گوۋۇيۈەن تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسى پېلوسى ئېقىمىدىكىلەرنى رەسمىي يوسۇندا ئاگاھلاندۇردى: «دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق»نى «خۇسۇسىي مال» ئورنىدا كۆرسە، كىشىلەرنىڭ مەنسىتمەسلىكىگە ئۇچرايدۇ، خالاس

日期:2022年08月05日
来源:新疆日报网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 - ئاينىڭ 3 - كۈنى تېلېگراممىسى پېلوسىنىڭ تەيۋەنگە تىمىسقىلاپ بارغان مەزگىلدە ئاتالمىش «كىشىلىك ھوقۇق، مىنيۈن» ئۇنسۇرلىرى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىگە قارىتا، گوۋۇيۈەن تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى ما شياۋگۇاڭ 8 - ئاينىڭ 3 - كۈنى مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە مۇنداق بىلدۈردى: پېلوسى ئېقىمىدىكىلەرنى رەسمىي يوسۇندا شۇنداق ئاگاھلاندۇرىمىزكى، «دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق»نى «خۇسۇسىي مال» ئورنىدا كۆرسە، كىشىلەرنىڭ مەنسىتمەسلىكىگە ئۇچرايدۇ، خالاس؛ مىنجىنداڭ دائىرىلىرىگە رەسمىي يوسۇندا ئۇقتۇرىمىزكى، «دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق»نى دەستەك قىلىپ جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرنى ئۆزىگە تارتىپ، ئىككى قىرغاقنى قارشىلىشىشقا قۇترىتىپ، دۆلەتنى پارچىلاش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان قىلمىش ئەمەلگە ئاشمايدۇ.

بىر مۇخبىر مۇنداق سورىدى: خەۋەر قىلىنىشىچە، پېلوسى 8 - ئاينىڭ 3 - كۈنى تەيۋەندىكى «جىڭمېي كىشىلىك ھوقۇق مەدەنىيەت باغچە رايونى»غا تىمىسقىلاپ بېرىپ، ئاتالمىش «كىشىلىك ھوقۇق، مىنيۈن» ئۇنسۇرلىرى بىلەن كۆرۈشكەن. بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىسىز؟ ما شياۋگۇاڭ بۇنىڭغا يۇقىرىقىدەك جاۋاب بەردى.

ما شياۋگۇاڭ مۇنداق دېدى: بۇ پېلوسىنىڭ ئىزچىل جۇڭگوغا قارشى تۇرۇش، كوممۇنىستىك پارتىيەگە قارشى تۇرۇش مەيدانى ۋە ئىدېئولوگىيەدىكى بىر تەرەپلىمە قاراشنى ئاساس قىلىپ، مىنجىنداڭ دائىرىلىرىنىڭ ماسلىشىشى بىلەن ئوينىغان يەنە بىر كۈلكىلىك ئويۇنى.

ما شياۋگۇاڭ مۇنداق بىلدۈردى: ھەممىگە ئايانكى، پېلوسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئامېرىكىدىكى جۇڭگوغا قارشى سىياسەتۋازلار ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتىكى رەزىللىكلىرىنى كۆرمەسكە سېلىپ، ئۇزاقتىن بۇيان ئاتالمىش «دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق»نى سىياسىيلاشتۇرۇپ، ۋاسىتىلەشتۈرۈپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشىغا خالىغانچە ئارىلىشىپ، ھەممىلا جايدا زىددىيەت، توقۇنۇش پەيدا قىلىپ، دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىيات ئىشلىرىغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلدى. ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلىمى باشلىناي دەپ قالدى، پېلوسى جەمەتىدە سەتچىلىكلەر ئۈزۈلمىدى، ئۇ تەيۋەن مەسىلىسىدە ئوتتۇرىغا چىقارغان ئاتالمىش «دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق» دەستىكى پەقەت ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىنى كۆزلەشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئۇ يانتاياق بولغان، قۇتراتقۇلۇق قىلغان بۇ بىر نەچچە كىشىنىڭ بەزىلىرى جۇڭگوغا قارشى ئۇنسۇرلار، بەزىلىرى شياڭگاڭنى قالايمىقانلاشتۇرغان كۈچلەر، بەزىلىرى دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇش جىنايىتى ئۆتكۈزگەن جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەنلەر بولۇپ، ئۇلار ئەسلىدىنلا ئامېرىكىدىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان قورال ۋە قورچاق. مىنجىنداڭ دائىرىلىرىنىڭ ئاغزىدىكى ئاتالمىش «دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق» بولسا ئۇلارنىڭ «جۇڭگوغا قارشى تۇرۇش، جۇڭگو بىلەن تىركىشىش»، «مۇستەقىل» بولۇشنى كۆزلەپ ئىغۋاگەرچىلىك توغدۇرۇشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىدىغان «ئۇيات لاتىسى».