كۇچا ناھىيەسىدە تۇنجى نۆۋەتلىك قار-مۇز مەدەنىيەت ساياھەت بايرىمى باشلاندى

日期:2019年01月22日
来源:天山网
【字体:

كۇچا ناھىيەسىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك قار ـ مۇز مەدەنىيەت ـ ساياھەت بايرىمى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى ئۆرۈكزارلىق باغچىسىدىكى قار تېيىلىش مەيدانىدا باشلىنىپ، نەچچە مىڭ ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى.

كۇچا ناھىيەسىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى مىرزىگۈل مەمەت تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: كۇچا ناھىيەسىنىڭ ساياھەت بايلىقىنى تولۇق قېزىپ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىنى ساياھەت ئېچىش ئىشلىرىغا پائال قاتنىشىشقا يېتەكلەپ، «قەدىمكى كۈسەن . يىپەك يولىدىكى كۇچا»نى ساياھەتچىلىكتە تېخىمۇ تونۇتۇش مەقسىتىدە بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى ئۆتكۈزدۇق. بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەت داۋامىدا، «ساياھەت + كەسىپ»، «ساياھەت + مەدەنىيەت»، «ساياھەت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش»نى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۇچا ناھىيەسىدە پۈتۈن رايون ساياھىتى ۋە تۆت پەسىل ساياھەتچىلىكىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرىمىز.