«يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو بېيدوۋسى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلدى

日期:2022年11月06日
来源:新疆日报网
【字体:

گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى

«يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو بېيدوۋسى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلدى

سىكاننېرلاپ تولۇق مەزمۇننى كۆرۈڭ

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 4 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار خۇ جې، ۋاڭ لىنلىن) گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 11 - ئاينىڭ 4 - كۈنى «يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو بېيدوۋسى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو بېيدوۋسىنىڭ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە كەلگۈسى ئىستىقبالىنى تونۇشتۇرۇپ، جۇڭگو بېيدوۋسىنىڭ تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە ئەمەلىي تەجرىبىلىرىنى ھەمبەھرىلىدى.

ئاق تاشلىق كىتاب تەخمىنەن 12 مىڭ خەت بولۇپ، كىرىش سۆز، ئاخىرقى سۆزدىن باشقا جەمئىي ئالتە قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئۇلار ئايرىم - ئايرىم ھالدا بېيدوۋنىڭ تەرەققىياتى يېڭى دەۋرگە كىردى، دۇنيادا ئالدىنقى قاتارغا ئۆتكەن جۇڭگو بېيدوۋسى، سىستېمىنى يۈرۈشتۈرۈش، باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، قوللىنىشچان كەسىپلەرنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، زامانىۋى ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا كۈچ قوشۇشتىن ئىبارەت.

ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بېيدوۋ سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسى جۇڭگو دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئېھتىياجىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئۆز ئالدىغا قۇرغان، مۇستەقىل يۈرۈشتۈرگەن سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسى. كۆپ يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق، بېيدوۋ سىستېمىسى پۈتۈن يەرشارىدىكى ئابۇنىچىلارغا يۈزلەنگەن، پۈتۈن كىلىماتلىق، پۈتۈن ۋاقىتلىق، ئېنىقلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولغان ئورۇن بەلگىلەش، يول باشلاش ۋە ۋاقىتتىن خەۋەرلەندۈرۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان مۇھىم يېڭى تىپتىكى ئۇل ئەسلىھەگە ئايلاندى.

ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بېيدوۋ سىستېمىسى تېز تەرەققىي قىلىدىغان يېڭى دەۋرگە كىردى. 2020 - يىلى 7 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ دۇنياغا بېيدوۋ 3 - نومۇرلۇق پۈتۈن يەرشارى سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسىنىڭ رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەنلىكىنى جاكارلىدى، بۇ، بېيدوۋ سىستېمىسىنىڭ يەرشارىۋىلىشىش تەرەققىياتىدا يېڭى باسقۇچقا كىرگەنلىكىدىن دېرەك بەردى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يېڭى دەۋرىدىن جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغىچە، بېيدوۋ 1 - نومۇرلۇقتىن بېيدوۋ 3 - نومۇرلۇققىچە، ئىككى سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق ئورۇن بەلگىلەشتىن يەرشارى بويىچە تور تەشكىللەشكىچە، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىنى قاپلاشتىن پۈتۈن يەرشارىغا مۇلازىمەت قىلىشقىچە، بېيدوۋ سىستېمىسى دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى بىلەن ماس قەدەمدە بولدى، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئوخشاش يۆنىلىشتە تەڭ قەدەمدە ئىلگىرىلىدى.

ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: جۇڭگو كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، تېخنىكىسى تېخىمۇ ئىلغار، ئىقتىدارى تېخىمۇ كۈچلۈك، مۇلازىمىتى تېخىمۇ ئەلا بولغان بېيدوۋ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك، تېخىمۇ يۇغۇرۇلغان، تېخىمۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۇنىۋېرسال زامان - ماكان سىستېمىسىنى قۇرۇپ چىقىپ، ئېلاستىكلىقى يۇقىرى، ئەقلىي ئىقتىدارلىشىش دەرىجىسى يۇقىرى، ئېنىقلىق دەرىجىسى يۇقىرى، بىخەتەرلىك دەرىجىسى يۇقىرى بولغان ئورۇن بەلگىلەش، يول باشلاش، ۋاقىتتىن خەۋەرلەندۈرۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىگە تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزىدۇ، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتى، ئىلگىرىلىشىگە مۇلازىمەت قىلىدۇ.

ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق تەكىتلەندى: جۇڭگو ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە بېيدوۋ سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىپ، دۇنيا سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش ئىشلىرىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، قول تۇتۇشۇپ تېخىمۇ بىپايان يۇلتۇزلار ئالىمىگە يۈرۈش قىلىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش، تېخىمۇ گۈزەل دۇنيا قۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.