جامبۇلاقتا قىشلىق ساياھەتچىلىكتىكى يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەر قانات يايدۇرۇلدى

日期:2018年11月13日
来源:天山网
【字体:

      شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى: گۇچۇڭ ناھىيەسىدىكى نۇرغۇن قوشماقلاشقان كادىرلار ۋە قوشماقلاشقان ئائىلىلەر، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونىمىز ئىچى-سىرتىدىكى ساياھەتچىلەر 11-ئاينىڭ 11-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بۇ جايدا ئۆتكۈزۈلگەن «قوش 11 جامبۇلاق تۇنجى نۆۋەتلىك قار-مۇز بايرىمى» پىيادە مېڭىش پائالىيىتى ۋە تۇنجى تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. بۇ جامبۇلاق مەنزىرە رايونىنىڭ قىشلىق ساياھەت يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرىنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، جامبۇلاق مەنزىرە رايونىنىڭ قىشلىق ساياھەت يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرى قارلىق موتسىكلىت، قار سىلجىش ئاپتوموبىلى، مۇز ئۈستى ۋېلىسىپىتى قاتارلىق قار تېيىلىش پائالىيەتلىرى، قار تېيىلىشنى ھېس قىلىش تۈرى، كارت ئاپتوموبىلىنى ھېس قىلىش تۈرى، مىللىي ئۆرپ-ئادەت ۋە ئۆيلىنىش ئادىتىنى ھېس قىلىش تۈرى، فوتو سۈرەت مۇسابىقىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.