چاغاندا سەرخىل ساياھەتچىلىك ھەممىنى خۇشال قىلدى

日期:2019年02月10日
来源:天山网
【字体:

   چاغاندا، شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ساياھەت مەنزىرە رايونلىرى ۋە نۇقتىلىرى باش تېمىسى روشەن، ئالاھىدە مەدەنىيەت ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ھەرخىل ساياھەت پائالىيەتلىرىنى يولغا قويۇپ ساياھەتچىلەرنى چاغان خۇشاللىقىغا چۆمدۈردى.

پارقىراق ھەم سۈزۈك قار-مۇز، قويۇق بايرام پۇرىقى نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنى شىنجاڭغا كېلىپ بايرام ئۆتكۈزۈشكە جەلب قىلدى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە: 2-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن 7-كۈنىگىچە، شىنجاڭ 1 مىليون 952 مىڭ 500 ئادەم قېتىم ساياھەتچىنى كۈتىۋالغان بولۇپ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %73.14 ئاشقان؛ ساياھەتچىلىكتىن قىلىنغان كىرىم 2 مىليارد 397 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %78.08 ئاشقان، ساياھەت ئىستىمالى كىشى بېشىغا 1227.66 يۈەن بولغان.