جىمىسار ناھىيەسى «گۈل-گىياھ + ساياھەت» ئەندىزىسى توغرىسىدا ئىزدەندى ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇردى: ساياھەتچىلەر كۆپەيدى، گۈلچىلەر بېيىدى

日期:2019年05月15日
来源:天山网
【字体:

ناھىيەدىكى گۈل-گىياھ تېرىقچىلىق ئائىلىلىرى،تىجارەتچىلىرى بەس - بەستە ئۆزلىرىنىڭ پارنىكىدىكىياكى گۈل دۇكىنىدىكى تەشتەكتە ئۆستۈرۈلگەن ھەر خىل گۈل-گىياھلىرىنى كۆرگەزمە قىلىپ سېتىپ، مەنزىرە رايونىدىكى يارقىن نۇقتىغا ئايلاندى.

«گۈل-گىياھ + ساياھەت» كەسىپلەر تەرەققىيات ئەندىزىسىنىڭ گۈللىنىشى، ئىلگىرى نوقۇل ھالدا ئەنئەنىۋى زىرائەت تېرىقچىلىقى بىلەن شۇغۇللانغان تېرىقچىلارغا گۈل-گىياھ كەسپىنىتەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ «پايدا»سىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇردى.

4-ئاينىڭ 29-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جىمىسار ناھىيەسى چۈەنزىجيې بازىرىدىكى گۈل-گىياھ تېرىقچىلىق پارنىكىدا، گۈل سېتىۋالغان بىرقانچە ساياھەتچىگۈللەر ئارىسىداسۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرماقتا.

بۇ بىرقانچە كۈندە، جىمىسار ناھىيەسىنىڭ 3-نۆۋەتلىك زىتېڭ گۈل دېڭىزى لەگلەك بايرىمى بۇ ناھىيەنىڭ مىڭئۆي مەنزىرە رايونىدا ئۆتكۈزۈلۈپ، شىنجاڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى نۇرغۇنساياھەتچىنىبۇ جايغا كېلىپ ساياھەت قىلىشقا جەلپ قىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، ھازىر، جىمىسار ناھىيەسىدە گۈل-گىياھ تېرىقچىلىقى-تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار 600دىن ئارتۇق ئىكەن.«گۈل-گىياھ + ساياھەت» كەسىپلىرى تەرەققىيات ئەندىزىسىنىڭ گۈللىنىشى، ئىلگىرى نوقۇل ھالدا ئەنئەنىۋى زىرائەت تېرىقچىلىقى بىلەن شۇغۇللانغان تېرىقچىلارغا گۈل-گىياھكەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ «پايدا»سىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرغان.

يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان، جىمىسار ناھىيەسىدىكى %40 ساياھەت پائالىيىتىنىڭ ھەممىسى گۈل-گىياھ بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولدى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئەتىياز پەسلىدىكى باھار ۋە گۈل سەيلىسى، ئەتىرگۈل بايرىمى قاتارلىق پائالىيەتلەر جىمىسار ناھىيەسىنىڭ ھەر يىللىق ئەڭ قىزىق ساياھەت باش تېمىسىغا ئايلىنىپ بولدى. «گۈل-گىياھ + ساياھەت» يېڭى كەسىپ ھالىتىنىڭ ئىزچىل ياخشى بولۇۋاتقان تەرەققىيات ۋەزىيىتىگە قارىتا، جىمىسار ناھىيەسى بۇ يىل داۋاملىق «گۈل-گىياھ + ساياھەت» يۇغۇرما تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوخشاش بولمىغان پەسىلدىكى ئوخشاش بولمىغان گۈل-گىياھلارنىڭ چېچەك مەزگىلى ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ،گۈل-گىياھ بىلەن مۇناسىۋەتلىك كۆپلىگەن ساياھەت تۈرلىرىنى ئاچتى.

«پۈتۈن رايون ساياھىتىنىڭتەرەققىياتى گۈل-گىياھ كەسپىنىڭ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى، گۈل-گىياھ كەسپىنىڭ گۈللىنىشى پۈتۈن رايون ساياھىتىنىڭتەرەققىياتىغا يېڭى ھۆسىنقوشتى، بۇنىڭ بىلەن تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنىجەلپ قىلغىلى بولىدۇ» دېدى جىمىسار ناھىيەلىك ساياھەت تەرەققىيات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى شى دۇڭبىڭ.