چاغانلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرى كۆپەيتىلىدۇ

日期:2019年02月01日
来源:天山网
【字体:

ماتېرىيال سۈرەت

مۇخبىرىمىز جاۋ مېي خەۋىرى: 1-ئاينىڭ 31-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ھەر قايسى ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىدىن ئىگىلىشىچە، ئالتايدىن جېڭجوۋدا توختاپ گۇاڭجوۋغا ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى، ئۈرۈمچىدىن سەنياغا ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى، ئۈرۈمچى-يىچاڭ-خاڭجوۋ، ئۈرۈمچى-چۇڭچىڭ-سىدنىيغا ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرى ئارقا-ئارقىدىن ئېچىلىۋېتىپتۇ.

چاغان مەزگىلىدە، خەينەن ئاۋىياتسىيەسىمۇ ئۈرۈمچىدىن سەنياغا بىۋاسىتە ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى، ئۈرۈمچى-يىچاڭ-خاڭجوۋ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى كۆپەيتىدىغان بولۇپ، كۈندە بىر نۆۋەت ئۇچىدىكەن.

ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيە شىركىتى ئۈرۈمچى-شاڭخەي پۇدۇڭ، ئۈرۈمچى-ۋۇخەن-جېياڭ قاتارلىق ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىنى ئارقا-ئارقىدىن ئېچىپ نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنى كۆپەيتكەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۈرۈمچى-قاراماي، قاراماي-لەنجوۋ-بوئاۋغا تەكرار ئۇچىدىكەن، شۇنداقلا ئۈرۈمچى-قەشقەر ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ نۆۋەتچى سانىنى ئاشۇرىدىكەن. ئۈرۈمچىدىكى ئاۋىياتسىيە خادىمى مۇنداق دېدى: «چاغان مەزگىلىدە 6 ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى 368 نۆۋەتچى ئايرۇپىلاننى ئارقا-ئارقىدىن كۆپەيتتۇق.»