导航切换

يولدا مەنزىرە كۆرۈش S21 لىنىيەسىدە قاتناش بىلەن ساياھەت يۇغۇرۇلۇپ يەنە يېڭى چارە تېپىلدى

日期:2023年03月21日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ جىڭجىڭ) 3-ئاينىڭ 9-كۈنى، 6-نۆۋەتلىك جۇڭگو ساياھەت-قاتناش يىغىنىدا، شىنجاڭ S21 (ئالتاي-ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى) لىنىيەسى قاتناش بىلەن ساياھەتنى يۇغۇرۇش ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى «2022-يىللىق مەملىكەتلىك قاتناش بىلەن ساياھەتنى يۇغۇرۇش يېڭىلىق يارىتىش تۈرى» بولۇپ باھالاندى. «بۇ يىل بىز يەنە يۇقىرى سۈرئەتلىك يول مەنزىرە كارىدورى بەرپا قىلىش، خاسلىققا ئىگە مەنزىرىگەيېتەكلەش سىستېمىسىنى كۆپەيتىپ قۇرۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق S21نى شىنجاڭدىكى <تېز كىرىپ ئاستا ساياھەت قىلىدىغان> يۇقىرى سۈرئەتلىك يول ئۈلگە كۆرسىتىش ئۈلگىسىگە ئايلاندۇرىمىز» دېدى شىنجاڭ قاتناش مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى ئالتاي-ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك يول چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مۇدىرى، باش دېرىكتورى جاڭ چىرۇي.

3-ئاينىڭ 9-كۈنى، 6-نۆۋەتلىك جۇڭگو ساياھەت-قاتناش يىغىنىدا، شىنجاڭ S21 قاتناش بىلەن ساياھەتنى يۇغۇرۇش ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى «2022-يىللىق مەملىكەتلىك قاتناش بىلەن ساياھەتنى يۇغۇرۇش يېڭىلىق يارىتىش تۈرى» بولۇپ باھالاندى.

جاڭ شىنيۈەن فوتوسى

S21 ئالتاي-ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى مەملىكەت بويىچە تۇنجى قاتناش بىلەن ساياھەت چوڭقۇر يۇغۇرۇلغان قۇملۇق ئېكسپېدىتسىيە ساياھىتى ئۈلگە كۆرسىتىش يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى بولۇپ،قۇربانتۇڭغۇت قۇملۇقى بىلەنجۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ مەركىزىنى كېسىپ ئۆتىدۇ، لىنىيە بويىدا تەبىئىي بايلىقلار مول، قۇملۇق مەنزىرىسى، قاقاسلىق مەنزىرىسى، زامانىۋى ساياھەت يېزا ئىگىلىكى، يارداڭ يەر شەكلى قاتارلىقلار يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنى بويلاپ بىر–بىرلەپ نامايان بولىدۇ، سىرتتىكى مەنزىرىلەرنى كۆچۈرۈپ كېلىش، مەنزىرىلەرنى يۇغۇرۇشقاتارلىق شەكىللەرئارقىلىق، S21 لىنىيەسى يول ئارقىلىق مەنزىرىگە يېتەكلەپ، مەنزىرە ئارقىلىق لىنىيەلەرنى تۇتاشتۇرۇپ، «يول»نى گۈزەل مەنزىرە لىنىيەسىگە ئايلاندۇردى. قاتناش باشلانغان بىر يىلدا، S21 لىنىيەسىدە قاتنىغان ئاپتوموبىلجەمئىي590 مىڭغا يېتىپ، شىمالىي شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى.

جىلىخۇ كۆلى مۇلازىمەت رايونى بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىنىڭ جىلىخۇ كۆلىگە يېقىن بولۇپ، كەچكى شەپەقتە شەپەق نۇرى سۇبىلەنئوخشاش رەڭگە كىرىپ، ئىنتايىن گۈزەلتۈسكەكىرىدۇ. بۇ يىل، S21 لىنىيەسى ئالتاي-ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى بۇ ئەۋزەللىكتىن پايدىلىنىپ، مۇلازىمەت رايونىدا كۈن پېتىش مەنزىرىسىنى كۆرىدىغانتوردا ئالقىشلانغان ئورۇنتەسىس قىلىش ھەمدە قىسقا سىن، بىۋاسىتە كۆرسىتىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، كۆپچىلىكنى ئاۋۋال «بۇلۇت»تا مەنزىرىدىن ھۇزۇرلىنىش، ئاندىن ئۆز كۆزى بىلەن رەسىمدىكىدەك گۈزەل مەنزىرىنىكۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

بۇ يىل، S21 لىنىيەسى جىلىخۇ كۆلى مۇلازىمەت رايونىدا كۈن پېتىش مەنزىرىسى لاگىرى بەرپا قىلىنىدۇ.

جاڭ شىنيۈەن فوتوسى

قارامايلى مۇلازىمەت رايونى S21 لىنىيەسى ئالتاي-ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ ئوتتۇرا بۆلىكىگە، قۇربانتۇڭغۇت قۇملۇقىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان، ئالاقىدار تارماقلاربۇ يەردىكى قۇملۇق باغچىسى ۋەدالىدا قونۇشبازىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، مۇلازىمەت رايونى بىلەن ساياھەت مەنزىرە رايونىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، كېپىنەكسىمان ئۆزگىرىش ئېففېكتىشەكىللەندۈرۈپ، ساياھەتچىلەرگە مۇلازىمەت رايونىدا قۇملۇق مەنزىرىسىنى تېخىمۇ يېقىن ئارىلىقتىن ھېس قىلدۇردى.

ئۇنىڭدىن باشقا، S21 لىنىيەسى ئالتاي-ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى يەنە يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنى ئۆلچەملەشتۈرۈش بەلگە سىستېمىسى ئاساسىدا،خاسلىققا ئىگەبولغان مەنزىرىگەيېتەكچىلىك قىلىش سىستېمىسىنى مەخسۇس كۆپەيتىپ تەسىس قىلىدۇ، مەسىلەن:«ئالدى تەرەپتە ياۋايى ھايۋانلار پەيدا بولىدىغان جاي بار»«ئالدى تەرەپكە ماڭسىڭىز چۆل دېڭىزىغا كىرىسىز» قاتارلىق بەلگە تاختىلىرىنى ئورنىتىپ، كېلىپ-كېتىدىغان ساياھەتچىلەرنى خاسلىققا ئىگە مەنزىرە رايونىغا كىرىشكە ئەسكەرتىدۇ ھەمدە ساياھەتچىلەرنى يېقىن ئەتراپتىكى مۇلازىمەت رايونىنى تاللاپ توختاپ،مەنزىرە رايونىغا ئىچكىرىلەپ كىرىپ تاماشا قىلىشقا،ھېس قىلىپ بېقىشقايېتەكلەيدۇ. «بىز بۇ يىلقى شىنجاڭنىڭ ساياھەت تەرەققىياتىنىڭ يېڭى پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ‹قاتناش+› كەسىپلەرنى يۇغۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپS21 لىنىيەسى قاتناش بىلەن ساياھەتنى يۇغۇرۇش تۈرىنى يولغا قويۇشنىئالغا سىلجىتىپ، خاسلىققا ئىگە بولغان قاتناش بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىنىڭ يېڭى كەسىپ ھالىتىنى بەرپا قىلىمىز» دېدى جاڭ چىرۇي.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى