسىي قاتلامغا، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىغا يۈزلىنىشىگە يەنىمۇ تۈرتكە بولۇندى.

قانۇنچىللىق گۈللەنسە مىللەت گۈللىنىدۇ، قانۇنچىللىق كۈچەيسە دۆلەت قۇدرەت تاپىدۇ. گۈللەنگەن، قۇدرەت تاپقان قانۇنچىل جۇڭگو مۇقەررەركى ھەممە ئادەم قانۇنغا ھۆرمەت قىلىدىغان، قانۇنغا رىئايە قىلىدىغان، قانۇنغا ئىشىنىدىغان، قانۇننى چۈشىنىدىغان قانۇنچىل جەمئىيەتتۇر.

2021 - يىلى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق مەدەنىيىتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقىتىپ، بوشاشماي تىرىشىش ئارقىلىق، ئاساسىي قانۇن، قانۇنلارنىڭ نوپۇزىنى يەنىمۇ تۇرغۇزۇپ، قانۇنغا ھۆرمەت قىلىش، قانۇننى ئۆگىنىش، قانۇنغا رىئايە قىلىش، قانۇننى تەتبىقلاش كەيپىياتىنى كۈنسېرى قويۇقلاشتۇرۇش كېرەك...» دېگەن ئومۇمىي نىشاننى ئوتتۇرىغا قويۇپ، سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق مەدەنىيىتى قۇرۇلۇشىنىڭ «ۋاقىت جەدۋىلى»، «قۇرۇلۇش چېرتيۇژى»نى ئايدىڭلاشتۇردى.

شۇنىڭدىن كېيىن، «قانۇنچىللىق تەشۋىق - تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى 8 - بەش يىللىق يىرىك پىلان(2021 - يىلىدىن 2025 - يىلىغىچە)»دا مەۋقە يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇلۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، «8 - بەش يىل»لىق قانۇن ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىگە ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.

سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق مەدەنىيىتى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، سوتسىيالىستىك قانۇنچىل دۆلەت قۇرۇشنىڭ مۇھىم تىرىكى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاساسىي قانۇننى ئۆگىنىشنى پۇرسەت بىلىپ، ھەرقايسى جايلار شەكىلنى بېيىتىپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ قانۇننى ئۆگىنىشى، قانۇنغا رىئايە قىلىشىنى نورمال ھالەتكە ئايلاندۇرۇپ، قانۇنچىل جۇڭگونىڭ مەنىۋى تىرىكىنى تولۇقلىدى.

قانۇن ئارقىلىق جاھان تىنچلاندۇرۇلىدۇ، ئەخلاق كىشى قەلبىنى ئىللىتىدۇ.

ئاساسىي قانۇننى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى قانۇن مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق يولىدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كېڭەيتىشتە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش، ئىرادىنى ساقلاش كېرەك.

ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ يۈرۈش قىلىشتا قانۇنچىللىق تەرەققىيات قەدىمى پۇختا، كۈچلۈك بېسىلدى. ئاساسىي قانۇن روھى بارلىق خەلقنىڭ قەلبىدە ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىپ، جەزمەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ئۈچۈن قۇدرەتلىك ئۇلۇغ كۈچ مۇجەسسەملەيدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 3 - كۈنى تېلېگراممىسى)