«جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى چاي ئىشلەش ماھارىتى ھەم ئۇنىڭغا ئالاقىدار ئۆرپ - ئادەتلەر»نى دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ئىلتىماس قىلىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى

日期:2022年12月01日
来源:新疆日报网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 29 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار جوۋ ۋېي، شۈ جۇاڭ) مۇخبىرلارنىڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، بېيجىڭ ۋاقتى 11 - ئاينىڭ 29 - كۈنى كەچتە، دۆلىتىمىز ئىلتىماس قىلغان «جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى چاي ئىشلەش ماھارىتى ھەم ئۇنىڭغا ئالاقىدار ئۆرپ - ئادەتلەر» ماراكەشنىڭ راباتتا ئېچىلغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ - پەن - مەدەنىيەت تەشكىلاتى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ھۆكۈمەتلەر ئارا كومىتېتىنىڭ 17 - نۆۋەتلىك دائىمىي يىغىنىدا باھالاشتىن ئۆتۈپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ - پەن - مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ ئىنسانىيەت غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك ئەسەرلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى چاي ئىشلەش ماھارىتى ھەم ئۇنىڭغا ئالاقىدار ئۆرپ - ئادەتلەر چايزارلىقنى پەرۋىش قىلىش، چاي ئۈزۈش، چاي ئىشلەش قول ھۈنىرى ھەمدە چاي ئىچىش ۋە تەڭ بەھرىمەن بولۇشقا ئالاقىدار بىلىملەر، ماھارەت - ئەمەلىيەتنى كۆرسىتىدىكەن.

قەدىمدىن تارتىپ، جۇڭگولۇقلار چاي ئۆستۈرۈش، چاي ئۈزۈش، چاي ئىشلەش ۋە چاي ئىچىش بىلەن مەشغۇل بولۇپ كەلگەن، يېشىل چاي، سېرىق چاي، قارا چاي، ئاق چاي، ۋۇلۇڭ چېيى، قىزىل چايدىن ئىبارەت ئالتە چوڭ چاي تۈرى ھەم خۇش پۇراق چاي قاتارلىق قايتا پىششىقلىنىدىغان چاينى راۋاجلاندۇرۇپ، 2000 خىلدىن ئارتۇق چاي مەھسۇلاتىنى كىشىلەرنىڭ ئىستېمال قىلىشى ھەم تەڭ بەھرىلىنىشى ئۈچۈن تەمىنلىگەن.

ئەنئەنىۋى چاي ئىشلەش ماھارىتى ئاساسلىقى چىنلىڭ - خۇەيخې لىنىيەسىنىڭ جەنۇبى، چىڭخەي - شىزاڭ ئېگىزلىكىنىڭ شەرقىدىكى جياڭنەن، جياڭبېي، شىنەن ۋە خۇانەندىن ئىبارەت تۆت چوڭ چاي رايونىغا مەركەزلەشكەن، ئالاقىدار ئۆرپ - ئادەتلەر پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا كەڭ تارقالغان بولۇپ، كۆپ مىللەت ئورتاق بەھرىمەن بولماقتا. يېتىلگەن ۋە تەرەققىي قىلغان ئەنئەنىۋى چاي ئىشلەش ماھارىتى ھەم ئۇنىڭ كەڭ دائىرىدە چوڭقۇرلاشقان جەمئىيەت ئەمەلىيىتى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئىجادچانلىقى ۋە مەدەنىيەت كۆپ خىللىقىنى نامايان قىلماقتا، چاي ئارقىلىق جاھانغا ئىناقلىق بېغىشلاش، سىغدۇرۇشچان بولۇپ ھەممىنى قوبۇل قىلىش ئىدىيەسىنى يەتكۈزمەكتە.

يىپەك يولى، چايچىلار قەدىمىي يولى، تۈمەن چاقىرىملىق چاي يولى قاتارلىقلار ئارقىلىق، چاي تارىختىن ھالقىپ، دۆلەت چېگراسىدىن ھالقىپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ چوڭقۇر ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىپ، جۇڭگو بىلەن دۇنيا خەلقىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى، ئۆزئارا ئالاقىلىشىشى، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى بىلەن دۇنيادىكى باشقا مەدەنىيلىكلەرنىڭ ئالماشتۇرۇشى، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشىدىكى مۇھىم ۋاسىتىگە ئايلىنىپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ ئورتاق بايلىقىغا ئايلاندى.

ھازىرغا قەدەر، دۆلىتىمىزدىن جەمئىي 43 تۈر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ - پەن - مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكى، ئىسىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، دۇنيادا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.