جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تەيۋەن خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى بېرىلگەن ھوقۇققا بىنائەن «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» جاھىل ئۇنسۇرلىرىنى قانۇن بويىچە جازالاش توغرىسىدا پىكىر ئېلان قىلدى

日期:2022年08月05日
来源:新疆日报网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 - ئاينىڭ 3 - كۈنى تېلېگراممىسى 8 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تەيۋەن خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى بېرىلگەن ھوقۇققا بىنائەن «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» جاھىل ئۇنسۇرلىرىنى قانۇن بويىچە جازالاش توغرىسىدا پىكىر ئېلان قىلدى. تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

«تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچىلىكى ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈشتىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇ، مىللەتنىڭ گۈللىنىشىدىكى ئېغىر يوشۇرۇن خەۋپ. ئىنتايىن ئاز ساندىكى «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» جاھىل ئۇنسۇرلىرى تەپتارتماي «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، جۇڭگوغا قارشى تاشقى كۈچلەرنىڭ چاپارمىنى بولۇشقا رازى بولۇپ، جان - جەھلى بىلەن «ئىككى جۇڭگو»، «بىر جۇڭگو بىر تەيۋەن»، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» پەيدا قىلىشقا ئۇرۇندى، ئۇلارنىڭ «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» توغرىسىدىكى بۆلگۈنچىلىك سۆز - ھەرىكىتى دۆلىتىمىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ئوچۇقتىن ئوچۇق ئىغۋاگەرچىلىك قىلغانلىق، دۆلىتىمىز قانۇنىنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىگە ئوچۇقتىن ئوچۇق ئىغۋاگەرچىلىك قىلغانلىق بولۇپ، تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا ئېغىر خەۋپ يەتكۈزدى، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ ئورتاق مەنپەئىتى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزدى، جەزمەن قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاش كېرەك.

دۆلىتىمىزنىڭ «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» جاھىل ئۇنسۇرلىرىنىڭ جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشى ئېنىق قانۇنىي ئاساسقا ئىگە. ئاساسىي قانۇندا، تەيۋەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇقەددەس زېمىنىنىڭ بىر قىسمى، دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن. دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى تۇرۇش قانۇنى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنىدا مۇنداق ئېنىق بەلگىلەنگەن: جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى پارچىلاشقا يول قويۇلمايدۇ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىرلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن جۇڭگو خەلقىنىڭ ئورتاق مەجبۇرىيىتى، ھەرقانداق شەخس ۋە تەشكىلاتلاردىن قانۇندا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىرى ياكى دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان ھەرىكەتلەردە بولغانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. جىنايى ئىشلار قانۇنىدا مۇنداق ئېنىق بەلگىلەنگەن: دۆلەتنى پارچىلاشقا تەشكىللىگەن، ئۇنى پىلانلىغان، يولغا قويغان، دۆلەتنىڭ بىرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلارغا دۆلەتنى پارچىلاش جىنايىتى بويىچە جىنايەت بېكىتىلىپ جازا بېرىلىدۇ؛ دۆلەتنى پارچىلاشقا قۇتراتقۇلۇق قىلغان، دۆلەتنىڭ بىرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلارغا دۆلەتنى پارچىلاشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش جىنايىتى بويىچە جىنايەت بېكىتىلىپ جازا بېرىلىدۇ؛ چەت ئەللەردىكى ئاپپاراتلار، تەشكىلاتلار، شەخسلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ يۇقىرىقى جىنايەتلەرنى سادىر قىلغانلارغا قانۇن بويىچە ئېغىرلىتىپ جازا بېرىلىدۇ.

قانۇن تورىنى كەڭ يېيىپ، بىرىنىمۇ چۈشۈرۈپ قويمايمىز. قانۇن بىلەن ئوينىشىشقا پېتىنغان «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» جاھىل ئۇنسۇرلىرىغا بىز جىنايى ئىشلار بويىچە جازالاش، بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرى قوللىنىپ، قىلچە كەڭچىلىك قىلماي قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاپ، قانۇن بويىچە جاۋابكارلىقىنى ئۆمۈرلۈك سۈرۈشتۈرىمىز. ھەرقانداق كىشى، ھەرقانداق كۈچ بىزنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قەتئىي قوغداش كۈچلۈك غەيرىتىمىز، قەتئىي ئىرادىمىز، قۇدرەتلىك ئىقتىدارىمىزنى سەل چاغلىمىسۇن.