كۈنەستە پىڭگۇلار «ئېچىلدى» تېز كېلىپ تېتىپ بېقىڭ

日期:2023年12月11日
来源:天山网
【字体:

11-ئاينىڭ 28-كۈنى، كۈنەس ناھىيەسى بەشتۆپە يېزىسىنىڭ پارنىك تېرىقچىلىق بازىسىدىكى يېمەكلىك زەمبۇرۇغى پارنىكىدا، رەت-رەت زەمبۇرۇغ خالتىلىرى رەتلىك تىزىلغان، سۇلۇق پىڭگۇلارخالتىنى يېرىپ چىققانىدى، يېڭى، يۇمرانھەم تولۇق بولۇپ، ئۆسۈش ئەھۋالى كىشىنى خۇشال قىلاتتى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كۈنەس ناھىيەسى خاس تەبىئىي بايلىق ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك خاس ئىقتىسادىي زىرائەت تېرىقچىلىقىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، يېزا -كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە ھاياتىي كۈچ قوشتى. (ئىختىيارىي مۇخبىرلارجاڭ ۋېنتىڭ، ساۋ شياۋجۈەن، دەي يامېي)

كەنت ئاھالىلىرى زەمبۇرۇغ ئۇرۇقىنى ئارىلاشتۇرماقتا.پىڭگۇنىڭ ئۆسۈش دەۋرى قىسقا، مەبلەغ ئاز كېتىدۇ، ئۈنۈمى تېز، پەرۋىش قىلىش نىسبەتەن ئاددىي، پايدىسى مۇقىم ھەم كۆپ.

كەنت ئاھالىلىرى پىڭگۇلارنى ئۈزۈپ سېۋەتكە قاچىلىماقتا.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى