يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ئەلالاشتۇرۇش تەدبىرلىرىنى كەم - كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈش

日期:2022年11月24日
来源:新疆日报网
【字体:

− گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىگە جاۋاب قايتۇرۇلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى لى خېڭ، پېڭ يۈنجيا

يېقىنقى مەزگىلدە، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە يۇقۇمنىڭ تارقىلىش دائىرىسى كەڭ بولۇش، تارقىلىش زەنجىرى كۆپ بولۇش، يۇقۇمنىڭ تەسىر دائىرىسى كېڭىيىشتەك كەسكىن، مۇرەككەپ ۋەزىيەت كۆرۈلدى. 20 تۈرلۈك ئەلالاشتۇرۇش تەدبىرى ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان، ھەرقايسى جايلار ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرمەكتە. قانداق قىلغاندا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ئەلالاشتۇرۇش تەدبىرلىرىنى كەم - كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھازىرقى يۇقۇمنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى تۇتقىلى بولىدۇ؟ گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى 11 - ئاينىڭ 22 - كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىگە جاۋاب قايتۇردى.

مەملىكەت بويىچە يۇقۇم ئەھۋالىدا كەسكىن، مۇرەككەپ ۋەزىيەت كۆرۈلدى

«ھازىر مەملىكىتىمىزدە يۇقۇم ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن، مۇرەككەپ بولماقتا، قىسمەن رايونلاردا يۇقۇمنىڭ كېڭىيىش سۈرئىتى تېزلىشىپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ئۈزلۈكسىز زورايماقتا.» دۆلەت كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئىدارىسى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەھكىمىسىنىڭ 2 - دەرىجىلىك كۆزەتكۈچىسى خۇ شياڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: يېقىندا يۇقۇم ئەھۋالىدا ئاساسلىقى تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلەر كۆرۈلدى: يېڭىدىن كۆپەيگەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى سىجىل ئاشتى، يۇقۇمنىڭ تەسىر دائىرىسى كەڭ، تارقىلىش زەنجىرى مۇرەككەپ بولۇپ، نوپۇس زىچ شەھەرلەر يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى نۇقتىلىق رايونغا ئايلاندى.

دۆلەت سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى مى فېڭ مۇنداق دېدى: خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، «سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش» ئومۇمىي تاكتىكىسىدا قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، «ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈش» باش فاڭجېنىدا قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، بىخۇدلۇق، بوشاڭلىق پىسخىكىسى، كۈتۈپ تۇرۇش، قاراپ تۇرۇش روھىي ھالىتىنى قەتئىي يېڭىپ، 9 - نۇسخىدىكى ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش لايىھەسى ۋە 20 تۈرلۈك ئەلالاشتۇرۇش تەدبىرىدە تەۋرەنمەسلىك، قېيىپ كەتمەسلىكتە چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى ئالدىنى ئېلىشقا قويۇپ، مەۋقەنى بالدۇر تۇتۇشقا قويۇپ، مەۋقەنى تېز بىرتەرەپ قىلىشقا قويۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئىلمىي، دەل جايىدا ياخشى ئىشلەش كېرەك.

يېقىندا، گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى ئۇنىۋېرسال گۇرۇپپىسى سىنلىق كېڭىشىش، ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە تەربىيەلەش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق، ھەرقايسى جايلارنى 20 تۈرلۈك ئەلالاشتۇرۇش تەدبىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تېزدىن ئالغا سىلجىتىشقا ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، ئورۇنلاشتۇردى. نۆۋەتتە، ھەرقايسى جايلار ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرمەكتە.

«جايلارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە يەنىمۇ يېتەكچىلىك قىلىش ئۈچۈن، 11 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى ئۇنىۋېرسال گۇرۇپپىسى <يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە خېسۇەن تەكشۈرۈشنى يولغا قويۇش چارىسى> قاتارلىق تۆت ھۆججەت توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى ئېلان قىلىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئالاقىدار خىزمەتچى خادىملارنىڭ 20 تۈرلۈك ئەلالاشتۇرۇش تەدبىرىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشى ۋە ئىجرا قىلىشىغا قولايلىق ياراتتى.» خۇ شياڭ مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە، بۇ ھۆججەتلەر بويىچە مەخسۇس تەربىيەلەش ئېلىپ بېرىپ، ھەر دەرىجىلىكلەرنىڭ «قاتلاممۇقاتلام ۋەزىپە يۈكلەش» مەسىلىسىنى تۈزەش خىزمىتى مەخسۇس بەنىگە داۋاملىق يېتەكچىلىك قىلىپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ ئېغىشماي يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىمىز.

