​پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك

日期:2022年11月08日
来源:新疆日报网
【字体:

مەركىزىي ھەربىي كومىتېت «پىكىر» بېسىپ تارقىتىپ پۈتۈن ئارمىيەدىن مۇنداق تەلەپ قىلدى

​پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 6 - كۈنى تېلېگراممىسى مەركىزىي ھەربىي كومىتېت يېقىندا «پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقىتىپ، پۈتۈن ئارمىيەنىڭ پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشىغا قارىتا ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

«پىكىر»دە مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت، پۈتۈن ئارمىيەنىڭ باش سىياسىي ۋەزىپىسى. پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ تەشكىللەپ، كۈچلۈك سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە كۈچلۈك تەشكىلىي رەھبەرلىك ئارقىلىق پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى چىڭ تۇتۇپ، ياخشى تۇتۇپ، نەتىجە ھاسىل قىلىش كېرەك.

«پىكىر»دە مۇنداق ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك، دەل جايىدا ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش كېرەك. پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى باش تېمىسىنى چۆرىدەپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتى ۋە پارتىيە نىزامنامىسىنى ئەينەن، خەتمۇخەت، جۈملىمۇجۈملە ئۆگىنىپ، شى جۇشىنىڭ ئەڭ يېڭى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يېتىشىپ ئۆگىنىپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەربىي كومىتېت رەئىسى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، بارلىق ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ۋە شى جۇشىنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنۇش كېرەك. دىققەتنى «بەشنى مەھكەم ئىگىلەش»تەلىپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش، تەربىيەنى چوڭقۇر، ئۇزاققىچە ياخشى تۇتۇپ، مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىشنى دەرىجىگە، تۈركۈمگە بۆلۈپ ياخشى قىلىپ، تەشۋىق قىلىش، چۈشەندۈرۈشنى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، پۈتۈن ئارمىيەنىڭ ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك.

«پىكىر»دە مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسىنى ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا قويۇش كېرەك. ئارمىيەنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ھەربىي كومىتېت رەئىسى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق قوراللىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسى ئارقىلىق روھنى تاۋلاپ ئادەم تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇپ، «ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىغا تۆھپە قوشۇش» تەربىيە - ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئارمىيەمىزنىڭ پارتىيە تەشكىلىي سىستېمىسىنى كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ، ئىستىل توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى ئۇزاققىچە بوشاشماي ئېلىپ بېرىش كېرەك. ئەسكەرلەرنى مەشىق قىلدۇرۇپ ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ئۇچۇرلاشقان، ئاقىللاشقان ئۇرۇشنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە قانۇنىيىتىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، ئەمەلىي ئۇرۇش ھەربىي مەشىقىنى چىڭ تۇتۇپ، ھەربىي كۈچنى دائىملاشقان، كۆپ خىللاشقان ئىشقا سېلىشنى كۈچەيتىش كېرەك. ھەربىي ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ئىسلاھات نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، زامانىۋى ئارقا سەپ بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، دۆلەت مۇداپىئە پەن - تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىشنى تېزلىتىپ، يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك. بىر گەۋدىلەشكەن دۆلەت ئىستراتېگىيە سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنى مۇستەھكەملەپ ۋە ئۆستۈرۈپ، دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىكى ۋە زاپاس كۈچ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئارمىيە - ھۆكۈمەت ئىتتىپاقلىقى، ئارمىيە - خەلق ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىشتىكى قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئارمىيەنىڭ تۈرلۈك قۇرۇلۇشى ۋە خىزمەتلىرىدە ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.