11-ئاينىڭ 21-كۈنى، شېنجوۋ 15-نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسى بىلەن چاڭجېڭ 2-نومۇرلۇق F تىپلىق يىراقتىن تىزگىنلىنىدىغان 15 بەلگىلىك توشۇغۇچى راكېتا بىرلەشمە گەۋدىسى قويۇپ بېرىش رايونىغا يۆتكەلدى، يېقىندا مۇۋاپىق پۇرسەتتە قويۇپ بېرىش پىلانلاندى. نۆۋەتتە، قويۇپ بېرىش مەيدانىنىڭ ئەسلىھەلىرى، ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئەھۋالى ياخشى بولۇپ، كېيىنكى قەدەمدە پىلان بويىچە قويۇپ بېرىشتىن بۇرۇنقى تۈرلۈك ئىقتىدار تەكشۈرۈش، بىرلەشمە سىناش قاتارلىق خىزمەتلەر قانات يايدۇرۇلىدۇ. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان
(ۋاڭ جياڭبو فوتوسى)
«شىنجاڭ گېزىتى»دىن تەرجىمە قىلىندى