پېلوسىنىڭ تەيۋەنگە تىمىسقىلاپ بارغانلىقى توغرىسىدا ئامېرىكا تەرەپ بىلەن كەسكىن سۆزلەشتى ۋە كۈچلۈك ئېتىراز بىلدۈردى

日期:2022年08月05日
来源:新疆日报网
【字体:

جۇڭگونىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى −

پېلوسىنىڭ تەيۋەنگە تىمىسقىلاپ بارغانلىقى توغرىسىدا ئامېرىكا تەرەپ بىلەن كەسكىن سۆزلەشتى ۋە كۈچلۈك ئېتىراز بىلدۈردى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ۋاشىنگتون، 8 - ئاينىڭ 2 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار يەن لياڭ، دېڭ شيەنلەي) جۇڭگونىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى چىن گاڭ 8 - ئاينىڭ 2 - كۈنى ئامېرىكا پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى پېلوسىنىڭ جۇڭگو تەيۋەن رايونىغا تىمىسقىلاپ بارغانلىقى توغرىسىدا ئامېرىكا ئاقساراي دۆلەت خەۋپسىزلىكى كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەن بىلەن كەسكىن سۆزلەشتى، كۈچلۈك ئېتىراز بىلدۈردى.

چىن گاڭ مۇنداق بىلدۈردى: ئامېرىكا تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ قايتا - قايتا كەسكىن سۆزلىشىشى ۋە قەتئىي قارشى تۇرۇشىغا قارىماي، ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى پېلوسىنىڭ تەيۋەنگە تىمىسقىلاپ بېرىشىنى ئۆكتەملىك بىلەن ئورۇنلاشتۇردى. بۇ ئامېرىكىنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىدىكى پاسسىپ يۆنىلىشىنىڭ ئىغىر، زور دەرىجىدە ئۆسۈشى بولۇپ، بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ۋە جۇڭگو - ئامېرىكا ئۈچ قوشما ئاخباراتىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىپ، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ سىياسىي ئاساسىنى ئېغىر دەرىجىدە زەربىگە ئۇچرىتىپ، جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ئېغىر دەرىجىدە دەخلى - تەرۇز قىلىپ، تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچى كۈچلىرىگە ئېغىر دەرىجىدە خاتا سىگنال تارقاتتى، خاراكتېرى ئىنتايىن قەبىھ، خەۋپى ئىنتايىن زور، تەسىرى ئىنتايىن ناچار. جۇڭگو تەرەپ كۈچلۈك ئەيىبلەيدۇ ۋە كۈچلۈك ئېتىراز بىلدۈرىدۇ.

چىن گاڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بىر جۇڭگو پىرىنسىپى جۇڭگو ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ سىياسىي ئاساسى ۋە تەيۋەن مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى ئەڭ تۈپ قوللانما. ئامېرىكا پارلامېنتى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قاتتىق ئەمەل قىلىشى، جۇڭگو تەيۋەن رايونى بىلەن ھۆكۈمەت تەرەپ ئىشلىرى بويىچە ھېچقانداق ئالاقە قىلماسلىقى كېرەك. ئامېرىكا تەرەپ بىر جۇڭگو سىياسىتىنى ئۆزگەرتمەسلىك، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»نى قوللىماسلىق قاتارلىق ۋەدىسىنى كۆپ قېتىم تەكىتلىدى، ھازىر ئامېرىكا پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى تەيۋەنگە تىمىسقىلاپ بېرىپ جۇڭگو تەرەپكە ئىغۋاگەرچىلىك قىلدى. ئامېرىكا تەرەپنىڭ بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ۋە جۇڭگو - ئامېرىكا ئۈچ قوشما ئاخباراتىدىكى بەلگىلىمىلەر توغرىسىدا بەرگەن ۋەدىسى قېنى؟ ئامېرىكا تەرەپنىڭ «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»نى قوللىماسلىق توغرىسىدا بەرگەن ۋەدىسى قېنى؟ ئامېرىكا تەرەپنىڭ خەلقئارا مەجبۇرىيىتى توغرىسىدا بەرگەن ۋەدىسى قېنى؟ ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى، لەۋزىدە تۇرماي، كىرىزىس پەيدا قىلىپ، تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغىنى باشقا بىرى ئەمەس، دەل ئامېرىكا تەرەپ!

