شۇنچە كۆپ «زېرەكچاق»لار كەلدى، ئاقسۇ ۋىلايىتىدە پەسىل قۇشلىرى ئۇسسۇلغا چۈشتى

日期:2023年12月11日
来源:天山网
【字体:

قىش كىرگەندىن كېيىن، ئاقسۇ ۋىلايىتى زور بىر تۈركۈم قىشلايدىغان پەسىل قۇشلىرىنى كۈتۈۋالدى. دەريا ساھىلى، كۆل، سۇلۇق يەرلەردە توپ-توپقارنىلار قانات قېقىپ پەرۋاز قىلدى،ئاق قۇلار ئىككى-ئۈچتىن بولۇپ بەخىرامان ئۈزۈپ يۈردى، ياۋا ئۆردەكلەر توپ-توپ بولۇپ كۆكتە پەرۋاز قىلدى... ئاستا-ئاستا قىش شامىلى چىقتى، تۇتاش كەتكەن قومۇشلارنىڭ ئىرغاڭلىغان ھالىتى كۆك ئاسمان بىلەن زۇمرەتتەك سۇدا ئەكس ئېتىپ، پەرۋاز قىلىۋاتقان «زېرەكچاق»لاربىلەن بىر پارچە گۈزەل ئېكولوگىيە رەسىمىنى سىزىپ چىقتى.

كۇچا شەھىرىنىڭ ياقا بازىرىدىكى ئېكولوگىيەلىك سۇلۇق يەر ھاڭگىرت، يېشىل باش ئۆردەك، كۈلرەڭ ئۆردەك قاتارلىق ياۋا ئۆردەكلەرنى قىش ئۆتكۈزۈشكە جەلپ قىلدى.ئىختىيارىي مۇخبىريۈەن خۇەنخۇەنفوتوسى

كۇچا شەھىرى تارىم بازىرىدىكى بايىز كۆلى سۇلۇق يېرىدە توپ-توپ قارنىلار سۇ يۈزىدىن ئۇچۇپ چىقتى. ئىختىيارىي مۇخبىرخۇ رېنجيېفوتوسى

ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ توشقان دەرياسى سۇلۇق يېرىدە، پەسىل قۇشلىرى ئۇچۇپ يۈرمەكتە. ئىختىيارىي مۇخبىرجاڭ خېفوتوسى

رەڭلىك تورغاي دەرەخ شېخىدا ئارام ئالماقتا. ئىختىيارىي مۇخبىردا مافوتوسى

ياۋا غازلار توپ بولۇپ ئۇچماقتا. ئىختىيارىي مۇخبىرجاڭ چىڭفوتوسى

ئاق قۇلار كۇچا شەھىرى تارىم بازىرىدىكى بايىز كۆلىدە ئەركىن ئۈزۈپ يۈرمەكتە. ئىختىيارىي مۇخبىرخۇ رېنجيېفوتوسى

ئاق قۇلار كۇچا شەھىرى تارىم بازىرىدىكى بايىز كۆلىدە ئەركىن ئۈزۈپ يۈرمەكتە. ئىختىيارىي مۇخبىرخۇ رېنجيېفوتوسى

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى