دۆلەت سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتى: تۈنۈگۈن يەرلىكتە يېڭىدىن كۆپەيگىنى «843+6632»

日期:2022年11月08日
来源:新疆日报网
【字体:

11- ئاينىڭ 7- كۈنى سائەت 0دىن 24كىچە، 31 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېڭىدىن كۆپەيگەن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىدىن 890نى دوكلات قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە چېگرا سىرتىدىن كىرگەن ئاغرىق مىسالى 47 (فۇجيەندە 12، گۇاڭدۇڭدا 12، سىچۇەندە 8، بېيجىڭدا 5، تيەنجىندە 3، شاڭخەيدە 3، لياۋنىڭدا 2، جياڭسۇدا 1، شەندۇڭدا 1)، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىغا ئۆزگەرگەن 2 كىشى (گۇاڭدۇڭدا 1، سىچۇەندە 1)نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ يەرلىك ئاغرىق مىسالى 843 (گۇاڭدۇڭدا 319، ئىچكى موڭغۇلدا 159، چۇڭچىڭدا 89، خېنەندە 86، سەنشىدە 33، شىنجاڭدا 32، بېيجىڭدا 31، سىچۇەندە 21، خۇنەندە 16، شەنشىدە 13، گەنسۇدا 10، يۈننەندە 7، شەندۇڭدا 5، گۇيجوۋدا 5، خېيلۇڭجياڭدا 3، فۇجيەندە 3، جياڭشىدا 3، تيەنجىندە 2، خەينەندە 2، چىڭخەيدە 2، جياڭسۇدا 1، جېجياڭدا 1)، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىغا ئۆزگەرگەن 152 كىشى (گۇاڭدۇڭدا 121، گەنسۇدا 9، سىچۇەندە 7، بېيجىڭدا 3، چۇڭچىڭدا 3، فۇجيەندە 2، خۇنەندە 2، شەنشىدە 2، سەنشىدە 1، خېيلۇڭجياڭدا 1، جېجياڭدا 1)نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يېڭىدىن ئۆلگەن ئاغرىق مىسالى يوق. يېڭىدىن كۆپەيگەن گۇمانىي ئاغرىق مىسالى يوق.

شۇ كۈنى يېڭىدىن ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان ئاغرىق مىسالى 263، بۇنىڭ ئىچىدە چېگرا سىرتىدىن كىرگەن ئاغرىق مىسالى 49، يەرلىك ئاغرىق مىسالى 214 (گۇاڭدۇڭدا 70، ئىچكى موڭغۇلدا 46، فۇجيەندە 16، شەنشىدە 12، بېيجىڭدا 11، جېجياڭدا 11، سەنشىدە 9، سىچۇەندە 9، جياڭسۇدا 8، چىڭخەيدە 6، چۇڭچىڭدا 4، يۈننەندە 4، تيەنجىندە 2، شىنجاڭدا 2، لياۋنىڭدا 1، خېيلۇڭجياڭدا 1، خۇنەندە 1، گەنسۇدا 1)؛ تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىنغان يېقىندىن ئۇچراشقۇچى 83 مىڭ 124 كىشى، ئېغىر ئاغرىق مىسالى ئالدىنقى كۈنىدىكى بىلەن تەڭ بولغان.

چېگرا سىرتىدىن كىرگەنلەردىن ھازىر ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى 502 (ئېغىر ئاغرىق مىسالى يوق)، ھازىر بار بولغان گۇمانىي ئاغرىق مىسالى يوق. جەمئىي ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى 26 مىڭ 152، جەمئىي ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان ئاغرىق مىسالى 25 مىڭ 650، ئۆلگەن ئاغرىق مىسالى يوق.