چىن گاڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگونىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قەتئىي قوغداش 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگو خەلقىنىڭ قەتئىي ئىرادىسى. خەلق رايىغا خىلاپلىق قىلىشقا بولمايدۇ، ئوتنى كىم تۇتسا شۇنىڭ قولى كۆيىدۇ! جۇڭگونىڭ تولۇق بىرلىككە كېلىشى توسۇپ قالغىلى بولمايدىغان تارىخىي چوڭ يۈزلىنىش، جۇڭگو خەلقى بوزەك بولمايدۇ! جۇڭخۇا مىللىتى ھاقارەتكە چىداپ تۇرالمايدۇ! جۇڭگونىڭ تولۇق بىرلىككە كېلىشىگە توسقۇنلۇق قىلىشقا ئۇرۇنىدىغان ھەرقانداق سۇيىقەست مۇقەررەر مەغلۇپ بولىدۇ! جۇڭگو تەرەپ مۇقەررەر قەتئىي تاقابىل تۇرىدۇ ۋە كۈچلۈك قايتۇرما زەربە بېرىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىدۇ، بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان بارلىق ئېغىر ئاقىۋەتكە جەزمەن ئامېرىكا تەرەپ ۋە «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچى كۈچلىرى مەسئۇل بولۇشى كېرەك.

چىن گاڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ ئامېرىكا تەرەپنى «تەيۋەن قارتىسى»نى ئويناپ «تەيۋەن ئارقىلىق جۇڭگونى توسۇش» بىلەن شۇغۇللىنىشنى توختىتىپ، خاتا ئۇسۇلىنى دەرھال تۈزىتىپ، پېلوسىنىڭ تەيۋەن رايونىغا تىمىسقىلاپ بېرىشىنىڭ ناچار تەسىرىنى باشقۇرۇش، تىزگىنلەش ۋە تۈگىتىشكە، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا خەتەرلىك، ئىغۋاگەرچىلىك قىلمىشلىرى ئارقىلىق جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە خەۋپسىزلىكىگە دەخلى - تەرۇز قىلىدىغان ئىشلارنى قىلماسلىققا، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق زۇڭتۇڭ بايدېن ئوتتۇرىغا قويغان «تۆتنى قىلماسلىق، بىردىن ساقلىنىش» ۋەدىسىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كەسكىن دەۋەت قىلىدۇ.

چىن گاڭ 8 - ئاينىڭ 2 - كۈنى ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: 25 يىل ئىلگىرى شۇ چاغدىكى ئامېرىكا پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى كىنرىچنىڭ تەيۋەن رايونىغا تىمىسقىلاپ بارغانلىقىنىڭ ئۆزى تامامەن خاتا، جۇڭگو تەرەپ باشتىلا قەتئىي قارشى تۇرغان. ئامېرىكا تەرەپ بۇنىڭدىن ساۋاق ئېلىشى، شۇنداقلا كەينى - كەينىدىن خاتالىق ئۆتكۈزمەسلىكى، خاتالىق ئۈستىگە خاتالىق ئۆتكۈزمەسلىكى كېرەك.

چىن گاڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو تەرەپ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداشقا تامامەن ھوقۇقلۇق، بارلىق زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا تامامەن ھەقلىق. ھازىرقى ۋەزىيەتنى پۈتۈنلەي ئامېرىكا تەرەپ كەلتۈرۈپ چىقارغان، ئەلۋەتتە ئامېرىكا تەرەپ مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: يېقىندىن بۇيان جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ھەرگىز قاراپ تۇرمايدىغانلىقىنى، جۇڭگو ئارمىيەسىنىڭ مەسئۇلىيىتىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قەتئىي قوغداش ئىكەنلىكىنى ھەم بۇنىڭ ئۈچۈن چوقۇم بارلىق قەتئىي، كۈچلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىدىغانلىقىنى قايتا - قايتا بىلدۈردى.