ئىككى قىرغاقنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت تارىخىي چوڭ يۈزلىنىشنى توسۇپ قالغىلى بولمايدۇ

日期:2022年08月05日
来源:新疆日报网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى

8 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، ئامېرىكا پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى پېلوسى جۇڭگو تەرەپنىڭ كۈچلۈك قارشى تۇرۇشى ۋە كەسكىن سۆزلىشىشىگە قارىماي، جۇڭگو تەيۋەن رايونىغا تىمىسقىلاپ بېرىپ، بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ۋە جۇڭگو - ئامېرىكا ئۈچ قوشما ئاخباراتىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلدى، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ سىياسىي ئاساسىنى ئېغىر دەرىجىدە زەربىگە ئۇچراتتى، جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ئېغىر دەرىجىدە دەخلى - تەرۇز قىلدى، تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىغا ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىق قىلدى، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچى كۈچلىرىگە ئېغىر دەرىجىدە خاتا سىگنال تارقاتتى. جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، بۇنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ، شۇنداقلا ئامېرىكا تەرەپ بىلەن كەسكىن سۆزلەشتى ۋە كۈچلۈك ئېتىراز بىلدۈردى.

تەيۋەن مەسىلىسىنىڭ تارىخىي ئۇزۇنلۇقى ۋە كەڭلىكى ئىنتايىن ئېنىق، ئىككى قىرغاقنىڭ بىر جۇڭگوغا مەنسۇپ ئىكەنلىكىدەك پاكىت ۋە ھازىرقى ھالەت ناھايىتى ئېنىق. جۇڭگو - ئامېرىكا ئۈچ قوشما ئاخباراتى ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىي ۋەدىسى، بىر جۇڭگو پىرىنسىپى جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ سىياسىي ئاساسى. بىز «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچىلىكى ۋە تاشقى كۈچلەرنىڭ ئارىلىشىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىمىز، ھەرقانداق شەكىلدىكى «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» كۈچلىرىگە ھەرگىزمۇ قىلچىلىك بوشلۇق قالدۇرمايمىز.

دېڭىز بوغۇزىنىڭ ئىككى قىرغىقى گەرچە تېخى بىرلىككە كەلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن چوڭ قۇرۇقلۇق بىلەن تەيۋەننىڭ بىر جۇڭگوغا مەنسۇپ ئىكەنلىكىدەك پاكىت ئەزەلدىن ئۆزگەرگىنى يوق، جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكى ئەزەلدىن پارچىلانغىنى يوق، پارچىلاشقىمۇ يول قويۇلمايدۇ. دۇنيادا پەقەت بىرلا جۇڭگو بار، تەيۋەن جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى پۈتۈن جۇڭگوغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بىردىنبىر قانۇنلۇق ھۆكۈمەت. بۇ ھەم تارىخىي پاكىت ۋە قانۇنىي پاكىت، شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئورتاق تونۇشى.

تەيۋەن ئەزەلدىنلا جۇڭگوغا مەنسۇپ، ھازىرقى تەيۋەن ئاھالىلىرى ئەجدادلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن كەلگەن. جۇڭگونىڭ ئۆتكەن سۇلالىلىرىنىڭ ھۆكۈمەتلىرى تەيۋەندە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ مەمۇرىي ئورگان قۇرۇپ، باشقۇرۇش ھوقۇقىنى يۈرگۈزگەن. 1885 - يىلى چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى تەيۋەننى يەككە ئۆلكە قىلىپ رەسمىي ئايرىغان.

