ۋاڭ يى ئامېرىكا تەرەپنىڭ جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلغانلىقى توغرىسىدا پىكىر ئېلان قىلدى

日期:2022年08月05日
来源:新疆日报网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، فنوم پېن، 8 - ئاينىڭ 3 - كۈنى تېلېگراممىسى ئامېرىكا پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى پېلوسى جۇڭگو تەرەپنىڭ كەسكىن سۆزلىشىشىگە قارىماي، تەپتارتماستىن جۇڭگو تەيۋەن رايونىغا كەلدى. بۇ قىلمىش بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپ بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا رەزىل غەرەزدە دەخلى - تەرۇز قىلغانلىق، ئوچۇقتىن ئوچۇق سىياسىي ئىغۋاگەرچىلىك تۇغدۇرغانلىق، بۇ، جۇڭگو خەلقىنىڭ كۈچلۈك غەزىپىنى قوزغىدى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك قارشىلىقىغا ئۇچرىدى. بۇ يەنە بىر قېتىم شۇنى ئىسپاتلىدىكى، بىر قىسىم ئامېرىكا سىياسەتۋازلىرى جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىكى «چاتاق تېرىغۇچى»لارغا ئايلىنىپ قالدى، ئامېرىكا تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى ۋە رايون مۇقىملىقىدىكى «ئەڭ چوڭ بۇزغۇنچى»غا ئايلاندى.

ئامېرىكا جۇڭگونىڭ ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۇلۇغ ئىشىغا توسقۇنلۇق قىلىش خام خىيالىدا بولمىسۇن. تەيۋەن جۇڭگونىڭ بىر قىسمى. دۆلەتنىڭ تولۇق بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋەزىيەتنىڭ يۈزلىنىشى، تارىخىي مۇقەررەرلىك. بىز «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچىلىكى ۋە تاشقى كۈچلەرنىڭ ئارىلىشىشىغا ھەرگىز قىلچىلىك بوشلۇق قالدۇرمايمىز. ئامېرىكا تەرەپ مەيلى قانداق شەكىلدە «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»نى قوللىسۇن، مەيلىگە قويۇۋەتسۇن، ئەڭ ئاخىرىدا بىھۇدە ئىش قىلغان بولىدۇ، پەقەت تارىختا ئامېرىكىنىڭ باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلىشىشتەك تېخىمۇ كۆپ رەزىل خاتىرىسى قالىدۇ. تەيۋەن مەسىلىسى ئەينى يىللىرى دۆلەتنىڭ ئاجىز بولۇشى ۋە مالىمان بولۇشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان، بۇنىڭدىن كېيىن جەزمەن مىللەتنىڭ گۈللىنىشىگە ئەگىشىپ ئاخىرلىشىدۇ.

ئامېرىكا جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىشى، گۈللىنىشىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش خام خىيالىدا بولمىسۇن. جۇڭگو ئۆزىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان توغرا تەرەققىيات يولىنى تاپتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، 1 مىليارد 400 مىليون جۇڭگو خەلقى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشقا قاراپ چوڭ قەدەم بىلەن ئاتلانماقتا. بىز دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئۆز كۈچىمىزنىڭ ئاساسىي نۇقتىسىغا قويىمىز، شۇنداقلا ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن تىنچلىقتا بىللە تۇرۇپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىشنى خالايمىز، لېكىن ھەرقانداق دۆلەتنىڭ جۇڭگونىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا ھەرگىز يول قويمايمىز. تەيۋەن مەسىلىسىدە ئىغۋاگەرچىلىك قىلىپ چاتاق چىقىرىپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى كېچىكتۈرۈش، جۇڭگونىڭ تىنچ قەد كۆتۈرۈشىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇنۇش پۈتۈنلەي بىھۇدە ئاۋارىچىلىك بولۇپ، مۇقەررەر باش - كۆزى قانغا بويىلىدۇ.

