گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ​«قول تۇتۇشۇپ تور بوشلۇقى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلايلى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلدى

日期:2022年11月09日
来源:新疆日报网
【字体:

سىكاننېرلاپ ئاق تاشلىق كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىنى كۆرۈڭ

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 7 - كۈنى تېلېگراممىسى گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 11 - ئاينىڭ 7 - كۈنى «قول تۇتۇشۇپ تور بوشلۇقى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلايلى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلدى. ئاق تاشلىق كىتابتا يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ ئالاقە تورى تەرەققىياتى بىلەن ئىدارە قىلىش ئىدىيەسى ۋە ئەمەلىيىتى تونۇشتۇرۇلۇپ، جۇڭگونىڭ تور بوشلۇقى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتىكى ئىجابىي نەتىجىلىرىدىن تەڭ بەھرىمەن قىلىنىپ، تور بوشلۇقى خەلقئارا ھەمكارلىق ئىستىقبالىغا نەزەر سېلىندى.

ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشىنىڭ تېز ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، ئالاقە تورى دۇنيانى «يەرشارى كەنتى»گە ئايلاندۇردى، خەلقئارا جەمئىيەت بارغانسېرى ئۆزئارا سىڭىشىدىغان، ئۆزئارا يۇغۇرۇلىدىغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىگە ئايلاندى. ئالاقە تورىنى ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ياخشى قوللىنىپ، ياخشى ئىدارە قىلىپ، ئالاقە تورى ئارقىلىق ئىنسانلارغا تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىش خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى.

ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق تونۇشتۇرۇلدى: پۈتۈن يەرشارىدىكى ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت ۋە تور ئەھلىنىڭ سانى ئەڭ كۆپ بولغان دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو ئۇچۇر دەۋرىنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىگە ئۇيغۇنلىشىپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشتىن ئىبارەت يەرشارىۋى ئىدارە قىلىش قارىشىغا ئەمەل قىلىپ، تور بوشلۇقى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولدى.

ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگو مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، تور كۈچلۈك دۆلىتى، رەقەملىك جۇڭگو قۇرۇپ، رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش، رەقەملىك ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش، پاكىز تور بوشلۇقى بەرپا قىلىش، تور بىخەتەرلىكى بويىچە خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى كۈچلۈك مۇلازىمەت، تىرەك ۋە كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى، تور بوشلۇقى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى پۇختا ئاساس بىلەن تەمىنلىدى.

ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگو تور بوشلۇقى بويىچە خەلقئارا ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، رەقەملىك ئىقتىساد ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، تور بوشلۇقى بىخەتەرلىكىنى ئورتاق قوغداپ، يەرشارىۋى ئالاقە تورىنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئىسلاھاتى ۋە قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىپ، ئالاقە تورىنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن قول تۇتۇشۇپ تور بوشلۇقى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولدى.

ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئالاقە تورى ئىنسانلارنىڭ ئورتاق ماكانى، بۇ ماكاننى تېخىمۇ گۈللەندۈرۈش، تېخىمۇ پاكىز، تېخىمۇ بىخەتەر قىلىش خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى. جۇڭگو دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، بىخەتەر، مۇقىم، ھاياتىي كۈچكە تولغان تور بوشلۇقىنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، قول تۇتۇشۇپ تور بوشلۇقى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، ئىنسانىيەتنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىشنى خالايدۇ.