تەيۋەن مەسىلىسىنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە ئۆزگىرىشى يېقىنقى زاماندىن بۇيانقى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەقدىرى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق بولۇپ كەلدى. 1840 - يىلىدىكى ئەپيۈن ئۇرۇشىدىن كېيىن، غەربتىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ تاجاۋۇز قىلىشى بىلەن، جۇڭگو ئىچكى ئەنسىزلىك، تاشقى پاراكەندىچىلىك ۋە خەۋپ ئىچىدە قېلىشتەك ئېچىنىشلىق ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى. 1894 - يىلى، ياپونىيە جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىپ جياۋۇ ئۇرۇشىنى قوزغىدى ھەم كېيىنكى يىلى تەڭسىز «ماگۇەن شەرتنامىسى» ئارقىلىق چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىنى تەيۋەننى بۆلۈپ بېرىشكە مەجبۇرلىدى. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ دۆلەت كۈچى بەكمۇ ئاجىز بولغاچقا، تەيۋەننى ياتلار ئىگىلىۋالدى. بۇ، جۇڭخۇا مىللىتى تارىخىدىكى ئىنتايىن پاجىئەلىك بىر بەت بولۇپ، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارغا ئىنتايىن ئېغىر ئازاب قالدۇردى.

تاشقى تاجاۋۇزچىلىق ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، مىللەتنىڭ ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرى ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى كېيىنكىلەر بېسىپ، تىللاردا داستان بولغۇدەك كۈرەشلەرنى ئېلىپ باردى. تەيۋەنلىك قېرىنداشلار بۇ كۈرەشتە مۇھىم تۆھپە قوشتى. ياپونىيە تەيۋەننى ئىگىلىۋالغان يېرىم ئەسىردە، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار تاجاۋۇزچىلىققا قارشى كۈرەشنى ئەزەلدىن توختاتمىدى، نەچچە يۈز مىڭ تەيۋەنلىك قېرىنداش بۇنىڭ ئۈچۈن ئىسسىق قېنى ۋە ھاياتىنى تەقدىم قىلدى. ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ئومۇميۈزلۈك پارتلىغاندىن كېيىن، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار چوڭ قۇرۇقلۇق خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىغا پائال قاتناشتى ۋە ياردەم بەردى، نۇرغۇن قېرىنداش ۋەتەن ئۈچۈن ھاياتىنى تەقدىم قىلدى.

1945 - يىلى، جۇڭگو خەلقى دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرى بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈردى، تەيۋەن شۇنىڭغا ئەگىشىپ قايتۇرۇۋېلىنىپ، ۋەتەن قوينىغا يېڭىباشتىن قايتىپ كەلدى.

1943 - يىلى 12 - ئايدا جۇڭگو، ئامېرىكا، ئەنگلىيەدىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەت ئېلان قىلغان «قاھىرە خىتابنامىسى»دا، ياپونىيەدىن چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋالغان جۇڭگو زېمىنلىرىنى، جۈملىدىن تەيۋەن ۋە پېڭخۇ تاقىم ئاراللىرىنى جۇڭگوغا قايتۇرۇپ بېرىش ئېنىق تەلەپ قىلىندى. 1945 - يىلى 7 - ئايدا ئېلان قىلىنغان «پوتسدام ئاخباراتى»دا، «قاھىرە خىتابنامىسى»دىكى شەرتلەرنى جەزمەن يولغا قويۇش كېرەكلىكى قايتا تەكىتلەندى. 1945 - يىلى 10 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، جۇڭگو ھۆكۈمىتى پۈتۈن دۇنياغا تەنتەنىلىك ھالدا: «تەيۋەن ھەم پېڭخۇ تاقىم ئاراللىرى جۇڭگو تېررىتورىيەسىگە قايتىدىن رەسمىي كىردى» دەپ جاكارلىدى. تەيۋەننىڭ جۇڭگو زېمىنىغا مەنسۇپ بولۇشتەك قانۇنىي ئورنى ۋە پاكىتى مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان دەرىجىدە مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى.

شۇنىڭدىن كېيىن ئۇزاق ئۆتمەي، جۇڭگودا ئىچكى ئۇرۇش داۋاملاشقانلىقى ۋە تاشقى كۈچلەرنىڭ ئارىلىشىشى تۈپەيلىدىن، دېڭىز بوغۇزىنىڭ ئىككى قىرغىقى ئۇزاق مۇددەت سىياسىي قارشىلىشىشتىن ئىبارەت ئالاھىدە ھالەتكە چۈشۈپ قالدى.

