بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئىككى ئېيىدا شىنجاڭدىكى قار تېيىلىش مەيدانلىرى 1 مىليون ئادەم قېتىمغا يېقىن ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى

日期:2023年03月14日
来源:天山网
【字体:

   ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ياۋ گاڭ خەۋەر قىلىدۇ) مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئىككى ئېيىدا پۈتۈن شىنجاڭدىكى S دەرىجىلىك 36 قار تېيىلىش مەيدانى جەمئىي 993 مىڭ 300 ئادەم قېتىم ساياھەتچىنى كۈتۈۋېلىپ، 105 مىليون يۈەن ساياھەت كىرىمى ياراتقان. بۇنىڭ ئىچىدە 5S، 4S قار تېيىلىش مەيدانلىرى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى جەمئىي 765 مىڭ 200 ئادەم قېتىمغا يېتىپ، S دەرىجىلىك قار تېيىلىش مەيدانلىرى كۈتۈۋالغان ئومۇمىي ئادەم سانىنىڭ %77.03ىنى ئىگىلەپ، ساياھەت كىرىمى 89 مىليون يۈەنگە يەتكەن.

 دۆربىلجىن ناھىيەسىدىكى ئېمىل قار تېيىلىش مەيدانى ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالدى.

تارباغاتاي ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى تەمىنلىگەن سۈرەت

  قار-مۇز ساياھىتى شىنجاڭلىقلارنىڭ 2023-يىللىق باھار بايرىمىلىق ساياھىتىدىكى قىزغىن تاللىشى بولۇپ قالدى، شۇنداقلا شىنجاڭ سىرتىدىن كەلگەن نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى. باھار بايرىمى مەزگىلىدە، ئالتاي شەھىرى جياڭجۈن تېغى خەلقارا قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونى، كۆكتوقاي ناھىيەسى كۆكتوقاي خەلقئارا قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونى، قۇم (جىكپۇلىن) خەلقئارا قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ قار تېيىلىش مەيدانى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 54 مىڭ 800 ئادەم  قېتىمغا يېتىپ، 2022- يىللىق باھار بايرىمى مەزگىلى بىلەن سېلىشتۇرغاندا %33 ئاشتى. يىپەك يولى خەلقئارا ئىستىراھەت رايونى 21 مىڭ ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋالدى.

 باھار بايرىمى مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى ناھىيەسىگە جايلاشقان يىپەك يولى خەلقئارا ئىستىراھەت رايونى قار تېيىلىش مەيدانىدا ساياھەتچىلەر ناھايىتى كۆپ بولدى.

جەي تىڭفېي فوتوسى

   «پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرى قار تېيىلىش مەيدانى، مۇز تېيىلىش مەيدانىنى چۆرىدەپ، قار-مۇز بايلىقىنى چوڭقۇر قېزىپ، خەلقنىڭ ئۆرپ-ئادىتى، بايرام پائالىيەتلىرى، تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىنى قىشلىق ساياھەتكە كىرگۈزۈپ، قار-مۇز ساياھىتىگە ھاياتىي كۈچ قوشتى» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت-ساياھەت نازارىتى بازار باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى ساۋ جىخۇي. ئاپتونوم رايونلۇق 1-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئالتاي ۋىلايىتىدە ئۆتكۈزۈلدى، باغراش كۆلى مەنزىرە رايونى بىلەن سايرام كۆلى مەنزىرە رايونى قار-مۇز ساياھىتى بىلەن باھار بايرىمىلىق ئۆرپ-ئادەت پائالىيىتى، تەنتەربىيە پائالىيىتىنى بىرلەشتۈرۈپ يېڭىلىق يارىتىپ، «قار-مۇز +»نى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاپئاق قارنى بايلىققا ئايلاندۇردى.

   ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت-ساياھەت نازارىتى بايلىق ئېچىش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جوۋ خاۋ مۇنداق دېدى: شىنجاڭدا ھازىر دۆلەت دەرىجىلىك قار تېيىلىش ساياھەت ئىستىراھەت ئورنىدىن ئۈچى بار، كېيىنكى قەدەمدە شىنجاڭدا قار تېيىلىش مەيدانلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قار تېيىلىش مەيدانلىرىنىڭ مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى ياخشىلاپ، قار-مۇز تەنھەرىكىتى، قار-مۇز ساياھىتىنى چۆرىدەپ، قار-مۇز ساياھەت ئىستىراھەت مەھسۇلاتلىرىنى ئېچىپ، كىشىلەرنىڭ كۆپ خىل قار-مۇز ساياھىتى ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ.