يېرىمى سۇلۇق يەر، يېرىمى شەھەر

日期:2023年06月21日
来源:天山网
【字体:

ئارىشاڭ ناھىيەسى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى. جاڭ گوبىن فوتوسى

ئارشاڭ ناھىيەسى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ئارشاڭ ناھىيەسى ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى بورتالا دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىن بۆلىكىگە جايلاشقان، شەھەر ئايلانما يولىغا يېقىن، سازلىق تۈرىدىكى سۇلۇق يەرگە تەۋە، ئوكسىگېن يېتەرلىك، ھاۋاسى قىشتا ئىللىق، يازدا سالقىن، تۆت پەسلى يېقىشلىق بولۇپ، «ئارشاڭ ئۆپكىسى» دېگەن گۈزەل نامى بار. بۇ يەردە 50 نەچچە خىل تەبىئىي ئۆسۈملۈك، 30 نەچچە خىل قۇش تۈرى، يەنە بېلىق، سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار، ئۆمىلىگۈچى ھايۋانلار، قوش ماكانلىق ھايۋانلار ھەمدە نۇرغۇن ھاشارات قاتارلىقلار بار.