20 تۈرلۈك ئەلالاشتۇرۇش تەدبىرىنى جايىدا، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئالغا سىلجىتىلدى

20 تۈرلۈك ئەلالاشتۇرۇش تەدبىرىدە خەۋپ - خەتىرى ئوتتۇراھال رايونلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، خەۋپ - خەتىرى يۇقىرى رايونلاردا ئۇدا بەش كۈن يېڭىدىن كۆپەيگەن يۇقۇملانغۇچىلار بايقالمىغان بولسا، دەرىجىسىنى خەۋپ - خەتىرى تۆۋەن رايونغا چۈشۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇنىڭغا قارىتا، جۇڭگو كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى ۋاڭ لىپىڭ مۇنداق دېدى: بۇنداق تەڭشەش ئاساسلىقى 9 - نۇسخىدىكى ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش لايىھەسىنى ئەمەلىي باھالاش سانلىق مەلۇماتىنى ھەمدە خەۋپ - خەتەرنى مۇھاكىمە قىلىپ ھۆكۈم چىقىرىش ئىسپاتىنى ئاساس قىلغان.

«خېسۇەن تەكشۈرۈشتە مۇسبەت چىققان كىشىلەر ھەم ئۇلار بىلەن يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلار بىردەك تېز سۈرئەتتە ئايرىپ باشقۇرۇلغان، تىزگىنلەنگەن ھەم ۋاقتىدا يۆتكەلگەن ئەھۋالدا، خەۋپ - خەتىرى يۇقىرى رايونلاردىكى باشقۇرۇلغان، تىزگىنلەنگەن كىشىلەر ئىچىدە ئۇدا بەش كۈن يېڭىدىن كۆپەيگەن يۇقۇملانغۇچىلار بايقالمىسا، بۇ، خەۋپ - خەتىرى يۇقىرى رايونلاردىكى مەھەللىدە تارقىلىشنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن ئۈزۈپ تاشلانغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ» دەپ تونۇشتۇردى ۋاڭ لىپىڭ.

20 تۈرلۈك ئەلالاشتۇرۇش تەدبىرىدە ئېنىق قىلىپ، يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلارغا قارىتا، «يەتتە كۈن مەركەزلىك ئايرىش + ئۈچ كۈن ئائىلىدە ساغلاملىقنى كۆزىتىش - ئۆلچەش» باشقۇرۇش تەدبىرى «بەش كۈن مەركەزلىك ئايرىش + ئۈچ كۈن ئائىلىدە ئايرىش»قا تەڭشەلدى. ۋاڭ لىپىڭ مۇنداق دېدى: بۇنداق بولغاندا مەركەزلەشتۈرۈپ ئايرىش بايلىقىنى تېجىگىلى بولۇپلا قالماي، يەنە خەۋپ - خەتەرنى ئەڭ زور دەرىجىدە كونترول قىلىپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ.

داۋالاش مۇلازىمىتىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، «ئالاقە تورى + داۋالاش مۇلازىمىتى» قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر بىلەن تەمىنلەپ ئاغرىقلارنى مۇۋاپىق تارقاقلاشتۇرۇش؛ شەخسىي مۇداپىئەنى ياخشى ئىشلەش؛ دوختۇرخانىدا ياتقان ئاغرىقلار رايونىنى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش... دوختۇرخانا ئىچىدە يۇقۇملىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىگە قارىتا، دۆلەت سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى داۋالاش بويىچە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى گو يەنخۇڭ مۇنداق دېدى: داۋالاش ئاپپاراتلىرىدا مۇسبەت ئاغرىق مىسالى كۆرۈلگەن ھامان، خەۋپ - خەتەرنى تېز، دەرھال بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ «تېز يېپىق ھالەتتە باشقۇرۇش، تېز تاسقاپ ئايرىش، تېز تۈگىتىش، تېز يېپىق ھالەتتە باشقۇرۇشنى بىكار قىلىش» پىرىنسىپى بويىچە، نورمال دىياگنوز قويۇش - داۋالاشنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك.

