قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇپ ئىشلەپچىقىرىشقا كاپالەتلىك قىلىش

日期:2022年08月16日
来源:新疆日报网
【字体:

 8-ئاينىڭ 13-كۈنى، جياڭشى ئۆلكىسى جيۇجياڭ شەھىرى دۇچاڭ ناھىيەسىنىڭ جوۋشى بازىرىدىكى بىر شاللىقتا، دېھقان سۇ پومپىسى ئارقىلىق مايسىلارنى سۇغارماقتا.

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، نۇرغۇن جايلاردا تېمپېراتۇرا ئۆرلەپ يامغۇر ئاز ياغدى، كىشىلەر ئاكتىپلىق بىلەن قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىشقا كاپالەتلىك قىلىپ، قۇرغاقچىلىقنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ئازايتتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (بو جيەنبىن فوتوسى)

8-ئاينىڭ 14-كۈنى، جېجياڭ ئۆلكىسى خۇجوۋ شەھىرى دېچىڭ ناھىيەسىنىڭ موگەنشەن بازىرى گاۋفېڭ كەنتىدىكى كۆچەت تىكىش بازىسىدا، ئىشچىلار كۆچەتلەرگە ئاپتاپتىن ساقلىنىش تورى ياپماقتا (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان سۈرەت)

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (شيې شاڭگو فوتوسى)

  8-ئاينىڭ 14-كۈنى، جېجياڭ ئۆلكىسى خۇجوۋ شەھىرى دېچىڭ ناھىيەسىنىڭ جۇڭگۇەن بازىرىدىكى پارتىيەلىك پىدائىيلار كەنت ئاھالىلىرىگە ياردەملىشىپ شال ئېتىزىنى سۇ تارتىپ سۇغارماقتا.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (شيې شاڭگو فوتوسى)

  8 -ئاينىڭ 14-كۈنى، خۇنەن ئۆلكىسى خېڭياڭ شەھىرى خېڭدۇڭ ناھىيەسىنىڭ شياليۇ بازىرى دايۈەندۇ كەنتىدىكى دېھقانلار ئېتىز-ئېرىقلارنى سۇغارماقتا.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (ساۋ جېڭپىڭ فوتوسى)

  8 -ئاينىڭ 14-كۈنى، خۇنەن ئۆلكىسى شياڭشى تۇجيازۇ ـ مياۋزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى جىشوۋ شەھىرى ئەيجەي بازىرىنىڭ داشىڭ مەھەللىسىدىكى دېھقان سۇ تارتىپ ئېتىز سۇغارماقتا.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (ياۋ فاڭ فوتوسى)

  8-ئاينىڭ 14-كۈنى، جېجياڭ ئۆلكىسى خۇجوۋ شەھىرى دېچىڭ ناھىيەسىنىڭ ۋۇياڭ كوچا باشقارمىسى چېڭشەن كەنتى زاۋيۈەن بامبۇك نوتىسى تېرىقچىلىق بازىسىدا، پارتىيەلىك پىدائىيلار كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بامبۇكزارلىقنى سۇغىرىشىغا ياردەم بەرمەكتە(تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان سۈرەت)

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (شيې شاڭگو فوتوسى)

  8-ئاينىڭ 14-كۈنى، جېجياڭ ئۆلكىسى خۇجوۋ شەھىرى دېچىڭ ناھىيەسى موگەنشەن بازىرىنىڭ لاۋلىڭ كەنتىدىكى ئېكولوگىيەلىك چايزارلىقتا، يېزا ئىگىلىك تېخنىكلىرى چايچى دېھقانلارنىڭ قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلماقتا.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (شيې شاڭگو فوتوسى)

  8-ئاينىڭ 14-كۈنى، خۇنەن ئۆلكىسى چاڭدې شەھىرى لىشيەن ناھىيەسىنىڭ لىدەن كوچا باشقارمىسى مىنيەن كەنتىدىكى دېھقان خاسىڭلارنى سۇغىرىپ قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرماقتا.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (بو يىپۇ فوتوسى)

«شىنخۇا تورى»دىن تەرجىمە قىلىندى