导航切换

كۆركەم شىنجاڭ تاغلىرى丨ئاقتۇ ناھىيەسى مۇجى يېزىسىدىكى كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان گۈزەل قىش مەنزىرىسى

日期:2024年12月24日
来源:天山网
【字体:

ئاقتۇدا خىيالىي تۈسكە تولغان گۈزەل بىر مەنزىل بار، ئۇ بولسىمۇمۇجى يېزىسى. بۇ يەردىكى ھەر بىر سۇڭ يەر خۇددى تەبىئەت كۆڭۈل قويۇپ سىزغان يۆگىمە رەسىمگە ئوخشايدىغان بولۇپ، گۈزەل مەنزىرىسىكىشىنى مەپتۇن قىلىدۇ.

12-ئاينىڭ 13-كۈنى، مۇخبىر قىش كۈنلىرىدىكىمۇجى يېزىسىغا قەدەم قويغاندا، ئالدى بىلەن تۇتاش كەتكەن بىر-بىرى بىلەن بوي تالاشقان قارلىق تاغلارنى كۆردى.تاغلار خۇددى كۈمۈش رەڭلىك ساۋۇت كىيگەن گىگانت ئادەمگە ئوخشاش ئاسمان بىلەن يەر ئارىسىدا ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. يىغىندى قارلارقۇياش نۇرىدا ئالماستەك نۇر چېچىپ، ھەر بىر نۇقتىدىن كۆزنى قاماشتۇرىدىغان گۈزەللىكنامايان بولاتتى.بۇ قارلىق تاغلار مۇجى يېزىسىنىڭ ئەڭ سادىق قوغدىغۇچىلىرى بولۇپ، يىللارنىڭ ئۆتۈشى ۋە بۇ تۇپراقنىڭ ئۆزگىرىشىگە گۇۋاھچى بولماقتا ئىدى.



تاغ ئېتىكى بىر بىپايان تۇپراق. قىش كۈنلىرىدىكى قىروۋ ۋە قار تۇپراققا بىر قەۋەت قېلىن ئاق رەڭلىك تىۋىتلىق گىلەم سالغاندەك ئىدى، ئاندا-ساندا كۆرۈنۈپ قالغان قوڭۇر رەڭلىك تۇپراق ۋە سارغايغانئوت-چۆپلەر خۇددى تىۋىتلىق گىلەمگە كەشتىلەنگەن نەپىس گۈل نۇسخىلىرىغا ئوخشاش بۇ جاينىزىننەتلىگەنىدى.



مەنبە: ئاقتۇ ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

(ئاقتۇ ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىمۇخبىرى ئەلى ئەسقەر نۇرغازى)