30 مىڭ ساياھەتچى شىخەنزە شاپتۇل چېچىكى بايرىمىدىن زوقلاندى

日期:2019年05月08日
来源:天山网
【字体:

4-ئاينىڭ 20-كۈنى، جۇڭگو توغاچ شاپتۇل ماكانى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 8-شىسى 143-تۈەنىدىكى 6300 مودىن ئارتۇق شاپتۇللۇق خۇش پۇراققا تولۇپ، چىرايلىق شاپتۇل چېچەكلىرى 30 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچىنى چېچەك سەيلىسى قىلىشقا جەلپ قىلدى. شۇ كۈنى، جۇڭگو شىنجاڭ (شىخەنزە) 13-نۆۋەتلىك ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مەدەنىيەت شاپتۇل چېچىكى بايرىمى 8-شى 143-تۈەنگە جايلاشقان دۆلەت 4A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى تاۋيۈەن ساياھەت رايونىدا باشلاندى.

بىر تەرەپتە، شاپتۇل چېچىكى باش تېما قىلىنغان ئەدەبىيات-سەنئەت ئويۇنى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلسا؛ يېقىن ئەتراپتىكى شاپتۇللۇقتا، توپ-توپ ساياھەتچىلەر چېچەكزارلىقتىن مېھرىنى ئۈزەلمەي قالدى. «بەك گۈزەل ئىكەن!» خۇنەنلىك ساياھەتچى جياڭ خانىم ئۈچ دوستى بىلەن بىرلىكتە چېچەك كۆرگىلى كەلگەن ئىدى. ئۇلار يەنە باغۋەنچىلىك يولىنىڭ يېنىدىكى ساياھەت تاۋارلىرى بازىرىدىن شۇ جايدىكى دېھقانلار ياسىغان شاپتۇل ياغىچى ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرىنى سېتىۋالدى.

ساياھەتچىلەرنىڭ كېلىشى بىلەن بازاردا مېۋە سېتىۋاتقان 143-تۈەن 9-ليەندىكى دېھقان لاۋ جاۋ ئادەتتىن تاشقىرى خۇشال بولدى، ئۇ 8 مو يەرگە توغاچ شاپتۇل ئۆستۈرگەن بولۇپ، چېچەك بايرىمىدىن پايدىلىنىپ، كىچىك سودا قىلدى، «چۈشتىن ئىلگىرىلا 500 يۈەن تاپتىم، ساياھەتچىلەر شاپتۇللۇقىمغا كېلىپ چېچەك تاماشاسى قىلدى، يەنە مېۋىلىرىمنى سېتىۋالدى.» دېدى ئۇ، بۇلتۇر ئۇ شاپتۇل ئۆستۈرۈشكە تايىنىپ 100 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلغان.

شىخەنزە شەھەرلىك ساياھەت ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ھەر يىلى شاپتۇل چېچىكى بايرىمى 200 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچىنى جەلپ قىلىپ، شۇ جايدىكى دېھقان ئائىلىلىرىگە بايلىق ئېلىپ كەلدى.