دۆلەت سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتى: تۈنۈگۈن يەرلىكتە يېڭىدىن كۆپەيگىنى «531+2669»

日期:2022年11月03日
来源:新疆日报网
【字体:

11- ئاينىڭ 2- كۈنى سائەت 0دىن 24كىچە، 31 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېڭىدىن كۆپەيگەن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىدىن 581نى دوكلات قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە چېگرا سىرتىدىن كىرگەن ئاغرىق مىسالى 50 (فۇجيەندە 20، گۇاڭدۇڭدا 12، بېيجىڭدا 6، ئىچكى موڭغۇلدا 2، شاڭخەيدە 2، جياڭسۇدا 2، يۈننەندە 2، تيەنجىندە 1، جېجياڭدا 1، خېنەندە 1، سىچۇەندە 1)، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىغا ئۆزگەرگەن 5 كىشى (بېيجىڭدا 2، جېجياڭدا 1، فۇجيەندە 1، خېنەندە 1)نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ يەرلىك ئاغرىق مىسالى 531 (ئىچكى موڭغۇلدا 192، گۇاڭدۇڭدا 103، فۇجيەندە 52، خېنەندە 35، بېيجىڭدا 28، سەنشىدە 28، شىنجاڭدا 25، شەنشىدە 17، چۇڭچىڭدا 10، سىچۇەندە 9، خېيلۇڭجياڭدا 6، شەندۇڭدا 6، خۇنەندە 5، جياڭسۇدا 4، يۈننەندە 4، چىڭخەيدە 3، نىڭشيادا 2، تيەنجىندە 1، شاڭخەيدە 1)، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىغا ئۆزگەرگەن 87 كىشى (فۇجيەندە 37، گۇاڭدۇڭدا 34، بېيجىڭدا 5، سەنشىدە 4، چۇڭچىڭدا 2، سىچۇەندە 2، شەنشىدە 2، ئىچكى موڭغۇلدا 1)نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يېڭىدىن ئۆلگەن ئاغرىق مىسالى يوق. يېڭىدىن كۆپەيگەن گۇمانىي ئاغرىق مىسالى يوق.

شۇ كۈنى يېڭىدىن ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان ئاغرىق مىسالى 271، بۇنىڭ ئىچىدە چېگرا سىرتىدىن كىرگەن ئاغرىق مىسالى 57، يەرلىك ئاغرىق مىسالى 214 (شىزاڭدا 40، گۇاڭدۇڭدا 36، ئىچكى موڭغۇلدا 29، شەنشىدە 20، بېيجىڭدا 18، سەنشىدە 17، سىچۇەندە 10، شىنجاڭدا 7، خۇنەندە 5، چۇڭچىڭدا 5، جياڭسۇدا 4، جېجياڭدا 3، ئەنخۇيدا 3، يۈننەندە 3، تيەنجىندە 2، شاڭخەيدە 2، فۇجيەندە 2، گۇيجوۋدا 2، شەندۇڭدا 1، خېنەندە 1، گۇاڭشىدا 1، گەنسۇدا 1، چىڭخەيدە 1، نىڭشيادا 1)؛ تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىنغان يېقىندىن ئۇچراشقۇچى 63 مىڭ 178 كىشى، ئېغىر ئاغرىق مىسالى ئالدىنقى كۈنىدىكىگە قارىغاندا 1ى ئازايدى.

چېگرا سىرتىدىن كىرگەنلەردىن ھازىر ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى 523 (ئېغىر ئاغرىق مىسالى يوق)، ھازىر بار بولغان گۇمانىي ئاغرىق مىسالى يوق. جەمئىي ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى 25 مىڭ 895، جەمئىي ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان ئاغرىق مىسالى 25 مىڭ 372، ئۆلگەن ئاغرىق مىسالى يوق.

