ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش ئۈچۈن جەزمەن ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تېز ئالغا سىلجىتىش كېرەك

日期:2020年04月12日
来源:天山网
【字体:

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

ئىچكى ئېھتىياجنى كۈچەپ كېڭەيتىش، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تېز ئالغا سىلجىتىش ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى چوڭ ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك، خەلق تۇرمۇشى كاپالىتى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىققا مۇناسىۋەتلىك، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك، دۆلىتىمىزنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشىگە ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ مۇقىملىقىغا مۇناسىۋەتلىك.

4 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى ۋە پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش دوكلاتىنى ئاڭلىدى، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىش ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلدى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى دائىملاشتۇرۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنى تەتقىق قىلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى دائىملاشتۇرۇشتا ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كېلىشىنى تېز ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى چىڭ تۇتۇپ ھەل قىلىپ، تىرىشىپ يۇقۇم كەلتۈرۈپ چىقارغان زىياننى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىشتىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ھازىر دۆلىتىمىزنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى باسقۇچ خاراكتېرلىك نەتىجە - ئۈنۈمى يەنىمۇ مۇستەھكەملەندى، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە مۇھىم ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ ئايلىنىش تەرتىپى تېز ئەسلىگە كەلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، خەلقئارادا يۇقۇم سىجىل يامراپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ چېكىنىش خەۋپ - خەتىرى كۈچىيىپ، مۇقىمسىزلىق، ئېنىقسىزلىق ئامىللىرى كۆرۈنەرلىك كۆپەيدى. دۆلىتىمىزنىڭ يۇقۇمنىڭ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بېسىمى ئۈزلۈكسىز زورىيىۋاتىدۇ، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى يېڭى قىيىنچىلىق ۋە خىرىسقا دۇچ كەلدى. كەسكىن، مۇرەككەپ بولغان خەلقئارا يۇقۇم ئەھۋالى ۋە دۇنيا ئىقتىسادى ۋەزىيىتى ئالدىدا، جەزمەن تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، تاشقى مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشىگە بىرقەدەر ئۇزاق ۋاقىت تاقابىل تۇرۇش ئىدىيە تەييارلىقى ۋە خىزمەت تەييارلىقىنى ياخشى قىلىش كېرەك. بۇنىڭدىكى ئىنتايىن مۇھىم بىر نۇقتا ئىچكى ئېھتىياجنى كۈچەپ كېڭەيتىش، بۇ، بىز تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشتا تۈپ مەۋقە قىلىدىغان نۇقتا، شۇنداقلا دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمىنى يېنىكلىتىشتە ئاساسلىق كۈچەيدىغان نۇقتا. خەلقئارا ئىقتىساد - سودا ھەرىكەتلىرى ئېغىر زەربىگە ئۇچرىغان ئەھۋالدا، بېسىمنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇشقا ماھىر بولۇپ، پۇرسەتنى تۇتۇشقا ۋە يارىتىشقا ماھىر بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ بازار ئەۋزەللىكى ۋە ئىچكى ئېھتىياج يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق قوزغىتىپ، دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ غايەت زور يوشۇرۇن كۈچى ۋە قۇدرەتلىك ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى تولۇق قويۇپ بەرگەندە، تاشقى مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ سىجىل ساغلام راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار جەزمەن دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىسادىي ۋەزىيەتتە يۈزبەرگەن يېڭى مۇھىم، زور ئۆزگىرىشلەرنى توغرا ئىگىلەپ، قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈشى كېرەك.

ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تېز ئالغا سىلجىتىش ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى. ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىشقا ئورۇنلىشىشنى مۇقىملاشتۇرغانلىق، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرغانلىقتۇر. پەقەت يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنىڭ نورماللىشىشىنى تېزدىن ئىشقا ئاشۇرغاندىلا، ئاندىن ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلغىلى، ئاندىن ئىشقا ئورۇنلىشىشنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى، ئاندىن ئاھالىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، ئىستېمال ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئىشەنچىنى ئۇرغۇتقىلى بولىدۇ. ھازىر دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىق زورايماقتا، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر جەزمەن تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، قەتئىي تۈردە ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ «تېزلىتىش كۇنۇپكىسى»نى بېسىپ، قەتئىي تۈردە ۋاقىتنى تولۇقلىۋېلىشى، زىياننى تولدۇرۇۋېلىشى كېرەك. شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ۋاقىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئەلالاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈرلۈك چارىلەر بىلەن ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە پايدىلىق شارائىت يارىتىپ، كەسىپ ئايلىنىشى، بازار ئايلىنىشى، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ ئايلىنىشىنى پۇرسەتنى كەتكۈزۈپ قويماي راۋانلاشتۇرۇش كېرەك. ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، قىيىنچىلىقى بار ساھەلەر ۋە ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنى يۆلەشنى كۈچەيتىپ، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىش، دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە كۈچلۈك، تەرتىپلىك تۈرتكە بولۇپ، تۈرلۈك سودا سارايلار، بازارلاردا ئىشنى، بازارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، تۇرمۇش مۇلازىمەت كەسپىنىڭ نورمال تىجارىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى قىيىن نۇقتا، توسۇق نۇقتىلارنى پائال تۈگىتىپ، پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىدە بىرلىشىپ ھەرىكەتكە كېلىپ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

رەقىبلەر تار يولدا دوقۇرۇشۇپ قالغاندا قورقمىغىنى يېڭىدۇ، قانچە جاپالىق، خەتەرلىك بولغانسېرى شۇنچە ئالغا ئىلگىرىلەش كېرەك. جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئەزەلدىن ئوڭۇشلۇق بولۇۋەرمىگەن، بەلكى خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش داۋامىدا ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورايغان. پەقەت بىز جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى قويۇپ بېرىپ، تەرەققىيات يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى قوزغىتىپ، ئىچكى ئېھتىياجنى ئۈنۈملۈك كېڭەيتىش ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ كۈچلۈك ئەسلىگە قايتىشىغا تۈرتكە بولساقلا، چوقۇم كۆز ئالدىمىزدىكى قىيىنچىلىق، خىرىسلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئاچالايمىز.

(4 - ئاينىڭ 11 - كۈنىدىكى «خەلق گېزىتى»گە بېسىلغان)