تىيانشان بوغدا كۆلى 17- نۆۋەتلىك قار- مۇز مەنزىرىسى بايرىمى مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرى باشلىنىدۇ

日期:2018年12月14日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان بوغدا كۆلى 17- نۆۋەتلىك قار- مۇز مەنزىرىسى بايرىمى مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرى باشلىنىدۇ، بايرام مەزگىلىدە يەتتە تۈرلۈك ئاساسىي تېما پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈپ، دۆلەت ئىچى- سىرتىدىكى تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى جەلپ قىلىنىدۇ.

تىيانشان بوغدا كۆلى 17- نۆۋەتلىك قار - مۇز مەنزىرىسى بايرىمىنىڭ 1- تۈرلۈك باش تېما پائالىيىتى ـــ «چوڭ قازانلىق قوي گۆشى بايرىمى» 12-ئاينىڭ 22-كۈنى ئۆتكۈزۈلىدۇ، ئەڭ ئاخىرقى بىر تۈرلۈك پائالىيەت ــــ «چۆل - باياۋاندىكى ئانىلارنىڭ بوغدا كۆلى ساياھىتى» 2019- يىلى 3- ئاينىڭ ئاخىرى ئاخىرلىشىدۇ. قىشتا يەنە مۇز ئۈستى ئەجدىھا قولۋاق مۇسابىقىسى، مۇز ئۈستىدە گولىف توپ ئويناش، قار ئۈستىدە پۇتبول تىپىش قاتارلىق ئاساسىي تېمىدىكى پائالىيەتلەر ئۆتكۈزىلىدۇ.

بۇ نۆۋەتلىك قار - مۇز مەنزىرىسى بايرىمىنى شىنجاڭ بۇغدا كۆلى باشقۇرۇش كومىتېتى شىنجاڭدىكى يەتتە ساياھەت كوپىراتىپى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدۇ. جۇڭگو ياشلار ساياھەت كوپىراتىپى شىنجاڭ خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپى دۆلەت ئىچى ساياھەت شۆبە شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ما لى مۇنداق دېدى: بىز تىيانشان بوغدا كۆلىنىڭ قىش، ئەتىيازلىق تۈرلۈك ئاساسىي تېما پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىمىز. بۇ يىل بىز ئىككى تۈرلۈك ئاساسىي تېما پائالىيىتىگە تەييارلىق قىلدۇق. بىرى، چوڭ قازان قوي گۆشى بايرىمى، يەنە بىرى، لابا بايرىمىدا ئۇماچ ئىچىش پائالىيىتى، ئىككى تۈرلۈك پائالىيەتتە، قاتناشقان ئادەم سانىنى بىر مىڭ 500 گە يەتكۈزۈشنى نىشان قىلدۇق.

قار- مۇز مەنزىرىسى بايرىمى مەزگىلىدە، يەنە كۆرۈنمە چاستوتا ئارقىلىق دۇيىن ئىشلەش بويىچە مۇكاپاتلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ساياھەتچىلەرنىڭ مەنزىرە رايونىغا بېرىشىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، شىنجاڭ بوغدا كۆلى باشقۇرۇش كومىتېتى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شىمالىي شەھەر ئەتراپى يولۇچىلار بېكىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئاي ئاخىرىدا ئۈرۈمچىدىن تيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونىغا بىۋاسىتە بارىدىغان مەخسۇس لىنىيىسىنى يولغا قويىدۇ. شىنجاڭ بوغدا كۆلى باشقۇرۇش كومىتېتى تەشۋىقات - تەربىيە قانۇن - نىزام باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ليۇ لىكۇن مۇنداق دېدى: بىزنىڭ بۇ يىلقى قار - مۇز مەنزىرىسى تۈرلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشىمىز ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە يەنى تۈر كۆپ، قار تېيىلىش، ئارشاڭغا چۆمۈلۈش، كۆڭۈل ئېچىش، ئاممىۋى مەدەنىيەت تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى بار، يەنە ئوتتۇرىدا ساياھەت قىلىش، مۇز دەۋرىنى كېسىپ ئۆتۈشتەك كەچۈرمىشلەرمۇ بار.