دۆلەت سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتى: 8- ئاينىڭ 11- كۈنى يەرلىكتە يېڭىدىن كۆپەيگەن يۇقۇملانغۇچى «648+1203»

日期:2022年08月12日
来源:新疆日报网
【字体:

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ 8- ئاينىڭ 11- كۈنى سائەت 24كىچە بولغان ئەڭ يېڭى ئەھۋالى

8- ئاينىڭ 11- كۈنى سائەت 0دىن 24كىچە، 31 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېڭىدىن كۆپەيگەن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىدىن 704نى دوكلات قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە چېگرا سىرتىدىن كىرگەن ئاغرىق مىسالى 56 (گۇاڭدۇڭدا 19، شاڭخەيدە 8، سىچۇەندە 7، فۇجيەندە 6، بېيجىڭدا 4، شەندۇڭدا 4، تيەنجىندە 2، شەنشىدە 2، لياۋنىڭدا 1، جىلىندا 1، جېجياڭدا 1، گۇاڭشىدا 1)، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىغا ئۆزگەرگەن 18 كىشى (گۇاڭدۇڭدا 7، سىچۇەندە 5، تيەنجىندە 2، شەندۇڭدا 2، بېيجىڭدا 1، جېجياڭدا 1) نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ يەرلىك ئاغرىق مىسالى 648 (خەينەندە 595، گۇاڭدۇڭدا 22، ئىچكى موڭغۇلدا 9، شىزاڭدا 7، فۇجيەندە 5، شاڭخەيدە 2، خېنەندە 1، چۇڭچىڭدا 1، سىچۇەندە 1، گۇيجوۋدا 1، يۈننەندە 1، شەنشىدە 1، گەنسۇدا 1، شىنجاڭدا 1)، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىغا ئۆزگەرگەن 11 كىشى (گۇاڭدۇڭدا 7، خەينەندە 1، سىچۇەندە 1، شىنجاڭدا 1) نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يېڭىدىن ئۆلگەن ئاغرىق مىسالى يوق. يېڭىدىن كۆپەيگەن گۇمانىي ئاغرىق مىسالى يوق.

شۇ كۈنى يېڭىدىن ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان ئاغرىق مىسالى 113، بۇنىڭ ئىچىدە چېگرا سىرتىدىن كىرگەن ئاغرىق مىسالى 53، يەرلىك ئاغرىق مىسالى 60 (گەنسۇدا 23، سىچۇەندە 20، ئىچكى موڭغۇلدا 4، شەندۇڭدا 4، شاڭخەيدە 3، ئەنخۇيدا 2، گۇاڭشىدا 2، خېنەندە 1، گۇاڭدۇڭدا 1)؛ تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىنغان يېقىندىن ئۇچراشقۇچى 9066 كىشى، ئېغىر ئاغرىق مىسالى ئالدىنقى كۈنىدىكى بىلەن تەڭلەشتى.

چېگرا سىرتىدىن كىرگەنلەردىن ھازىر ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى 636 (بۇنىڭ ئىچىدە ئېغىر ئاغرىق مىسالى 2)، گۇمانىي ئاغرىق مىسالى يوق. جەمئىي ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى 21 مىڭ 383، جەمئىي ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان ئاغرىق مىسالى 20 مىڭ 747، ئۆلگەن ئاغرىق مىسالى يوق.

8- ئاينىڭ 11- كۈنى سائەت 24كىچە، 31 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، ھازىر ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىدىن 4062سى (بۇنىڭ ئىچىدە ئېغىر ئاغرىق مىسالى 7) بار ئىكەن، جەمئىي 224 مىڭ 225 ئاغرىق مىسالى ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان، جەمئىي 5226 ئاغرىق مىسالى ئۆلگەن، جەمئىي 233 مىڭ 513 ئاغرىق مىسالىغا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغانلىقى دوكلات قىلىنغان، ھازىر گۇمانىي ئاغرىق مىسالى يوق. يېقىندىن ئۇچراشقۇچىدىن جەمئىي 4 مىليون 830 مىڭ 513 كىشى ئىز قوغلاپ ئېنىقلانغان، ھازىرمۇ 148 مىڭ 648 نەپەر يېقىندىن ئۇچراشقۇچى تېببىي جەھەتتىن كۆزىتىلىۋاتىدۇ.

31 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېڭىدىن كۆپەيگەن كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن 1305نى دوكلات قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە چېگرا سىرتىدىن كىرگىنى 102، يەرلىكتىن دوكلات قىلىنغىنى 1203 (خەينەندە 614، شىنجاڭدا 410، جېجياڭدا 60، بىڭتۇەندە 43، شىزاڭدا 20، گۇاڭدۇڭدا 14، جياڭشىدا 11، ئىچكى موڭغۇلدا 7، خۇبېيدا 6، شاڭخەيدە 5، گۇاڭشىدا 5، خۇنەندە 4، خېنەندە 1، چۇڭچىڭدا 1، سىچۇەندە 1، شەنشىدە 1).

شۇ كۈنى تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىنغان كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى 451، بۇنىڭ ئىچىدە چېگرا سىرتىدىن كىرگىنى 62، يەرلىكتىكىسى 389 (گەنسۇدا 222، شەندۇڭدا 52، خېنەندە 31، گۇاڭشىدا 29، سىچۇەندە 13، شاڭخەيدە 8، شىنجاڭدا 8، بىڭتۇەندە 8، جىلىندا 5، گۇاڭدۇڭدا 4، يۈننەندە 4، خەينەندە 2، ئىچكى موڭغۇلدا 1، خۇبېيدا 1، چۇڭچىڭدا 1)؛ شۇ كۈنى ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىغا ئۆزگەرگىنى 29 (چېگرا سىرتىدىن كىرگىنى 18)؛ ھازىرمۇ تېببىي جەھەتتىن كۆزىتىلىۋاتقان كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى 7088 (چېگرا سىرتىدىن كىرگىنى 714).

جەمئىي شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن رايونىنىڭ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان 5 مىليون 189 مىڭ 10 ئاغرىق مىسالى توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى تاپشۇرۇۋېلىندى. بۇنىڭ ئىچىدە شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكىسى 363 مىڭ 669 (دوختۇرخانىدىن چىققىنى 69 مىڭ 755، ئۆلگىنى 9555)، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكىسى 791 (دوختۇرخانىدىن چىققىنى 782، ئۆلگىنى 6)، تەيۋەن رايونىدىكىسى 4 مىليون 824 مىڭ 550 (دوختۇرخانىدىن چىققىنى 13 مىڭ 742، ئۆلگىنى 9342).

پايدىلانغان مەنبە: دۆلەت سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتى ئورگان تورى