دۆلەت سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتى: 8- ئاينىڭ 15- كۈنى يەرلىكتە يېڭىدىن كۆپەيگەن يۇقۇملانغۇچى «530+1838»

日期:2022年08月16日
来源:新疆日报网
【字体:

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ 8- ئاينىڭ 15- كۈنى سائەت 24كىچە بولغان ئەڭ يېڭى ئەھۋالى

8- ئاينىڭ 15- كۈنى سائەت 0دىن 24كىچە، 31 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېڭىدىن كۆپەيگەن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىدىن 591نى دوكلات قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە چېگرا سىرتىدىن كىرگەن ئاغرىق مىسالى 61 (بېيجىڭدا 13، فۇجيەندە 11، سىچۇەندە 11، شاڭخەيدە 10، شەندۇڭدا 6، گۇاڭدۇڭدا 3، يۈننەندە 2، تيەنجىندە 1، ئىچكى موڭغۇلدا 1، لياۋنىڭدا 1، خېيلۇڭجياڭدا 1، جياڭسۇدا 1)، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىغا ئۆزگەرگەن 8 كىشى (شەندۇڭدا 3، گۇاڭدۇڭدا 2، بېيجىڭدا 1، فۇجيەندە 1، سىچۇەندە 1) نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ يەرلىك ئاغرىق مىسالى 530 (خەينەندە 426، شىزاڭدا 26، جېجياڭدا 17، شىنجاڭدا 12، فۇجيەندە 11، سىچۇەندە 11، گۇاڭدۇڭدا 9، شەنشىدە 4، بېيجىڭدا 3، خېنەندە 3، چىڭخەيدە 2، ئىچكى موڭغۇلدا 1، جياڭشىدا 1، شەندۇڭدا 1، گۇاڭشىدا 1، گۇيجوۋدا 1، يۈننەندە 1)، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىغا ئۆزگەرگەن 33 كىشى (جېجياڭدا 13، شىنجاڭدا 11، گۇاڭدۇڭدا 3، سىچۇەندە 2، شەنشىدە 2، گۇاڭشىدا 1، خەينەندە 1) نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يېڭىدىن ئۆلگەن ئاغرىق مىسالى يوق. يېڭىدىن كۆپەيگەن گۇمانىي ئاغرىق مىسالى يوق.

شۇ كۈنى يېڭىدىن ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان ئاغرىق مىسالى 117، بۇنىڭ ئىچىدە چېگرا سىرتىدىن كىرگەن ئاغرىق مىسالى 58، يەرلىك ئاغرىق مىسالى 59 (سىچۇەندە 21، ئىچكى موڭغۇلدا 18، جېجياڭدا 7، گۇاڭشىدا 4، گەنسۇدا 4، فۇجيەندە 2، گۇاڭدۇڭدا 2، خېنەندە 1)؛ تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىنغان يېقىندىن ئۇچراشقۇچى 9280 كىشى، ئېغىر ئاغرىق مىسالىدىن ئالدىنقى كۈنىدىكىگە قارىغاندا 4ى كۆپەيدى.

چېگرا سىرتىدىن كىرگەنلەردىن ھازىر ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى 680 (بۇنىڭ ئىچىدە ئېغىر ئاغرىق مىسالى 2)، ھازىر بار بولغان گۇمانىي ئاغرىق مىسالى يوق. جەمئىي ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى 21 مىڭ 641، جەمئىي ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان ئاغرىق مىسالى 20 مىڭ 961، ئۆلگەن ئاغرىق مىسالى يوق.

8- ئاينىڭ 15- كۈنى سائەت 24كىچە، 31 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، ھازىر ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىدىن 6347سى (بۇنىڭ ئىچىدە ئېغىر ئاغرىق مىسالى 16) بار ئىكەن، جەمئىي 224 مىڭ 688 ئاغرىق مىسالى ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان، جەمئىي 5226 ئاغرىق مىسالى ئۆلگەن، جەمئىي 236 مىڭ 261 ئاغرىق مىسالىغا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغانلىقى دوكلات قىلىنغان، ھازىر بار بولغان گۇمانىي ئاغرىق مىسالى يوق. يېقىندىن ئۇچراشقۇچىدىن جەمئىي 4 مىليون 932 مىڭ 380 كىشى ئىز قوغلاپ ئېنىقلانغان، ھازىرمۇ 207 مىڭ 888 نەپەر يېقىندىن ئۇچراشقۇچى تېببىي جەھەتتىن كۆزىتىلىۋاتىدۇ.

31 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېڭىدىن كۆپەيگەن كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن 1935نى دوكلات قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە چېگرا سىرتىدىن كىرگىنى 97، يەرلىكتىن دوكلات قىلىنغىنى 1838 (خەينەندە 785، شىزاڭدا 629، شىنجاڭدا 248، بىڭتۇەندە 57، جېجياڭدا 38، جياڭشىدا 29، خۇبېيدا 11، گۇاڭدۇڭدا 8، چىڭخەيدە 8، جياڭسۇدا 4، سىچۇەندە 4، شاڭخەيدە 3، شەندۇڭدا 3، يۈننەندە 2، بېيجىڭدا 1، خېبىيدا 1، ئەنخۇيدا 1، فۇجيەندە 1، گۇاڭشىدا 1، چۇڭچىڭدا 1، گۇيجوۋدا 1، شەنشىدە 1، گەنسۇدا 1).

شۇ كۈنى تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىنغان كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى 294، بۇنىڭ ئىچىدە چېگرا سىرتىدىن كىرگىنى 53، يەرلىكتىكىسى 241 (شىنجاڭدا 42، جېجياڭدا 41، خېنەندە 41، گۇاڭشىدا 35، گەنسۇدا 22، شەندۇڭدا 18، سىچۇەندە 18، بىڭتۇەندە 10، ئىچكى موڭغۇلدا 4، خېبىيدا 3، جىلىندا 2، گۇاڭدۇڭدا 2، يۈننەندە 1، شىزاڭدا 1، نىڭشيادا 1)؛ شۇ كۈنى ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىغا ئۆزگەرگىنى 41 (چېگرا سىرتىدىن كىرگىنى 8)؛ ھازىرمۇ تېببىي جەھەتتىن كۆزىتىلىۋاتقان كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى 12 مىڭ 599 (چېگرا سىرتىدىن كىرگىنى 732).

جەمئىي شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن رايونىنىڭ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان 5 مىليون 272 مىڭ 154 ئاغرىق مىسالى توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى تاپشۇرۇۋېلىندى. بۇنىڭ ئىچىدە شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكىسى 366 مىڭ 740 (دوختۇرخانىدىن چىققىنى 70 مىڭ 439، ئۆلگىنى 9569)، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكىسى 792 (دوختۇرخانىدىن چىققىنى 787، ئۆلگىنى 6)، تەيۋەن رايونىدىكىسى 4 مىليون 904 مىڭ 622 (دوختۇرخانىدىن چىققىنى 13 مىڭ 742، ئۆلگىنى 9457).

پايدىلانغان مەنبە: دۆلەت سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتى ئورگان تورى