1949 - يىلى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى قۇرۇلۇپ، جۇڭخۇا مىنگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئورنىنى ئېلىپ، پۈتۈن جۇڭگودىكى بىردىنبىر قانۇنلۇق ھۆكۈمەتكە ئايلاندى. بۇ، ئوخشاش بىر خەلقئارا قانۇن ئاساسىي گەۋدىسىدە ئۆزگىرىش بولمىغان ئەھۋالدا، يېڭى ھاكىمىيەتنىڭ كونا ھاكىمىيەتنىڭ ئورنىنى ئالغانلىقى بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە ئەزەلدىن بار بولغان زېمىنى، تېررىتورىيەسىدە بۇنىڭلىق بىلەن ئۆزگىرىش بولمىدى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىدىن تامامەن بەھرىمەن بولۇش ۋە ئۇنى يۈرگۈزۈشكە ھەقلىق، بۇ تەيۋەنگە بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۇنياغا كەلگەندىن كېيىن، ئەينى چاغدىكى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يېڭى جۇڭگوغا قارىتا يالغۇز قالدۇرۇش، چەكلەش سىياسىتىنى قوللاندى ھەمدە چاۋشيەن ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، پۈتۈنلەي جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشى بولغان دېڭىز بوغۇزى ئىككى قىرغىقى مۇناسىۋىتىگە قوراللىق ئارىلاشتى، جۇڭگونىڭ تەيۋەن ئۆلكىسىنى ئامېرىكا «ھامىيلىقى»غا ئالدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىشتەك خاتا سىياسىتى تەيۋەن بوغۇزى رايونىدا ئۇزاق مەزگىللىك جىددىي تىركىشىش ۋەزىيىتىنى پەيدا قىلدى، تەيۋەن مەسىلىسى شۇنىڭدىن ئېتىبارەن جۇڭگو - ئامېرىكا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇھىم، زور تالاش - تارتىشقا ئايلاندى.

جۇڭگو ھۆكۈمىتى بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدىن ئىبارەت كەسكىن مەيدانى ۋە مۇۋاپىق تەشەببۇسىدا چىڭ تۇرۇپ، بارغانسېرى كۆپ دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ چۈشىنىشى ۋە قوللىشىغا ئېرىشتى، بىر جۇڭگو پىرىنسىپىنى خەلقئارا جەمئىيەت تەدرىجىي ئومۇميۈزلۈك قوبۇل قىلدى. 1971 - يىلى، 26 - نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنى مۇتلەق كۆپ ئاۋاز بىلەن 2758 - نومۇرلۇق قارارنى ماقۇللاپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى بارلىق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى قارار قىلىپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىلى جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى بىردىنبىر قانۇنلۇق ۋەكىلى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ 2758 - نومۇرلۇق قارارى سىياسىي، قانۇن ۋە تەرتىپ جەھەتتە پۈتكۈل جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى ۋەكىللىك ھوقۇقى مەسىلىسىنى ئېنىق، ئۈزۈل - كېسىل ھەل قىلدى.