ئېغىر كېسەللەرنى قۇتقۇزۇش زاپاس كۈچىنى كۈچەيتىپ، «ئادەتتىكى ئەھۋال بىلەن جىددىي ئەھۋالنى بىرلەشتۈرۈش» ئىقتىدارى ئۆستۈرۈلدى

«يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن بۇيان، ئالدىنى ئېلىش بىلەن داۋالاشنى بىرتۇتاش پىلانلاش، قۇتقۇزۇش كۈچىنى بىرتۇتاش پىلانلاش، جۇڭيى تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىگە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇش ئارقىلىق، دۆلىتىمىز يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنىڭ ئېغىرلاپ كېتىش نىسبىتى ۋە كېسەل بىلەن ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتىنى بىرقەدەر تۆۋەن سەۋىيەدە ساقلىدى.» گو يەنخۇڭ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە پۈتۈن مەملىكەت بويىچە 100دىن ئارتۇق ئېغىر ئاغرىق بار، بۇ، ياشانغانلار ۋە ئاساسىي خاراكتېرلىك كېسىلى بار كىشىلەرنىڭ ساغلاملىقىنىڭ بىر قەدەر زور تەھدىتكە ئۇچرىغانلىقىنى، قۇتقۇزۇش بايلىقىنى كۆپەيتىش، داۋالاش مۇلازىمىتى ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنىڭ زۆرۈر ھەم تەخىرسىز ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.

ئېغىر كېسەللەرنى داۋالاش مۇلازىمىتى ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ھەم يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، قۇتقۇزۇشنى كۈچەيتىشنىڭ ئېھتىياجى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە «ئادەتتىكى ئەھۋال بىلەن جىددىي ئەھۋالنى بىرلەشتۈرۈش»نىڭ داۋالاش مۇلازىمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئېھتىياجى.

گو يەنخۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسىنىڭ ئىقتىدارىنىڭ بىرى قىزىپ قالغان ئاغرىقلار ياكى گۇمانىي كېسەللىك ئالامىتى بار ئاغرىقلارنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان - يۇقۇملانمىغانلىقىنى پەرقلەندۈرۈش. شۇڭا، قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسىنى قۇرۇشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق قۇرۇش، ئېچىشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق ئېچىش ئىنتايىن مۇھىم. تۇنجى دىياگنوز قويغۇچى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ئەگەر مۇسبەت يۇقۇملانغۇچىلار بولسا، دەرھال بېكىتىلگەن دوختۇرخانا ياكى فاڭساڭ دوختۇرخانىسىغا يۆتكەپ ئايرىپ داۋالاش كېرەك.

يۇقۇم يۈزبەرگەن رايونلاردا، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى باھانە قىلىپ، يۇقۇم خەۋپ - خەتىرى يۈزبەرگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرىنى «تاقىۋېتىپلا بولدى قىلىش» «يېپىق ھالەتتە باشقۇرۇپلا بولدى قىلىش»قا بولمايدۇ، بولۇپمۇ داۋالاش ئاپپاراتلىرىدىكى جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمى، دىئالىز ئۆيى، ئوپېراتسىيە ئۆيى، تۇغۇت ئۆيى، ئېغىر كېسەللەرنى كۆزىتىش ئۆيى قاتارلىق مۇشۇلارغا ئوخشاش مۇھىم قۇتقۇزۇش - داۋالاش بۆلۈم - ئۆيلىرىدە «زۆرۈر بولمىسا يېپىق ھالەتتە تىزگىنلىمەسلىك» ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئاغرىقلارنى قۇتقۇزۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ كۈندىلىك داۋالاش مۇلازىمىتىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى مۇمكىنقەدەر ئەڭ زور چەكتە ئازايتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ داۋالىنىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش كېرەك.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 22 - كۈنى تېلېگراممىسى)