ئامېرىكا جۇغراپىيەلىك تىرىكىشىش ئويۇنى ئويناش خام خىيالىدا بولمىسۇن. تىنچلىققا ئىنتىلىش، مۇقىملىقنى كۆزلەش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئورتاق پايدا ئېلىشنى كۆزلەش رايون دۆلەتلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئارزۇسى. ئامېرىكا تەرەپنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىنى رايون ئىستراتېگىيەسىگە كىرگۈزۈپ، جىددىيلىكنى كۆپتۈرۈپ، قارشىلىشىشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىشى رايون تەرەققىيات ئېقىمىغا قارشى ھەرىكەت قىلغانلىق، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىدىكى خەلقلەرنىڭ ئارزۇسىغا خىلاپ يول تۇتقانلىق بولۇپ، ئىنتايىن خەتەرلىك ۋە ئەخمىقانىلىك. بىر جۇڭگو پىرىنسىپى خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئاساسىي مىزانىغا ئايلىنىپ، 2 - دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى خەلقئارا تەرتىپنىڭ تەركىبىي قىسمىنى ھاسىل قىلدى. ئامېرىكا تەرەپ قىلىدىغان ئىش شۇكى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىغا خىلاپلىق قىلىشنى دەرھال توختىتىشى، «تەيۋەن قارتىسى»نى ئويناپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىنى قالايمىقانلاشتۇرۇشنى دەرھال توختىتىشى كېرەك.

ئامېرىكا تەرەپ ئۆز مەيلىچە ئاق - قارىنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلىش خام خىيالىدا بولمىسۇن. ئامېرىكا تەرەپ، جۇڭگو تەرەپ ۋەزىيەتنى ئۇلغايتىۋەتتى دەپ جار سالدى، لېكىن ئەڭ ئاساسىي پاكىت شۇكى، ئامېرىكا تەرەپ ئالدى بىلەن تەيۋەن مەسىلىسىدە جۇڭگو تەرەپكە ئىغۋاگەرچىلىك قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ئوچۇقتىن ئوچۇق دەخلى - تەرۇز قىلدى. ئامېرىكا تەرەپ، پارلامېنت باشلىقىنىڭ تەيۋەنگە بېرىشىدا ئىلگىرىمۇ مىسال بار دەپ جار سالدى، لېكىن ئەڭ ئاساسىي داۋلى شۇكى، ئىلگىرىكى خاتالىق بۈگۈنكى قايتا سادىر قىلىشنىڭ باھانىسى بولالمايدۇ. ئامېرىكا تەرەپ، ئۈچ ھوقۇق ئايرىۋېتىلگەن، پارلامېنتنى چەكلىيەلمەيمىز دەپ جار سالدى، لېكىن ئەڭ ئاساسىي خەلقئارا قانۇن مىزانى شۇكى، ئامېرىكا چوقۇم ئۆزىنىڭ خەلقئارا بۇرچىنى ئادا قىلىشى كېرەك، بولۇپمۇ مۇھىم سىياسىي شەخسلەرنىڭ باشباشتاقلىق قىلىشىغا تېخىمۇ بولمايدۇ. ئامېرىكا تەرەپ يەنە، جۇڭگونىڭ بىرلىككە كېلىشكە ئىنتىلىشىنى تەيۋەنگە قارىتىلغان «تەھدىت» دەپ جار سالدى، لېكىن ئەڭ ئاساسىي لوگىكا شۇكى، تەيۋەن جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، تەيۋەن مەسىلىسى پۈتۈنلەي جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشى. جۇڭگو تەرەپنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدىشى، دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى تۇرۇشى ئورۇنلۇق، قانۇنلۇق، ئىگىلمەس ھەقىقەت.

مەن شۇنى تەكىتلەيمەنكى، بىر جۇڭگو پىرىنسىپى تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنىڭ كۈچلۈك مۇقىملاشتۇرغۇچىسى، ئۈچ قوشما ئاخبارات جۇڭگو - ئامېرىكىنىڭ تىنچلىقتا بىللە تۇرۇشىدىكى ھەقىقىي «بىخەتەرلىك رېشاتكىسى». «ئامېرىكىغا تايىنىپ مۇستەقىل بولۇشقا ئۇرۇنۇش» ھالاكەت يولى بولۇپ، «تەيۋەن ئارقىلىق جۇڭگونى توسۇش» چوقۇم مەغلۇپ بولىدۇ. دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت مىللەتنىڭ ھەققانىيەت ئىشلىرى ئالدىدا، جۇڭگولۇقلاردا ياۋۇزلاردىن قورقمايدىغان، ئالۋاستىلاردىن قورقمايدىغان شىجائەت، ھېچنېمىدىن قورقمايدىغان، بېسىم ئالدىدا باش ئەگمەيدىغان جاسارەت، ھەممە بىر نىيەتتە بولۇپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىدىغان قەتئىي ئىرادە، تېخىمۇ مۇھىمى دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، مىللەتنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىنى قەتئىي قوغدايدىغان ئىقتىدار بار.