  11- ئاينىڭ 7- كۈنى سائەت 24كىچە، 31 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، ھازىر ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىدىن 7244ى (بۇنىڭ ئىچىدە ئېغىر ئاغرىق مىسالى 30) بار ئىكەن، جەمئىي 252 مىڭ 543 ئاغرىق مىسالى ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان، جەمئىي 5226 ئاغرىق مىسالى ئۆلگەن، جەمئىي 265 مىڭ 13 ئاغرىق مىسالىغا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغانلىقى دوكلات قىلىنغان، ھازىر بار بولغان گۇمانىي ئاغرىق مىسالى يوق. يېقىندىن ئۇچراشقۇچىدىن جەمئىي 8 مىليون 416 مىڭ 385 كىشى ئىز قوغلاپ ئېنىقلانغان، ھازىرمۇ 687 مىڭ 615 نەپەر يېقىندىن ئۇچراشقۇچى تېببىي جەھەتتىن كۆزىتىلىۋاتىدۇ.

31 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېڭىدىن كۆپەيگەن كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن 6801نى دوكلات قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە چېگرا سىرتىدىن كىرگىنى 169، يەرلىكتىن دوكلات قىلىنغىنى 6632 (گۇاڭدۇڭدا 2330، ئىچكى موڭغۇلدا 1635، خېنەندە 661، شىنجاڭدا 623، خېيلۇڭجياڭدا 280، چۇڭچىڭدا 192، خۇنەندە 184، چىڭخەيدە 109، سەنشىدە 98، سىچۇەندە 79، گەنسۇدا 73، خۇبېيدا 60، شەندۇڭدا 58، خېبېيدا 47، يۈننەندە 34، بېيجىڭدا 33، فۇجيەندە 32، تيەنجىندە 28، شەنشىدە 19، لياۋنىڭدا 14، جياڭسۇدا 8، جىلىندا 6، گۇيجوۋدا 6، شىزاڭدا 5، جېجياڭدا 4، ئەنخۇيدا 4، نىڭشيادا 4، شاڭخەيدە 3، جياڭشىدا 2، گۇاڭشىدا 1).

شۇ كۈنى تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىنغان كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى 871، بۇنىڭ ئىچىدە چېگرا سىرتىدىن كىرگىنى 94، يەرلىكتىكىسى 777 (شىنجاڭدا 139، گۇاڭدۇڭدا 124، ئىچكى موڭغۇلدا 67، شەنشىدە 48، سىچۇەندە 43، يۈننەندە 42، شەندۇڭدا 41، چىڭخەيدە 41، خۇبېيدا 37، تيەنجىندە 34، خېبېيدا 27، سەنشىدە 27، فۇجيەندە 19، خېيلۇڭجياڭدا 17، جياڭسۇدا 11، چۇڭچىڭدا 10، شاڭخەيدە 9، ئەنخۇيدا 9، گۇاڭشىدا 9، جېجياڭدا 8، گەنسۇدا 4، خۇنەندە 3، نىڭشيادا 3، شىزاڭدا 2، لياۋنىڭدا 1، جىلىندا 1، خېنەندە 1)؛ شۇ كۈنى ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىغا ئۆزگەرگىنى 154 (چېگرا سىرتىدىن كىرگىنى 2)؛ ھازىرمۇ تېببىي جەھەتتىن كۆزىتىلىۋاتقان كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى 41 مىڭ 31 (چېگرا سىرتىدىن كىرگىنى 1170).

جەمئىي شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن رايونىنىڭ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان 8 مىليون 344 مىڭ 140 ئاغرىق مىسالى توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى تاپشۇرۇۋېلىندى. بۇنىڭ ئىچىدە، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكىسى 439 مىڭ 251 (دوختۇرخانىدىن چىققىنى 92 مىڭ 978، ئۆلگىنى 10 مىڭ 475)، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكىسى 795 (دوختۇرخانىدىن چىققىنى 787، ئۆلگىنى 6)، تەيۋەن رايونىدىكىسى 7 مىليون 904 مىڭ 94 (دوختۇرخانىدىن چىققىنى 13 مىڭ 742، ئۆلگىنى 13 مىڭ 232).

(باش ئىستانسا مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرى لۇڭ شياۋچىن)

پايدىلانغان مەنبە: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات ئابۇنىچىلار تېرمىنالى