دۆلەت سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتى: 8- ئاينىڭ 16- كۈنى يەرلىكتە يېڭىدىن كۆپەيگەن يۇقۇملانغۇچى «566+2322»

日期:2022年08月17日
来源:新疆日报网
【字体:

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ 8- ئاينىڭ 16- كۈنى سائەت 24كىچە بولغان ئەڭ يېڭى ئەھۋالى

8- ئاينىڭ 16- كۈنى سائەت 0دىن 24كىچە، 31 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېڭىدىن كۆپەيگەن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىدىن 637نى دوكلات قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە چېگرا سىرتىدىن كىرگەن ئاغرىق مىسالى 71 (بېيجىڭدا 21، گۇاڭدۇڭدا 14، لياۋنىڭدا 8، شاڭخەيدە 7، فۇجيەندە 5، جىلىندا 4، شەندۇڭدا 4، يۈننەندە 4، جياڭسۇدا 3، سىچۇەندە 1)، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىغا ئۆزگەرگەن 12 كىشى (بېيجىڭدا 4، لياۋنىڭدا 4، گۇاڭدۇڭدا 3، شەندۇڭدا 1) نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ يەرلىك ئاغرىق مىسالى 566 (خەينەندە 482، جېجياڭدا 35، شىزاڭدا 16، گۇاڭدۇڭدا 9، فۇجيەندە 8، شەنشىدە 6، سىچۇەندە 4، چىڭخەيدە 2، بېيجىڭدا 1، جياڭسۇدا 1، شەندۇڭدا 1، يۈننەندە 1)، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىغا ئۆزگەرگەن 33 كىشى (جېجياڭدا 21، شىزاڭدا 5، گۇاڭدۇڭدا 3، سىچۇەندە 2، شەندۇڭدا 1، خەينەندە 1) نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يېڭىدىن ئۆلگەن ئاغرىق مىسالى يوق. يېڭىدىن كۆپەيگەن گۇمانىي ئاغرىق مىسالى يوق.

شۇ كۈنى يېڭىدىن ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان ئاغرىق مىسالى 140، بۇنىڭ ئىچىدە چېگرا سىرتىدىن كىرگەن ئاغرىق مىسالى 47، يەرلىك ئاغرىق مىسالى 93 (خەينەندە 50، سىچۇەندە 13، ئىچكى موڭغۇلدا 10، گۇاڭشىدا 10، گەنسۇدا 4، گۇاڭدۇڭدا 2، بېيجىڭدا 1، شەندۇڭدا 1، چۇڭچىڭدا 1، شىزاڭدا 1)؛ تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىنغان يېقىندىن ئۇچراشقۇچى 12مىڭ 611 كىشى، ئېغىر ئاغرىق مىسالىدىن ئالدىنقى كۈنىدىكىگە قارىغاندا 2سى كۆپەيدى.

چېگرا سىرتىدىن كىرگەنلەردىن ھازىر ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى 704 ( ئېغىر ئاغرىق مىسالى يوق)، ھازىر بار بولغان گۇمانىي ئاغرىق مىسالى يوق. جەمئىي ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى 21 مىڭ 712، جەمئىي ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان ئاغرىق مىسالى 21 مىڭ 8، ئۆلگەن ئاغرىق مىسالى يوق.

8- ئاينىڭ 16- كۈنى سائەت 24كىچە، 31 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، ھازىر ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىدىن 6844ى (بۇنىڭ ئىچىدە ئېغىر ئاغرىق مىسالى 18) بار ئىكەن، جەمئىي 224 مىڭ 828 ئاغرىق مىسالى ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان، جەمئىي 5226 ئاغرىق مىسالى ئۆلگەن، جەمئىي 236 مىڭ 898 ئاغرىق مىسالىغا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغانلىقى دوكلات قىلىنغان، ھازىر بار بولغان گۇمانىي ئاغرىق مىسالى يوق. يېقىندىن ئۇچراشقۇچىدىن جەمئىي 4 مىليون 960 مىڭ 562 كىشى ئىز قوغلاپ ئېنىقلانغان، ھازىرمۇ 223 مىڭ 408 نەپەر يېقىندىن ئۇچراشقۇچى تېببىي جەھەتتىن كۆزىتىلىۋاتىدۇ.

31 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېڭىدىن كۆپەيگەن كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن 2399نى دوكلات قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە چېگرا سىرتىدىن كىرگىنى 77، يەرلىكتىن دوكلات قىلىنغىنى 2322 (خەينەندە 1181، شىزاڭدا 670، شىنجاڭدا 307، بىڭتۇەندە 56، جېجياڭدا 22، جياڭشىدا 18، چىڭخەيدە 13، جياڭسۇدا 10، شەنشىدە 10، خۇبېيدا 6، شاڭخەيدە 4، سىچۇەندە 4، يۈننەندە 4، شەندۇڭدا 3، چۇڭچىڭدا 3، ئىچكى موڭغۇلدا 2، خېنەندە 2، گۇاڭدۇڭدا 2، گۇاڭشىدا 2، بېيجىڭدا 1، گۇيجوۋدا 1، گەنسۇدا 1).

شۇ كۈنى تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىنغان كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى 327، بۇنىڭ ئىچىدە چېگرا سىرتىدىن كىرگىنى47، يەرلىكتىكىسى 280 (گۇاڭشىدا 68، شىنجاڭدا 57، گەنسۇدا 25، خەينەندە 23، شەندۇڭدا 22، خېنەندە 20، بىڭتۇەندە 20، سىچۇەندە 8، ئىچكى موڭغۇلدا 7، جېجياڭدا 6، يۈننەندە 6، شىزاڭدا 6، جياڭشىدا 4، گۇاڭدۇڭدا 4، شاڭخەيدە 2، خېبېيدا 1، گۇيجوۋدا 1)؛ شۇ كۈنى ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىغا ئۆزگەرگىنى 45 (چېگرا سىرتىدىن كىرگىنى 12)؛ ھازىرمۇ تېببىي جەھەتتىن كۆزىتىلىۋاتقان كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى 14 مىڭ 626 (چېگرا سىرتىدىن كىرگىنى 750).

جەمئىي شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن رايونىنىڭ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان 5 مىليون 296 مىڭ 86 ئاغرىق مىسالى توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى تاپشۇرۇۋېلىندى. بۇنىڭ ئىچىدە شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكىسى 367 مىڭ 539 (دوختۇرخانىدىن چىققىنى 70 مىڭ 639، ئۆلگىنى 9580)، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكىسى 793 (دوختۇرخانىدىن چىققىنى 785*، ئۆلگىنى 6)، تەيۋەن رايونىدىكىسى 4 مىليون 927 مىڭ 754(دوختۇرخانىدىن چىققىنى 13 مىڭ 742، ئۆلگىنى 9473).

ئەسكەرتىش: * تۈزىتىلگەندىن كېيىنكى سانلىق مەلۇمات.

پايدىلانغان مەنبە: دۆلەت سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتى ئورگان تورى