«شىنجاڭ ياخشى جاي» تېمىسىدىكى مەدەنىيەت - ساياھەت تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى تۇنجى بېكەت گۇاڭجوۋدا باشلاندى

日期:2023年03月19日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ھەبىبە خەۋەر قىلىدۇ: 3 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، «شىنجاڭ ياخشى جاي» تېمىسىدىكى مەدەنىيەت - ساياھەت تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ھەم مىليون گۇاڭدۇڭلۇق شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش پائالىيىتىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى گۇاڭجوۋ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى، شىنجاڭ ھەم گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىن كەلگەن ئالاقىدار مەدەنىيەت - ساياھەت كارخانىلىرى ۋە ساياھەت كوپىراتىپلىرىدىكى 200دىن ئارتۇق كىشى باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

مۇزلۇق ۋە قارلىق چوققىلار بىلەن بىپايان چۆل - باياۋانلار بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان تەبىئىي بايلىق، كولدۇرما ئاۋازى ياڭرىغان چېشى قەدىمىي يولى قاتارلىق ئادىمىيەت تارىخى، چەكسىز مەنزىرىلەرگە تولغان مايتاغ - كۇچا تاشيولى قاتارلىق سەرخىل ساياھەت لىنىيەلىرى، قان بىلەن ئوتتا تاۋلانغان قىزىل ساياھەت مەھسۇلاتلىرى... تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا ئالدى بىلەن شىنجاڭنىڭ ساياھەت بايلىقى ئومۇميۈزلۈك تونۇشتۇرۇلدى، ئىنتايىن گۈزەل شىنجاڭ يىغىنغا قاتناشقۇچىلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى. قەشقەر ۋىلايىتى، ئالتاي ۋىلايىتى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، تۇرپان شەھىرىمۇ ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئۆزلىرىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك مەدەنىيەت - ساياھەت بايلىقىنى چۆرىدەپ ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى.

تونۇشتۇرۇش يىغىنى نەق مەيدانىدا، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى جۇڭگو ياشلار ساياھەت كوپىراتىپى چەكلىك شىركىتى خەلقئارا بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى ئوۋياڭ ياڭ «شىنجاڭ مېنىڭ 2 - يۇرتۇم بولۇپ قالىدۇ» دېگەن ئۇچۇرنى دوستلار چەمبىرىكىگە چىقاردى. بۇ يىل 2 - ئايدا، ئۇ شىنجاڭغا كېلىپ ساياھەت لىنىيەسى نۇقتىسىنى تاللاشقا قاتناشتى، «شىنجاڭ بۈگۈنكى كۈندە ساياھەت ساھەسىدىكى <ئارزۇلۇق بالا> بولۇپ قالدى، داۋاملىق ئېچىشقا بولىدىغان نۇرغۇن ساياھەت لىنىيەسى بار، بولۇپمۇ شىنجاڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ساياھەت بازىرىدىكى مۇھىم ئالمىشىدىغان جاي بولۇش سۈپىتى بىلەن، يۇقىرى دەرىجىلىك نۇرغۇن خېرىدارنىڭ ئالدىن تاللىشىغا ئايلاندى. بىز شۇ جايدىكى ساياھەت كوپىراتىپلىرى بىلەن ئۇدۇللىشىپ، ھەرقايسى جايلاردىكى ساياھەتچىلەرگە ماس كېلىدىغان ساياھەت لىنىيەلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئېچىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى شىنجاڭغا رىشتە باغلاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز».

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ساياھەتچىلىكنىڭ مەدەنىيەت ئىچكى خاس مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، مەدەنىيەت تەسىراتىنى تېخىمۇ بېيىتتى، ئالاقىدار كەسىپ زەنجىرىنى تەدرىجىي ئۇزارتىپ، كەسىپ كۆلىمىنى سىجىل كېڭەيتتى. «شىنجاڭ بىلەن گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى تەبىئىي ئېكولوگىيە ۋە مىللەتلەر مەدەنىيىتى جەھەتتە ئوخشىماسلىقلارغا ئىگە بولۇپ، بازار ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور. بۇ قېتىم گۇاڭجوۋ شەھىرىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنىدىكى تۇنجى بېكەت قىلىشتا شىنجاڭنىڭ خاس سەرخىل ساياھەت لىنىيەلىرى ۋە يېڭىدىن بەرپا قىلغان مەدەنىيەت - ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى زور كۈچ بىلەن تونۇشتۇرۇپ، <شىنجاڭ ياخشى جاي> ناملىق بۇ ئالتۇن خەتلىك ۋىۋىسكىنى ئۈزلۈكسىز جۇلالاندۇرۇشنى مەقسەت قىلدۇق» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، نازىر گۈلى ئابلىم.

پائالىيەت نەق مەيدانىدا، شىنجاڭ مەدەنىيەت - ساياھەت مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك ساياھەت پاي كونترول گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى قاتارلىق ئۈچ مەدەنىيەت - ساياھەت كارخانىسى، ساياھەت كوپىراتىپى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى.

شۇ كۈنى، «مىليون گۇاڭدۇڭلۇق شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش» پائالىيىتى باشلاندى، بۇ پائالىيەت سىياسەت جەھەتتە ھەمتۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىش، «يىكاتۇڭ شىنجاڭ ساياھەت كارتىسى» ۋە ساياھەت ياردەم تولۇقلىمىسى تارقىتىش، ئەلا سۈپەتلىك مەدەنىيەت - ساياھەت كەسىپ تۈرلىرىنى تونۇشتۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق ئىككى جاينىڭ ئەلا سۈپەتلىك بايلىقىنى چوڭقۇر قېزىپ، ساياھەت ئىستېمالىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتىدۇ.

كېيىنكى قەدەمدە، «شىنجاڭ ياخشى جاي» تېمىسىدىكى مەدەنىيەت - ساياھەت تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى يەنە شيامېن، خاڭجوۋ، نەنجىڭ، شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلۈپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىگە شىنجاڭنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدۇرىدۇ.