گۇيجوۋ چىشۈي: يازلىق تەتىللىك ساياھەت قىزىپ كەتتى

日期:2022年08月04日
来源:新疆日报网
【字体:

8-ئاينىڭ 3-كۈنى، ساياھەتچىلەر چىشۈي دەنشيا ساياھەت رايونىدىكى چوڭ شارقىراتمىدا سەيلە قىلماقتا.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان،فەن خۇي فوتوسى)

يازلىق تەتىلنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، گۇيجوۋ ئۆلكىسى چىشۈي شەھىرىنىڭ ھەرقايسى مەنزىرە رايونلىرىدا ساياھەتچىلەر كۆرۈنەرلىك كۆپىيىپ، ساياھەت بازىرى تەدرىجىي جانلاندى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چىشۈي شەھىرى ساياھەت يۈرۈشلۈك ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ساياھەت كەسپىنى يۆلەش بويىچە بىر قاتار ئېتىبار بېرىش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنى بۇ يەرگە كېلىپ ساياھەت قىلىشقا جەلپ قىلدى، ساياھەت بازىرىنىڭ قايتاجانلىنىشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى.

8-ئاينىڭ 3-كۈنى، ساياھەتچىلەر چىشۈي دەنشيا ساياھەت رايونىدىكى چوڭ شارقىراتمىدا سەيلە قىلماقتا.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان،ۋاڭ چاڭيۈ فوتوسى)

8-ئاينىڭ 3-كۈنى، ساياھەتچىلەر چىشۈي جۇخەي دۆلەت ئورمان باغچىسىدا سەيلە قىلماقتا.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان،ۋاڭ چاڭيۈ فوتوسى)

«خەلق تورى»دىن تەرجىمە قىلىندى