دۆلەت سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتى: 8- ئاينىڭ 10- كۈنى يەرلىكتە يېڭىدىن كۆپەيگەن يۇقۇملانغۇچى «614+1379»

日期:2022年08月11日
来源:新疆日报网
【字体:

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ 8- ئاينىڭ 10- كۈنى سائەت 24كىچە بولغان ئەڭ يېڭى ئەھۋالى

8- ئاينىڭ 10- كۈنى سائەت 0دىن 24كىچە، 31 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېڭىدىن كۆپەيگەن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىدىن 700نى دوكلات قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە چېگرا سىرتىدىن كىرگەن ئاغرىق مىسالى 86 (گۇاڭدۇڭدا 27، شاڭخەيدە 14، فۇجيەندە 11، بېيجىڭدا 7، شەندۇڭدا 4، گۇاڭشىدا 4، يۈننەندە 4، تيەنجىندە 3، ئىچكى موڭغۇلدا 3، سىچۇەندە 3، لياۋنىڭدا 2، جياڭشىدا 2، جېجياڭدا 1، شەنشىدە 1)، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىغا ئۆزگەرگەن 7 كىشى (گۇاڭدۇڭدا 6، سىچۇەندە 1) نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ يەرلىك ئاغرىق مىسالى 614 (خەينەندە 559، گۇاڭدۇڭدا 25، جېجياڭدا 11، ئىچكى موڭغۇلدا 4، فۇجيەندە 4، بېيجىڭدا 2، جياڭشىدا 2، چۇڭچىڭدا 2، شىزاڭدا 2، خۇنەندە 1، شەنشىدە 1، گەنسۇدا 1)، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىغا ئۆزگەرگەن 19 كىشى (خەينەندە 9، جېجياڭدا 8، خۇنەندە 1، گۇاڭدۇڭدا 1) نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يېڭىدىن ئۆلگەن ئاغرىق مىسالى يوق. يېڭىدىن كۆپەيگەن گۇمانىي ئاغرىق مىسالى يوق.

شۇ كۈنى يېڭىدىن ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان ئاغرىق مىسالى 125، بۇنىڭ ئىچىدە چېگرا سىرتىدىن كىرگەن ئاغرىق مىسالى 60، يەرلىك ئاغرىق مىسالى 65 (گۇاڭشىدا 21، گەنسۇدا 17، سىچۇەندە 16، ئىچكى موڭغۇلدا 2، شاڭخەيدە 2، شەندۇڭدا 2، خېنەندە 2، چۇڭچىڭدا 2، گۇاڭدۇڭدا 1)؛ تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىنغان يېقىندىن ئۇچراشقۇچى 15 مىڭ 404 كىشى، ئېغىر ئاغرىق مىسالىدىن ئالدىنقى كۈنىدىكىگە قارىغاندا 2سى كۆپەيدى.

چېگرا سىرتىدىن كىرگەنلەردىن ھازىر ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى 633 (بۇنىڭ ئىچىدە ئېغىر ئاغرىق مىسالى 2)، گۇمانىي ئاغرىق مىسالى يوق. جەمئىي ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى 21 مىڭ 327، جەمئىي ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان ئاغرىق مىسالى 20 مىڭ 694، ئۆلگەن ئاغرىق مىسالى يوق.

8- ئاينىڭ 10- كۈنى سائەت 24كىچە، 31 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، ھازىر ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىدىن 3471ى (بۇنىڭ ئىچىدە ئېغىر ئاغرىق مىسالى 7) بار ئىكەن، جەمئىي 224 مىڭ 112 ئاغرىق مىسالى ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان، جەمئىي 5226 ئاغرىق مىسالى ئۆلگەن، جەمئىي 232 مىڭ 809 ئاغرىق مىسالىغا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغانلىقى دوكلات قىلىنغان، ھازىر گۇمانىي ئاغرىق مىسالى يوق. يېقىندىن ئۇچراشقۇچىدىن جەمئىي 4 مىليون 798 مىڭ 975 كىشى ئىز قوغلاپ ئېنىقلانغان، ھازىرمۇ 126 مىڭ 303 نەپەر يېقىندىن ئۇچراشقۇچى تېببىي جەھەتتىن كۆزىتىلىۋاتىدۇ.

31 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېڭىدىن كۆپەيگەن كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن 1466نى دوكلات قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە چېگرا سىرتىدىن كىرگىنى 87، يەرلىكتىن دوكلات قىلىنغىنى 1379 (خەينەندە 805، شىنجاڭدا 380، شىزاڭدا 66، جېجياڭدا 56، جياڭشىدا 16، بىڭتۇەندە 15، خۇبېيدا 8، ئىچكى موڭغۇلدا 6، گەنسۇدا 6، گۇاڭدۇڭدا 5، گۇاڭشىدا 5، سىچۇەندە 5، خېبېيدا 2، چۇڭچىڭدا 2، جىلىندا 1، خېنەندە 1).

شۇ كۈنى تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىنغان كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى 617، بۇنىڭ ئىچىدە چېگرا سىرتىدىن كىرگىنى 65، يەرلىكتىكىسى 552 (گەنسۇدا 202، گۇاڭشىدا 183، شەندۇڭدا 71، خېنەندە 58، سىچۇەندە 10، شاڭخەيدە 8، جىلىندا 6، تيەنجىندە 4، يۈننەندە 4، گۇاڭدۇڭدا 3، ئىچكى موڭغۇلدا 1، جېجياڭدا 1، فۇجيەندە 1)؛ شۇ كۈنى ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىغا ئۆزگەرگىنى 26 ( چېگرا سىرتىدىن كىرگىنى 7)؛ ھازىرمۇ تېببىي جەھەتتىن كۆزىتىلىۋاتقان كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى 6263 (چېگرا سىرتىدىن كىرگىنى 692).

جەمئىي شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن رايونىنىڭ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان 5 مىليون 165مىڭ 450 ئاغرىق مىسالى توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى تاپشۇرۇۋېلىندى. بۇنىڭ ئىچىدە شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكىسى 362 مىڭ 983 (دوختۇرخانىدىن چىققىنى 69 مىڭ 555، ئۆلگىنى 9554)، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكىسى 791 (دوختۇرخانىدىن چىققىنى 780، ئۆلگىنى 6)، تەيۋەن رايونىدىكىسى 4 مىليون 801 مىڭ 676 (دوختۇرخانىدىن چىققىنى 13 مىڭ 742، ئۆلگىنى 9298).

پايدىلانغان مەنبە: دۆلەت سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتى ئورگان تورى