导航切换

[سۈرەتتىكى شىنجاڭ] گۇچۇڭ ناھىيەسى جىڭنىڭ باغچىسى: تۇمان سۆڭگىسى يۈشۇ دەرىخىنى قاپلىدى قىزىل مېۋىلەر شاخلارغا لىق تولدى

日期:2024年12月03日
来源:天山网
【字体:

11-ئاينىڭ 28-كۈنى، شىنجاڭ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى گۇچۇڭ ناھىيەسىنىڭ جىڭنىڭ باغچىسىدا، سانجاق-سانجاق دەرەخلەر يالتىراپ تۇرغان مۇز كىرىستاللىرى بىلەن چىڭ ئورالغان بولۇپ، خۇددى چىرايلىق كۈمۈش شايى يېپىنچاقلىۋالغاندەك كۆزنى قاماشتۇرۇپ تۇراتتى. ئارىسىغا ھۆسن قوشۇپ تۇرغان قىزىل مېۋىلەر تۇمان سۆڭگىسى ئاستىدا كۆڭۈل قويۇپ ئۆتكۈزۈلگەن تىزىق-تىزىق تاڭخۇلۇغا ئوخشايتتى، ھەم كۆزنى قاماشتۇراتتى، ھەم كىشىنىڭ ئاغزىغا سېرىق سۇ كەلتۈرەتتى.

قىشتىكى ئىللىق قۇياش نۇرىنىڭ چۈشۈشى بىلەن،بۇ تۇمان سۆڭگىسى مەنزىرىسى تېخىمۇ جۇلالىنىپ، ھەربىر پارچە مۇز كىرىستالى خۇددى قۇياش نۇرى ئاستىدا سەكرەۋاتقاندەك كىشىنى مەپتۇن قىلغۇدەك چاقنايتتى. ئورمانلىقتىكى چىغىر يولدا ماڭغاندا، كىشىلەر خۇددى چۆچەكلەردىكى خىيالىي دۇنياغا كىرىپ قالغاندەك، ھەر بىر قەدىمى خۇشاللىق ۋە شېئىرىي تۈسكە تولغانىدى.