كۆكتوقاي مەنزىرە رايونى ساياھەت كۈنى پائالىيىتىنى يولغا قويدى

日期:2019年05月11日
来源:天山网
【字体:

5-ئاينىڭ 6-كۈنى، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ كۆكتوقاي مەنزىرە رايونى تىجارەت بۆلۈمىدىن ئىگىلىشىچە، «19-ماي جۇڭگو ساياھەت كۈنى»نى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن، كۆكتوقاي مەنزىرە رايونى يۈرۈشلۈك باش تېما پائالىيىتىنى يولغا قويغان.

باش تېما پائالىيىتى «كۆكتوقاي لوڭقىسى» 2-نۆۋەتلىك مىڭ كىشىلىك چوڭ تىپتىكى پىيادە مېڭىش مۇسابىقىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. پىيادە مېڭىش مۇسابىقىسىنىڭ ۋاقتى 5-ئاينىڭ 19-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دىن سائەت 12دىن 30غىچە بولىدىكەن، پىيادە مېڭىش ئورنى كۆكتوقاي مەنزىرە رايونى باۋشى جىلغىسى ئىكەن.

مۇسابىقىدە 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتتىن ئۈچى، 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتتىن ئۈچى، 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتتىن تۆتى باھالاپ چىقىلىدىكەن. مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلەر ئۈچۈن نەپس سوۋغاتلارنى تەييارلىغان.

تىزىملىتىش ۋاقتى 5-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن 16-كۈنىگىچە بولۇپ، سان توشسىلا ئاياغلىشىدىكەن. يېشى 18 ياشتىن 50 ياش ئارىلىقىدا بولغان، ساغلام كىشىلەر تىزىملاتسا بولىدىكەن. تېلېفوندا تىزىملاتقۇچىلار 18615331217، 13361409501، 8728810-0906غا تېلېفون ئۇرۇپ؛ ئۈندىداردا تىزىملاتقۇچىلار شىنجاڭ كۆكتوقاي مەنزىرە رايونى ئورگان ئۈندىدارى (XJKKTH)نى قوشۇپ توردا تىزىملاتسا بولىدىكەن.

پائالىيەت مەزگىلىدە، يەنە «كۆكتوقاي بىلەن ئۇچرىشىشىم بار» تېمىسىدىكى يان تېلېفون فوتو-سۈرەت ئەسەرلىرىنى توپلاش پائالىيىتىگە قاتنىشىشقىمۇ بولىدىكەن، سىز يان تېلېفونىڭىزنى ئېلىپ، نەزەرىڭىزدىكى گۈزەل مەنزىرىلەرنى سۈرەتكە تارتىپ، فوتو-سۈرەت ئەسەرلىرى بىلەن 100 خەت دائىرىسىدىكى بىر بۆلەك يېزىقنى 2230037218، 188654769 نومۇرلۇقqqئېلخەت ساندۇقىغا ئەۋەتسىڭىز بولىدىكەن.

تاللانغان ئەسەرلەر 5-ئاينىڭ باشلىرىدا «ئالىقاندىكى كۆكتوقاي» ئۈندىدار سۇپىسى، دوۋيىن، مىكرو بىلوگىدا كۆرگەزمە قىلىنىدىكەن. ئالاقىدار ئاپتورلار كۆكتوقاي مەنزىرە رايونى ئەۋەتكەن قاتتىق مۇقاۋىلىق خاتىرە رەسىملەر توپلىمىدىن بىر نۇسخىغا ئېرىشەلەيدىكەن.

بۇنىڭدىن باشقا، 5-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن 19-كۈنىگىچە، كۆكتوقاي ئۆز ئاپتوموبىل مەخسۇس ئايلانما لىنىيە ساياھىتى باشلىنىدىكەن، ساياھەتچىلەر پائالىيەت مەزگىلىدە ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ مەنزىرە رايونىغا كىرەلەيدىكەن(ھەر كۈنى بەش كىشىلىك ياكى يەتتە كىشىلىكتىن تۆۋەن ئاپتوموبىللاردىن بولۇپ 30 ئاپتوموبىل بىلەن چەكلىنىدۇ).