دۆلەت سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتى: تۈنۈگۈن يەرلىكتە يېڭىدىن كۆپەيگىنى «119+625»

日期:2022年09月29日
来源:新疆日报网
【字体:

9- ئاينىڭ 27- كۈنى سائەت 0دىن 24كىچە، 31 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېڭىدىن كۆپەيگەن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىدىن 194نى دوكلات قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە چېگرا سىرتىدىن كىرگەن ئاغرىق مىسالى 75 (فۇجيەندە 19، گۇاڭدۇڭدا 15، شاڭخەيدە 14، جياڭسۇدا 6، جېجياڭدا 6، تيەنجىندە 3، سىچۇەندە 3، بېيجىڭدا 2، شەندۇڭدا 2، چۇڭچىڭدا 2، لياۋنىڭدا 1، يۈننەندە 1، شەنشىدە 1)، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىغا ئۆزگەرگەن 13 كىشى (جېجياڭدا 5، گۇاڭدۇڭدا 3، سىچۇەندە 3، بېيجىڭدا 1، جياڭسۇدا 1)نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ يەرلىك ئاغرىق مىسالى 119 (گۇيجوۋدا 56، سىچۇەندە 13، شىزاڭدا 13، تيەنجىندە 8، شەنشىدە 7، خېيلۇڭجياڭدا 5، گۇاڭدۇڭدا 4، يۈننەندە 4، نىڭشيادا 4، چىڭخەيدە 2، جېجياڭدا 1، خېنەندە 1، چۇڭچىڭدا 1)، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىغا ئۆزگەرگەن 10 كىشى (سىچۇەندە 4، گۇيجوۋدا 2، خېنەندە 1، گۇاڭدۇڭدا 1، شەنشىدە 1، چىڭخەيدە 1)نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يېڭىدىن ئۆلگەن ئاغرىق مىسالى يوق. يېڭىدىن كۆپەيگەن گۇمانىي ئاغرىق مىسالى يوق.

شۇ كۈنى يېڭىدىن ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان ئاغرىق مىسالى 169، بۇنىڭ ئىچىدە چېگرا سىرتىدىن كىرگەن ئاغرىق مىسالى 47، يەرلىك ئاغرىق مىسالى 122 (سىچۇەندە 39، ئىچكى موڭغۇلدا 37، شىزاڭدا 11، شەندۇڭدا 6، گۇيجوۋدا 6، خەينەندە 4، بېيجىڭدا 3، لياۋنىڭدا 3، گۇاڭدۇڭدا 3، شەنشىدە 3، خۇنەندە 2، گۇاڭشىدا 2، خۇبېيدا 1، چۇڭچىڭدا 1، شىنجاڭدا 1)؛ تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىنغان يېقىندىن ئۇچراشقۇچى 10 مىڭ 636 كىشى، ئېغىر ئاغرىق مىسالىدىن ئالدىنقى كۈنىدىكىگە قارىغاندا 2سى كۆپەيدى.

چېگرا سىرتىدىن كىرگەنلەردىن ھازىر ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى 613 (ئېغىر ئاغرىق مىسالى يوق)، ھازىر بار بولغان گۇمانىي ئاغرىق مىسالى يوق. جەمئىي ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى 23 مىڭ 956، جەمئىي ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان ئاغرىق مىسالى 23 مىڭ 343، ئۆلگەن ئاغرىق مىسالى يوق.

9- ئاينىڭ 27- كۈنى سائەت 24كىچە، 31 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، ھازىر ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىدىن 2991ى (بۇنىڭ ئىچىدە ئېغىر ئاغرىق مىسالى 40) بار ئىكەن، جەمئىي 241 مىڭ 906 ئاغرىق مىسالى ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان، جەمئىي 5226 ئاغرىق مىسالى ئۆلگەن، جەمئىي 250 مىڭ 123 ئاغرىق مىسالىغا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغانلىقى دوكلات قىلىنغان، ھازىر بار بولغان گۇمانىي ئاغرىق مىسالى يوق. يېقىندىن ئۇچراشقۇچىدىن جەمئىي 5 مىليون 972 مىڭ 457 كىشى ئىز قوغلاپ ئېنىقلانغان، ھازىرمۇ 145 مىڭ 548 نەپەر يېقىندىن ئۇچراشقۇچى تېببىي جەھەتتىن كۆزىتىلىۋاتىدۇ.

31 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېڭىدىن كۆپەيگەن كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن 711نى دوكلات قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە چېگرا سىرتىدىن كىرگىنى 86، يەرلىكتىن دوكلات قىلىنغىنى 625 (نىڭشيادا 205، شىزاڭدا 132، خېيلۇڭجياڭدا 82، گۇيجوۋدا 73، تيەنجىندە 47، سىچۇەندە 20، خۇبېيدا 12، شىنجاڭدا 10، يۈننەندە 8، گۇاڭشىدا 6، خېنەندە 5، چىڭخەيدە 5، جياڭسۇدا 4، جياڭشىدا 4، شەندۇڭدا 4، شەنشىدە 3، گۇاڭدۇڭدا 2، ئىچكى موڭغۇلدا 1، ئەنخۇيدا 1، گەنسۇدا 1).

شۇ كۈنى تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىنغان كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى 736، بۇنىڭ ئىچىدە چېگرا سىرتىدىن كىرگىنى 80، يەرلىكتىكىسى 656 (شىزاڭدا 202، گۇيجوۋدا 151، خۇبېيدا 64، سىچۇەندە 42، شەندۇڭدا 38، ئىچكى موڭغۇلدا 24، گۇاڭشىدا 22، لياۋنىڭدا 14، خېيلۇڭجياڭدا 13، جياڭشىدا 12، شىنجاڭدا 11، گەنسۇدا 10، تيەنجىندە 9، چىڭخەيدە 9، جىلىندا 7، شاڭخەيدە 4، فۇجيەندە 4، گۇاڭدۇڭدا 4، خەينەندە 4، شەنشىدە 4، نىڭشيادا 4، خېبېيدا 3، يۈننەندە 1)؛ شۇ كۈنى ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىغا ئۆزگەرگىنى 23 (چېگرا سىرتىدىن كىرگىنى 13)؛ ھازىرمۇ تېببىي جەھەتتىن كۆزىتىلىۋاتقان كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى 11 مىڭ 104 (چېگرا سىرتىدىن كىرگىنى 731).

جەمئىي شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن رايونىنىڭ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان 6 مىليون 738 مىڭ 487 ئاغرىق مىسالى توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى تاپشۇرۇۋېلىندى. بۇنىڭ ئىچىدە شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكىسى 413 مىڭ 116 (دوختۇرخانىدىن چىققىنى 83 مىڭ 950، ئۆلگىنى 10مىڭ 134)، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكىسى 793 (دوختۇرخانىدىن چىققىنى 787، ئۆلگىنى 6)، تەيۋەن رايونىدىكىسى 6 مىليون 324 مىڭ 578 (دوختۇرخانىدىن چىققىنى 13 مىڭ 742، ئۆلگىنى 10 مىڭ 912).

(باش ئىستانسا مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرى شى يىڭچۇن)

پايدىلانغان مەنبە: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات ئابۇنىچىلار تېرمىنالى