ھەر بىر قۇتىسى 270 يۈەن! دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدىغان تۇنجى دورا شىنجاڭ قاتارلىق جايلارغا يۆتكەپ كېلىندى

日期:2022年08月12日
来源:新疆日报网
【字体:

ئانار بۇلۇت خەۋىرى. يېقىندا دۆلەت ئىچىدىكى خەينەن، خېنەن، شىنجاڭ قاتارلىق جايلاردا يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈلدى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن ۋە مۇرەككەپ. 8- ئاينىڭ 11- كۈنى كەچتە، مۇخبىرنىڭ فۇشىڭ تېببىي دورىگەرلىكى تەرەپتىن ئىگىلىشىچە، فۇشىڭ تېببىي دورىگەرلىكى خېنەن جېنشى بىيو پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتى بىلەن بىرلىكتە ھەرقايسى جايلاردىكى ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئېھتىياجىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا تاقابىل تۇرىدىغان كىچىك مولېكۇلالىق دورا − ئازىفۇدىڭ تابلېتكىسىنى جىددىي تەڭشەپ پۈتۈن مەملىكەتتىكى كۆپلىگەن جايلارغا يەتكۈزۈپ بەرگەن، يېقىندا ئارقا- ئارقىدىن خېنەن، خەينەن، شىنجاڭ قاتارلىق جايلارغا توشۇپ كېلىنگەن.

ئازىفۇدىڭ تابلېتكىسىنىڭ بېكىتىلگەن باھاسىمۇ تۇنجى قېتىم ئاشكارىلاندى. فۇشىڭ تېببىي دورىگەرلىكى مۇنداق بىلدۈردى: ھەرقايسى جايلاردىكى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ توردىكى باھاسىغا ئاساسەن، ئازىفۇدىڭ تابلېتكىسىنىڭ ھەر بىر قۇتىسىنىڭ باھاسى 270 يۈەن قىلىپ بېكىتىلدى، ھەر بىر قۇتىدا 35 تابلېتكا بار، ھەر بىر تابلېتكىنىڭ ئېغىرلىقى mg1، ھازىر بازارغا سېلىنغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدىغان دورىلارغا سېلىشتۇرغاندا، ئازىفۇدىڭ تابلېتكىسىنىڭ باھاسى بىر قەدەر زور ئەۋزەللىككە ئىگە.

ئازىفۇدىڭ تابلېتكىسى دۆلىتىمىزدە تۇنجى تۈركۈمدە تەستىقلانغان، پۈتۈنلەي مۇستەقىل بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە، ھەم پۈتۈن يەر شارى پاتېنتىغا ئىگە بولغان 1.1 تۈردىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان رىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا تاقابىل تۇرىدىغان كىچىك مولېكۇلالىق دورا بولۇپ، جېنشى بىيو پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتى تەتقىق قىلىپ ياسىغان. يېڭى تىپتكى تاجسىمان ۋىرۇسنى تىزگىنلەش رولى جەھەتتە، ئازىفۇدىڭ تابلېتكىسى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ ئاكتىپلىقىنى تىزگىنلەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بىخەتەرلىكتىن قارىغاندا، ئازىفۇدىڭ تابلېتكىسىنىڭ ئومۇمىي چىدامچانلىقى ياخشى، ناچار ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتى جەھەتتە ئازىفۇدىڭ گۇرۇپپىسى بىلەن ئەنۋېي دورىسى گۇرۇپپىسىنىڭ ئىستاتىستىكا ئىلمى پەرقى يوق، سىناقنى قوبۇل قىلغۇچىلارغا بولغان خەۋپ- خەتەرمۇ كۆپەيمىگەن.

8 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى، دۆلەت سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، دۆلەت جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ئىشخانىسى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، بۇ دورىنى «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا دىياگنوز قويۇش- داۋالاش لايىھەسى (9- نۇسخىسى)»گە كىرگۈزدى. «دىياگنوز قويۇش- داۋالاش لايىھەسى»گە ئاساسەن، ئازىفۇدىڭ تابلېتكىسى ئادەتتىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى (COVID-19)غا گىرىپتار بولغان قۇرامىغا يەتكەن ئاغرىقلارنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ. ئىشلىتىش ئۇسۇلى ۋە مىقدارى: ئاچ قورساققا ھەر قېتىمدا mg5، ھەر كۈنى بىر قېتىم ئىچىلىدۇ، داۋالاش باسقۇچى كۆپ بولغاندا 14 كۈندىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.

يۇقىرىدىكى ئىشلىتىش ئۇسۇلى، ئىشلىتىش مىقدارى ھەمدە ھەر بىر تابلېتكىنىڭ مىقدارىغا ئاساسەن، مۇخبىر ھېسابلاپ، ئاغرىق ھەر كۈنى بەش تال ئىستېمال ئىچسە، 14 كۈنلۈك داۋالاش باسقۇچىغا 70 تال كېتىدىغانلىقىنى، يەنى ئىككى قاپ ئىستېمال قىلىدىغانلىقىنى، بۇنىڭغا كېتىدىغان خىراجەتنىڭ 540 يۈەن بولىدىغانلىقىنى بايقىدى.

فۇشىڭ دورىگەرلىكى مۇنداق دېدى: بۇ نۆۋەتلىك يۇقۇم ئەھۋالىغا سىجىل، يېقىندىن دىققەت قىلىمىز، ھەم مۇناسىپ سودىلاشتۇرۇش ئورۇنلاشتۇرمىسى چىقىرىپ، ھەمكارلىق ھەمراھلىرىمىز بىلەن قول تۇتۇشۇپ، دورا ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەمىنلەشكە پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن كاپالەتلىك قىلىمىز.

پايدىلانغان مەنبە: بېيجىڭ گېزىتى ئابۇنىچىلار تېرمۇنالى