شىنجاڭ ئىلى: خەلق ساقچىلىرى چارۋىچىلارنىڭ بىخەتەر يايلاق كۆچۈشىگە ياردەم بەردى

日期:2023年04月25日
来源:天山网
【字体:

تېمپېراتۇرىنىڭ تەدرىجىي ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭ ئىلى چېگراسىدىكى دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز رايونلاردىكى قار-مۇزلار ئېرىپ، ئوتلاقلار بارا-بارا كۆكەردى، شۇ جايدا ياشاۋاتقان چارۋىچىلار ئارقا-ئارقىدىن يىلدا بىر قېتىم كېلىدىغان ئەتىيازلىق يايلاق كۆچۈشكە باشلىدى. 2023-يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى، شىنجاڭ ئىلى چېگرا باشقۇرۇش تارماق ئەترىتى قىزىل چازا چېگرا ساقچىخانىسىدىكى ئات مىنىش تەجرىبىسى مول ئۈچ خەلق (ياردەمچى) ساقچىسىدىن تەشكىللەنگەن «ئات ئۈستىدىكى چارۋا قوغداش ئەترىتى» يېمەكلىك، كۈندىلىك ئىشلىتىلىدىغان دورا قاتارلىق ماددىي ئەشيالارنى ئېلىپ، چارۋىچىلارنىڭ يايلاق كۆچۈش جەريانىدا يولۇققان ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، پۈتۈن مۇساپىدە ئىز بېسىپ قوغداپ يۈرۈپ، چارۋىچىلار ۋە قوي پادىلىرىنىڭ چارۋىچىلىق مەيدانىغا بىخەتەر يېتىپ بېرىشىغا ياردەم بەردى.

ۋاڭ پېڭفېيفوتوسى (خەلق سۈرەت تورى)

«خەلق تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى