قومۇل داخەيداۋ يارداڭلىقىنىڭ ئاجايىپ نەپىس، ھەيۋەتلىك مەنزىرىسى

日期:2018年11月15日
来源:天山网
【字体:

  ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز خوۋجېمىن خەۋىرى، فوتوسى: باش قىشتىن كېيىن قومۇل داخەيداۋ يارداڭلىقىدا يەنىلا نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنى كۆرگىلى بولىدۇ، ساياھەتچىلەر تاماشا قىلىش بىلەن بىرگە تەبىئەتنىڭ ئاجايىپ نەپىس، گۈزەللىكىنى ئىختىيارسىز ماختىشىدۇ.

  داخەيداۋ يارداڭلىقىدا قەدىمىي قەلئە، تۇرا، ئۆتەڭ، تارىختىن بۇرۇنقى ئىنسانلار تۇرالغۇسى خارابىسى، تاشقاتما تاغ، ئېزىتقۇ، قۇملۇق ياۋا تۆگە توپى ۋە كەم ئۇچرايدىغان جۇغراپىيەلىك يەر شەكلى جەملەنگەن. تۇرپاندىن يولغا چىقىپ، داخەيداۋدىن ئۆتۈپ دۇنخۇاڭغا بارغۇچە، يول بويى ئوخشىمىغان گۈزەل مەنزىرە ۋە ئۆرپ-ئادەتلەرنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ.

  چېچىلىپ ياتقان قۇم-شېغىللارنىڭ ئارىسىدا غەلىتە تاش ۋە ياقۇتلار بار بولۇپ، قېزىۋېلىنغان پتېروزاۋر دۇنيانى ھەيران قالدۇرغان، ئاجايىپ يەر شەكلى فوتو-سۈرەت ھەۋەسكارلىرى بېرىشنى ئارزۇ قىلىدىغان گۈزەل جاي بولۇپ، تۈركۈم-تۈركۈم ئېكسپېدىتسىيىچىلەرنى جەلپ قىلىدۇ. بۇ، داخەيداۋنىڭ ئۆزگىچە سېھرىي كۈچى.