2-ئاينىڭ 7-كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى شاڭخەي يۈيۈەن باغچىسىدا بايراملىق بېزەك بۇيۇملىرىنى تاللاپ سېتىۋالماقتا.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: چاغان يېقىنلاشقانچە شاڭخەي شەھىرىدە بايرام كەيپىياتى كۈنسېرى قويۇقلاشتى. كىشىلەر بەس-بەستە سىرتقا چىقىپ چاغان مەنزىرىسىنى ھېس قىلىپ، چاغانلىق مال سېتىۋېلىپ، چاغاننىڭ يېتىپ كېلىشىنى كۈتۈۋالدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ شياڭ فوتوسى
2-ئاينىڭ 7-كۈنى، شەھەر ئاھالىسى نەنجىڭ يولى پىيادىلەر كوچىسىنىڭ يېنىدا ئالتۇن كالا ھەيكىلىنى سۈرەتكە تارتماقتا.
2-ئاينىڭ 7-كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى شاڭخەي يۈيۈەندە سەيلە قىلماقتا.
2-ئاينىڭ 7-كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى شاڭخەي يۈيۈەن باغچىسىدا كالا يىلى باش تېما قىلىنغان مەنزىرىنى تاماشا قىلماقتا.