2019-يىللىق سايرام كۆلى قار-مۇز ساياھەت پەسلى پائالىيىتى باشلاندى

日期:2019年01月29日
来源:天山网
【字体:

1-ئاينىڭ 26-كۈنى، 2019-يىللىق جۇڭگو شىنجاڭ سايرام كۆلى قار-مۇز ساياھەت پەسلى پائالىيىتى باشلاندى، 10 مىڭدىن ئارتۇق شىنجاڭ ئىچى-سىرتىدىكىدىن كەلگەن ساياھەتچى سايرام كۆلىگە يىغىلىپ، سايرام كۆلىنىڭ قار-مۇز مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلاندى.

قار-مۇزلۇق سەھنىدە ئېسىل ئۇسسۇل نومۇرى ۋە مودا كىيىم كۆرگەزمىسى ئارقا-ئارقىدىن ئورۇندالدى، نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلار مۇزىكا رېتىمىغا ئەگىشىپ ئالقىش ساداسى ياڭراتتى. سەھنىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى بولسا ئاپئاق قارلىق تاغ بولۇپ، ناخشىچىلار قانغۇچە ناخشا ئېيتىشتى، گۈزەل مېلودىيە كۆل بويىدا ياڭراپ، مول مەدەنىيەت زىياپىتى تاماشىبىنلارنى قاتتىق ھاياجانغا سالدى.