ئاسىيا بويىچە ئەڭ ئېگىز پاكار ئۇل مۇنارلىق قىيپاش ئاسما كۆۋرۈكنىڭ 4-نومۇرلۇق ئۇلى ئوڭۇشلۇق پۈتتى

日期:2022年11月30日
来源:新疆日报网
【字体:

 

11 -ئاينىڭ 27-كۈنى چۇڭچىڭ-خۇنەن قوش لىنىيەلىك يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ موجەيدىكى ۋۇجياڭ ئالاھىدە چوڭ كۆۋرۈكىنىڭ 4-نومۇرلۇق ئاساسىي ئۇلىنىڭ 185 مېتىرلىق قۇرۇلۇشى تاماملاندى، 3-نومۇرلۇق ئاساسىي ئۇلىنىڭ 216 مېتىرغا يېتىشى كۆۋرۈكنىڭ پات ئارىدا ئومۇميۈزلۈك ئۈستۈنكى قىسىم قۇرۇلۇشىغا كىرىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.  

  قۇرۇلۇشقا ئالاقىدار مەسئۇل خادىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، موجەي ۋۇجياڭ ئالاھىدە چوڭ كۆۋرۈكى چۇڭچىڭ-خۇنەن قوش لىنىيەلىك يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ پۈتۈن لىنىيەسىدىكى كونترول خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 708 مېتىر، ئاساسىي كۆۋرۈكنىڭ ئۇزۇنلۇقى 602 مېتىر، قوش يۆنىلىشلىك تۆت ئاپتوموبىل يولى بار پاكار مۇنارلىق، قىيپاش تارتىلغان ئاسما كۆۋرۈك ئىكەن. كۆۋرۈكنىڭ قۇرۇلۇش ئورنى چۇڭچىڭ شەھىرى پېڭشۈي ناھىيەسىدىكى ۋۇجياڭ دەرياسىنىڭ چوڭقۇر جىلغىسىغا جايلاشقان بولۇپ، كۆۋرۈك ۋۇجياڭ دەرياسىدىن ھالقىپ ئۆتىدۇ، ئۇنىڭ 3-نومۇرلۇق ئاساسىي ئۇلى ۋە 4-نومۇرلۇق ئاساسىي ئۇلىنىڭ ئېگىزلىكى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 216 مېتىر ۋە 185 مېتىر بولۇپ، ئاسىيا بويىچە ئەڭ ئېگىز ئۇللۇق، پاكار مۇنارلىق، قىيپاش تارتىلغان ئاسما كۆۋرۈك، كۆۋرۈك قۇرۇلۇشىنىڭ تېخنىكا تەلىپى ۋە، قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى.  

  موجەي ۋۇجياڭ چوڭ كۆۋرۈكىنىڭ تېخنىكا مەسئۇلى مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم ئۈستى يېپىلغان 4-نومۇرلۇق ئاساسىي ئۇل 60 قەۋەتلىك بىنانىڭ ئېگىزلىكىگە باراۋەر كېلىدۇ، بۇ يىل 2-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا تۇنجى قېلىپلىق بېتون قۇيۇش قۇرۇلۇشى باشلىنىپ، 260 نەچچە كېچە-كۈندۈز داۋاملىشىپ، ئۈستىنى يېپىش قۇرۇلۇشى ئوڭۇشلۇق تاماملاندى، جەمئىي 27 مىڭ كۇب مېتىر بېتون قۇيۇلدى، 4720 توننا پولات چىۋىق ئورنىتىلدى، بۇ قۇرۇلۇش پىلاندىكىدىن 60 كۈن بۇرۇن تاماملاندى.  ئ

  ىگىلىنىشىچە، چۇڭچىڭ-خۇنەن قوش لىنىيەلىك يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ ئومۇمىي مۇساپىسى 280 كىلومېتىر بولۇپ، چۇڭچىڭنىڭ بانەندىن پېڭشۈيگىچە، پېڭشۈيدىن يۇياڭغىچە، ۋۇلۇڭدىن داۋجېنغىچە بولغان ئۈچ يولدىن تەركىب تاپقان، قۇرۇلۇش مۇددىتى ئالتە يىل، ئوتتۇرىچە كۆۋرۈك-تونېل نىسبىتى %80 ئىكەن. تۈر پۈتكەندىن كېيىن، چۇڭچىڭ مەركىزىي شەھەر رايونىدىن يۇياڭ ۋە خۇنەنگە بارىدىغان يۆنىلىش G65 باۋماۋ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ چۇڭچىڭ-خۇنەن بۆلىكىگە قارىغاندا 47.8 كىلومېتىر قىسقىرايدۇ، چۇڭچىڭ مەركىزىي شەھەر رايونىدىن گۇيجۇغىچە بولغان دەريا بويى مۇساپىسى 79 كىلومېتىر قىسقىرايدۇ ھەمدە چۇڭچىڭ-خۇنەن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدا قاتناش قىستاڭچىلىقى ئۈنۈملۈك پەسىيىدۇ، بۇ لىنىيە بويىدىكى ساياھەت بايلىقىنى يەنىمۇ ئېچىش، قاتناش بىلەن ساياھەتچىلىكنى بىرلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش، لىنىيە بويىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە.