لالۇ سۇلۇق يېرى سۈرەتتەك گۈزەل

日期:2022年11月09日
来源:新疆日报网
【字体:

 بۇ، 11-ئاينىڭ 5-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان لالۇ سۇلۇق يېرىنىڭ مەنزىرىسى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جوۋ دىشياۋ فوتوسى

يېقىندا، ھاۋانىڭ سوۋۇشىغا ئەگىشىپ، شىزاڭ لاسا شەھەر رايونىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان لالۇ سۇلۇق يېرى دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايوندا گۈزەل، ئۆزگىچە مەنزىرە پەيدا بولدى. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايوننىڭ كۆلىمى 12 كىۋادرات كىلومېتىردىن ئاشىدىغان بولۇپ، چىڭخەي-شىزاڭ ئېگىزلىكى شەھەر رايونىدىكى ئاز تېپىلىدىغان ئېگىزلىك تۈر گېن ئامبىرى ئىكەن. لالۇ سۇلۇق يېرى 2017-يىلى دۆلىتىمىزنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى دۆلەت سۇلۇق يەر ساياھىتى ئۈلگە بازىسى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن.

مەنبە: شىنخۇا ئاگېنتلىقى