1-ئاينىڭ باشلىرىدا، شىنجاڭ ئاقسۇ دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىغا ئارقا-ئارقىدىن قىشلىغىلى كەلگەن ئون نەچچە ئاق قۇنىڭ كۆل يۈزىدە بەھۇزۇر ئۈزۈپ ئۇسسۇلغا چۈشكەن كۆرۈنۈشى سوغۇق قىش پەسلىگە جانلىق تۈس قوشتى، بۇئاق قۇلارنىڭ ئۇدا يەتتە يىل بۇ سۇلۇق يەر باغچىسىدا قىشلىشى ھېسابلىنىدۇ.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاقسۇ ۋىلايىتى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، ئېكولوگىيە-مۇھىتنى تۈزەش ۋە قوغداش سالمىقىنى سىجىلكۈچەيتتى. 2024-يىلى، تەخمىنەن 100 مىڭ پەسىل قۇشى ۋە سۇ قۇشلىرى ئاقسۇ دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى، دولان دەرياسى بويىغا كېلىپ، گۈزەل ئېكولوگىيە يۆگىمە رەسىمىنى سىزىپ چىقتى.