بىر جۇڭگو پىرىنسىپى جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشىدىكى ئالدىنقى شەرت، شۇنداقلا جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ سىياسىي ئاساسى. بىر جۇڭگودىن ئىبارەت بۇ سىياسىي ئورتاق تونۇش بولمىسا، جۇڭگو - ئامېرىكا ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشى مۇمكىن بولمايتتى، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشىمۇ مۇمكىن بولمايتتى. 1971 - يىلى، ئامېرىكا تەرەپ جۇڭگوغا تەيۋەن مەسىلىسىدە يېڭى پىرىنسىپقا ئەمەل قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى، جۈملىدىن ئامېرىكا تەرەپ دۇنيادا پەقەت بىرلا جۇڭگو بارلىقىنى، تەيۋەننىڭ جۇڭگونىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى؛ ئامېرىكا تەرەپنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تەيۋەننىڭ ئورنى بېكىتىلمىگەنلىكى توغرىسىدا ھېچقانداق سۆز قىلمايدىغانلىقىنى؛ ئامېرىكا تەرەپنىڭ ھەرقانداق «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» ھەرىكىتىنى ئىلگىرىمۇ قوللىمىغانلىقى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ قوللىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئامېرىكا تەرەپ 1972 - يىلى ئېلان قىلغان «شاڭخەي ئاخباراتى»دا ئېنىق قىلىپ: «ئامېرىكا تەيۋەن بوغۇزىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى بارلىق جۇڭگولۇقلارنىڭ پەقەت بىرلا جۇڭگو بار، تەيۋەن جۇڭگونىڭ بىر قىسمى، دەپ قارايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ بۇ مەيدانىغا قارىتا باشقىچە پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويمايدۇ» دەپ بىلدۈرگەنىدى. 1979 - يىلىدىكى جۇڭگو - ئامېرىكا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئاخباراتىدا، ئامېرىكا تەرەپ يەنە ئېنىق قىلىپ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگونىڭ بىردىنبىر قانۇنلۇق ھۆكۈمىتى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى، پەقەت بىرلا جۇڭگو بارلىقىنى، تەيۋەننىڭ جۇڭگونىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈرگەنىدى. 1982 - يىلىدىكى «17 - ئاۋغۇست» ئاخباراتىدا، ئامېرىكا تەرەپ جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە دەخلى - تەرۇز قىلىش مەقسىتى يوقلۇقىنى، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىش مەقسىتى يوقلۇقىنى، «ئىككى جۇڭگو» ياكى «بىر جۇڭگو بىر تەيۋەن» سىياسىتىنى ئىجرا قىلىش مەقسىتىنىڭمۇ يوقلۇقىنى رەسمىي بىلدۈرگەنىدى. ئامېرىكا تەرەپنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىدىكى يۇقىرىدا بايان قىلىنغان سىياسىي ۋەدىسىنىڭ يازما ئىسپاتى تولۇق، ناھايىتى ئېنىق بولۇپ، يوققا چىقارغىلى بولمايدىغان، تېنىۋالغىلى بولمايدىغان تارىخىي پاكىتتۇر.

دۇنيادا پەقەت بىرلا جۇڭگو بار، بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ھەممە ئېتىراپ قىلىدىغان خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئاساسىي مىزانى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئورتاق تونۇشى. خەلقئارا جەمئىيەت جۇڭگو خەلقىنىڭ «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىگە قارشى تۇرۇش، دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەت ھەققانىي ئىشىنى كەڭ چۈشىنىدۇ ۋە قوللايدۇ. ھازىرغا قەدەر، بىر جۇڭگو پىرىنسىپىنى ئېتىراپ قىلىش ئاساسىدا، جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان دۆلەتلەر 181گە يەتتى.

ھالبۇكى، بىر مەزگىلدىن بۇيان، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەيۋەن مەسىلىسىدە كەينى - كەينىدىن خاتا سۆز - ھەرىكەتلەرنى قوللىنىپ، ئامېرىكا بىلەن تەيۋەننىڭ ھۆكۈمەت تەرەپ ئالاقە قاتلىمىنىڭ دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ھەربىي ئىشلار جەھەتتىكى تىل بىرىكتۈرۈشنى زورايتىپ، تەيۋەنگە ئۈزلۈكسىز قورال سېتىپ بېرىپ، تەيۋەننىڭ «قورال كۈچى ئارقىلىق بىرلىككە كېلىشكە قارشى تۇرۇش»ىغا يانتاياق بولدى. ئامېرىكا پارلامېنتى تەيۋەنگە ئالاقىدار خاتا سۆزلەرنى ئارقا - ئارقىدىن ئېلان قىلىپ، تەيۋەنگە چېتىشلىق كۆپلىگەن پاسسىپ قارالمىلارنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەم قاراپ چىقىپ ماقۇللىدى. ئامېرىكا تەرەپ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا شايكا توپلاپ، جۇڭگوغا قارشى تۇرىدىغان، جۇڭگونى چەكلەيدىغان «كىچىك گۇرۇھ» قۇرۇپ، ھەرخىل بايراقلارنى كۆتۈرۈۋېلىپ، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچى كۈچلىرىنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىپ، قوللاپ، بىر جۇڭگو پىرىنسىپىنى بۇرمىلاپ ۋە ئۇنىڭ ئۇلىنى كولاپ، «تەيۋەن قارتىسى»نى ئويناش، «تەيۋەن ئارقىلىق جۇڭگونى توسۇش»قا ئۇرۇندى، جۇڭگونىڭ تولۇق بىرلىككە كېلىشى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گۈللىنىش مۇساپىسىگە توسقۇنلۇق قىلدى.

