ئالتاي تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە جايلاشقان قابا دەرياسىنىڭ بويلىرى تولىمۇ گۈزەل، ھاۋاسى ساپ بولۇپ، ئالتايدىكى ئەڭ گۈزەل جاينىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. قىشتىكى قابا بەئەينى چۆچەكلەر دۇنياسىغا ئوخشايدىغان بولۇپ، ھەرقانداق كىشنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىدۇ.