تولى يېزىسىدىكى «سېرىنگۈل چوڭ يولى»دا گۈللەر بەس-بەستە ئېچىلدى

日期:2019年05月13日
来源:天山网
【字体:

5-ئاينىڭ 8-كۈنى، ساياھەتچىلەر تولى يېزىسى تەۋەسىدىكىS103 لىنىيەسىدىكى يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى سېرىنگۈل گۈللۈكىدەگۈل تاماشاسى قىلماقتا.

ئۇزۇنلۇقى10 كىلومېتىر كېلىدىغان يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدا، سېرىنگۈللەر بەس-بەستە ئېچىلىپ، سۆسۈن، ھال رەڭ، ئاق رەڭلىك گۈللەرنىڭ خۇش ھىدى ئەتراپقا تارالدى.

5-ئاينىڭ 8-كۈنى، مۇخبىر ئاپتوموبىل ھەيدەپ ليەنيۈنگاڭ - قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدىن ئەيۋېرگۇجىلغىسىغا تەرەپكە قاراپ يۈرۈپ، S103 لىنىيەسىنى بويلاپ ئۈرۈمچى ناھىيەسى تولى يېزىسىغا كىردى، تەخمىنەن 5 مىنۇتتىن كېيىن، يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى سېرىنگۈل كۆزگە چېلىقىشقا باشلىدى.

2011-يىلىدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى ناھىيەلىك پارتكوم ۋە ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتىئارقا-ئارقىدىن بۇ يەرگە سوغۇققا، قۇرغاقچىلىققا چىداملىق سېرىنگۈل تېرىدى، ھازىر يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى گۈل تېرىلغان كۆلەم 6300 مو بولدى. تولى يېزىلىق پارتكومنىڭ ئەزاسى جاڭ جيەنيۈننىڭ دېيىشىچە، ھازىر بۇ يەر گۈل بىلەن زىننەتلەنگەن «سېرىنگۈليولى» بولۇپ قالغان.

تاماشا قىلىش لىنىيەسى: شەھەر رايونىدىن ئاپتوموبىل ھەيدەپ يولغا چىقىپ، ساي يولى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدىن تۇرپان – ئۈرۈمچى – داخۇاڭشەنيۇقىرى دەرىجىلىك تاشيولى ئۇلانباي ھەق ئېلىش پونكىتىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئىككى كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا ئەيۋېرگۇچىقىش ئېغىزىدىن S103 لىنىيەسىگە قاراپمېڭىپ، تەخمىنەن 15 كىلومېتىر يول يۈرگەندىن كېيىن يېتىپ بارغىلى بولىدۇ ياكى شەھەر رايونىدىن ئاپتوموبىل ھەيدەپ ئۈرۈمچى ناھىيەسى شۈيشىگۇ بازىرىدىن تولى يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتىگەيېتىپ كەلسىمۇ بولىدۇ.