2016 - يىلىدىن بۇيان، مىنجىنداڭ دائىرىلىرى «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچىلىك مەيدانىدا جاھىللىق بىلەن چىڭ تۇرۇپ، ئامېرىكىدىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرنىڭ جۇڭگونى چەكلەشتىكى ئۇرۇقى بولۇشقا رازى بولدى، شۇنداقلا «مۇستەقىل» بولۇشنى كۆزلەپ تەپتارتماستىن ئىغۋاگەرچىلىك تۇغدۇردى. ئۇلار شەخسىي پايدىنىلا كۆزلەپ، بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا جاھىللىق بىلەن خىرىس قىلىپ، «92 - يىلدىكى ئورتاق تونۇش»نى ئېتىراپ قىلىشنى رەت قىلىپ، ئىككى قىرغاقنىڭ قارشىلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، جاھىللىق بىلەن «ئامېرىكىغا تايىنىپ مۇستەقىل بولۇشنى كۆزلىدى». مىنجىنداڭ دائىرىلىرىنىڭ «مۇستەقىل» بولۇشنى كۆزلەش قىلمىشى ۋە مىللەتنىڭ مەنپەئىتىگە ساتقىنلىق قىلىشتەك ئامېرىكا بىلەن تىل بىرىكتۈرۈش ھەرىكىتى تەيۋەننى ئاپەت گىردابىغا ئىتتىرىپ، كەڭ تەيۋەنلىك قېرىنداشلارغا ئېغىر ئاپەت ئېلىپ كېلىدۇ، خالاس.

ۋەتەن جەزمەن بىرلىككە كېلىدۇ، شۇنداقلا مۇقەررەر بىرلىككە كېلىدۇ. تەيۋەن جۇڭگونىڭ بىر قىسمى، ئىككى قىرغاقنىڭ بىر جۇڭگوغا مەنسۇپ ئىكەنلىكىدەك تارىخىي پاكىت ۋە قانۇنىي پاكىتنى ھەرقانداق ئادەم، ھەرقانداق كۈچ ئۆزگەرتەلمەيدۇ! ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ ھەممىسى جۇڭگولۇق، قان بىلەن گۆشتەك يېقىن بولۇش، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇشتەك تەبىئىي ھېسسىيات ۋە مىللەتنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى ھەرقانداق ئادەم، ھەرقانداق كۈچ ئۆزگەرتەلمەيدۇ! تەيۋەن بوغۇزى ۋەزىيىتىنىڭ تىنچلىق، مۇقىملىققا يۈزلىنىشى، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىدىن ئىبارەت دەۋر ئېقىمىنى ھەرقانداق ئادەم، ھەرقانداق كۈچ توسۇپ قالالمايدۇ! دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشى، مىللەتنىڭ گۈللىنىشى، ئىككى قىرغاقنىڭ بىرلىككە كېلىشىدىن ئىبارەت تارىخىي چوڭ يۈزلىنىشنى ھەرقانداق ئادەم، ھەرقانداق كۈچ تېخىمۇ توسۇپ قالالمايدۇ!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 - ئاينىڭ 3 - كۈنى تېلېگراممىسى)