11- ئاينىڭ 2- كۈنى سائەت 24كىچە، 31 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، ھازىر ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىدىن 5164ى (بۇنىڭ ئىچىدە ئېغىر ئاغرىق مىسالى 27) بار ئىكەن، جەمئىي 251 مىڭ 162 ئاغرىق مىسالى ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان، جەمئىي 5226 ئاغرىق مىسالى ئۆلگەن، جەمئىي 261 مىڭ 552 ئاغرىق مىسالىغا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغانلىقى دوكلات قىلىنغان، ھازىر بار بولغان گۇمانىي ئاغرىق مىسالى يوق. يېقىندىن ئۇچراشقۇچىدىن جەمئىي 7 مىليون 998 مىڭ 739 كىشى ئىز قوغلاپ ئېنىقلانغان، ھازىرمۇ 650 مىڭ 490 نەپەر يېقىندىن ئۇچراشقۇچى تېببىي جەھەتتىن كۆزىتىلىۋاتىدۇ.

31 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېڭىدىن كۆپەيگەن كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن 2791نى دوكلات قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە چېگرا سىرتىدىن كىرگىنى 122، يەرلىكتىن دوكلات قىلىنغىنى 2669 (ئىچكى موڭغۇلدا 741، شىنجاڭدا 376، گۇاڭدۇڭدا 356، خېيلۇڭجياڭدا 191، خېنەندە 141، خۇنەندە 125، چىڭخەيدە 108، شەندۇڭدا 95، فۇجيەندە 84، خۇبېيدا 77، گەنسۇدا 59، سەنشىدە 58، يۈننەندە 50، خېبېيدا 46، سىچۇەندە 36، شەنشىدە 33، لياۋنىڭدا 23، جياڭسۇدا 18، جىلىندا 11، تيەنجىندە 10، چۇڭچىڭدا 7، ئەنخۇيدا 6، نىڭشيادا 6، شىزاڭدا 5، بېيجىڭدا 3، شاڭخەيدە 2، گۇاڭشىدا 1، گۇيجوۋدا 1).

شۇ كۈنى تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىنغان كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى 917، بۇنىڭ ئىچىدە چېگرا سىرتىدىن كىرگىنى 127، يەرلىكتىكىسى 790 (نىڭشيادا 263، شىنجاڭدا 103، ئىچكى موڭغۇلدا 71، گۇاڭدۇڭدا 58، شەنشىدە 44، شەندۇڭدا 30، خۇبېيدا 29، سىچۇەندە 27، تيەنجىندە 22، شاڭخەيدە 18، سەنشىدە 16، جياڭسۇدا 16، ئەنخۇيدا 12، چۇڭچىڭدا 12، خۇنەندە 9، يۈننەندە 9، جىلىندا 8، خېنەندە 8، گۇاڭشىدا 8، خېيلۇڭجياڭدا 7، شىزاڭدا 5، خېبېيدا 4، گۇيجوۋدا 4، جياڭشىدا 2، گەنسۇدا 2، لياۋنىڭدا 1، فۇجيەندە 1، چىڭخەيدە 1)؛ شۇ كۈنى ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىغا ئۆزگەرگىنى 92 (چېگرا سىرتىدىن كىرگىنى 5)؛ ھازىرمۇ تېببىي جەھەتتىن كۆزىتىلىۋاتقان كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى 23 مىڭ 516 (چېگرا سىرتىدىن كىرگىنى 1093).

جەمئىي شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن رايونىنىڭ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان 8 مىليون 217 مىڭ 278 ئاغرىق مىسالى توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى تاپشۇرۇۋېلىندى. بۇنىڭ ئىچىدە، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكىسى 436 مىڭ 358 (دوختۇرخانىدىن چىققىنى 91 مىڭ 935، ئۆلگىنى 10 مىڭ 418)، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكىسى 795 (دوختۇرخانىدىن چىققىنى 787، ئۆلگىنى 6)، تەيۋەن رايونىدىكىسى 7 مىليون 780 مىڭ 125 (دوختۇرخانىدىن چىققىنى 13 مىڭ 742، ئۆلگىنى 12 مىڭ 929).

(باش ئىستانسا مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرى لۇڭ شياۋچىن)

پايدىلانغان مەنبە: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات ئابۇنىچىلار تېرمىنالى