مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر مىسال! سايرام كۆلى تىزىملىككە كىردى

日期:2023年11月08日
来源:天山网
【字体:

يېقىندا

ئېكولوگىيە-مۇھىت مىنىستىرلىقى

مەملىكەت بويىچە 2-تۈركۈمدىكى 38 گۈزەل دەريا-كۆل مۇنەۋۋەر مىسالىنى ئېلان قىلدى

بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكىسايرام كۆلى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تىزىملىككە كىرگۈزۈلدى

بۇ، شىنجاڭدىكى دەريا-كۆللەرنىڭ

تۇنجى قېتىم مەملىكەت بويىچە گۈزەل دەريا-كۆل مۇنەۋۋەر مىسالى قاتارىغا كىرگۈزۈلۈشى ھېسابلىنىدۇ

سايرام كۆلىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى.

جوۋيۆخۇا فوتوسى

گۈزەل دەريا-كۆللەر گۈزەل جۇڭگونىڭ سۇ ئېكولوگىيە-مۇھىت ساھەسىدىكى مەركەزلىك ئىپادىسى ۋە مۇھىم ۋاسىتە.ئېكولوگىيە-مۇھىت مىنىستىرلىقىنىڭ گۈزەل دەريا-كۆللەرنى قوغداش ۋە قۇرۇشقا ئالاقىدار پايدىلىنىش كۆرسەتكۈچىگە ئاساسەن، گۈزەل دەريا-كۆللەر«سۈيى سۈزۈك، قىرغاقلىرى يېشىل، بېلىقلار بەخىرامان ئۈزۈش»كە ئۇيغۇن بولغان مەنزىل بولۇپ، سۇ بايلىقى، سۇ ئېكولوگىيەسى، سۇ مۇھىتى قاتارلىق ۋادا ئامىلى سىستېمىسىنى قوغداشتا ياخشى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرگەن،خەلق ئاممىسىنىڭ ئېكولوگىيە-مۇھىت جەھەتتىكىئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك ئاشقان، ئادەم بىلەن سۇنىڭ ئىناقلىقى ئىشقا ئاشۇرۇلغان دەريا-كۆللەرنى كۆرسىتىدۇ.2022-يىلى، ئېكولوگىيە-مۇھىت مىنىستىرلىقى تۇنجى تۈركۈمدىكى 18 گۈزەل دەريا-كۆل مۇنەۋۋەرمىسالىنى ئېلان قىلدى.بۇ قېتىم ئېكولوگىيە-مۇھىت مىنىستىرلىقى تاللاپ چىققان 38 مىسالنىڭ ھەرقايسىسى ئۆزگىچە خاسلىققائىگە بولۇپ، سۇ بايلىقى، سۇ مۇھىتى، سۇ ئېكولوگىيەسىنى تۈزەشنى بىرتۇتاش پىلانلاش جەھەتتە ياخشى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرگەن، سۇ ئېكولوگىيە-مۇھىتىنى قوغداشتىكى تىپىك مىسالبولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

سۈرەت مەنبەسى: بورتالا گېزىتى

سايرام كۆلى قار-مۇز سۇلىرىنىڭ بىرىكىشىدىن ھاسىل بولغان كۆل، سۇلۇق يەر، ئوتلاق، ئورمان، قارلىق تاغ، مۇزلۇق ۋە ئەتىۋارلىق قۇشلار بىر گەۋدە قىلىنغان شىنجاڭدىكى تۇنجى دۆلەت دەرىجىلىك سۇلۇق يەر باغچىسى، دۆلەت5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى.

سۈرەت مەنبەسى: بورتالا گېزىتى

سايرام كۆلى تەبىئەتۋە تارىخ ئىنسانىيەتكە قالدۇرغان قىممەتلىك شۇنداقلا قايتا ھاسىل بولمايدىغان ئېكولوگىيە بايلىقى بولۇپ، ئەسلىي قىياپىتى، مۇكەممەللىكىۋە جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش قىممىتىگە ئىگە. ئەتىۋارلىق، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ۋە مۇھىم، زور پەن-تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە ئاچقۇچلۇق ئۆسۈملۈكلەر 64 خىلغا يېتىدۇ،ئاچقۇچلۇقھايۋانلار تۈرى 124 خىلغا يېتىدۇ،ئەتراپتا 110 خىلدىن ئارتۇق ياۋايى ھايۋان ياشايدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت نۇقتىلىق قوغدايدىغان ھايۋاندىن 30 خىلدىن ئارتۇقى بار.

سۈرەت مەنبەسى: بورتالا گېزىتى

گۈزەل دەريا-كۆل مۇنەۋۋەر مىسالىغا ئىلتىماس قىلغاندىنبۇيان،سايرام كۆلى سۇلۇق يەرنى قوغداش رايونى پاسىل قوزۇقى قاتارلىق ئەسلىھەلەرنى تەسىس قىلدى، ئاق قۇلار ياشايدىغان جايغارىشاتكا ئورنىتىپ،يادرولۇق قوغداش رايونى ئىچىدەچارۋا بېقىشنى چەكلەش، ئوتلاقنى ئارام ئالدۇرۇش، نۆۋەتلەشتۈرۈپ چارۋا بېقىش ۋە ئوتلاق بىلەن چارۋىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ پەرۋىش قىلىش، بېقىشتۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈردى.ھازىرغا قەدەر،كۆل ئەتراپىدىكى چارۋا بېقىشچەكلەنگەن كۆلەمجەمئىي 425 مىڭ موغا يەتتى.

سۈرەت مەنبەسى: بورتالا گېزىتى

شۇنىڭ بىلەن بىللە، سايرام كۆلىدە دۆلەت كونترول قىلىدىغان سۇ سۈپىتىنى ئاپتوماتىك كۆزىتىپ ئۆلچەشپونكىتى، زىيانلىق جانلىقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كۆزىتىپ ئۆلچەشتەجرىبىخانىسى، قۇشلارنى كۆزىتىش نۇقتىسى، ياۋايى ھايۋانلارنى قۇتقۇزۇش پونكىتى، سۇ رايى، سۇ سۈپىتىنى ئۆلچەش پونكىتى، ئوتلاق چېكەتكە ئاپىتى، چاشقان ئاپىتىنى كۆزىتىپ ئۆلچەشسىستېمىسى قاتارلىقلارقۇرۇلۇپ، كۆل قىرغىقىبەلبېغىنىڭ ئېكولوگىيە-مۇھىت سىستېمىسىنى قوغداش ۋە ئۇنىۋېرسال تۈزەشبىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىلىپ، شىنجاڭچە خاسلىققائىگە گۈزەل دەريا-كۆللەرنى قوغداش بىلەن «يېشىل تەرەققىيات»نىڭ ياخشى سۈپەتلىك يۇغۇرۇلۇشىتىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

«شىنجاڭ گېزىتى»ۋىيشىن ئاممىۋى نومۇرىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى